ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلە چۈشۈپ كىتىشتىكى سەۋەپلەر ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىيلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر
   ئەمىلىيەتتە، كۆپ قىسىم ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى ئىنىق ئەمەس بولۇپ، بەلكىم ھازىرقى تىبابەت شارائىتى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، كونكىرتنى سەۋەبىنى بىلگىلى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ھامىيلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ.
تۆرەلمە بىنورمال
   تۆرەلمىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈش، ئادەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرسىيەت گېنى، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى، ھامىيلە ھەمرىيى تۈكچىلىرى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئامىللاردىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، تۆرەلمىنىڭ نورمال يىتىلەلمەي قېلىشىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدار ئايالدىكى كىسەللىك
    ئەگەر ھامىلدار ئايالدا كۆپىيىش ئەزالىرى غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش بىنورمال بولۇش، قان تىپى ماسلاشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ، بىشارەت خارەكتىرلىك بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سېرىق تەن ئىقتىدارى بىنورمال
   سېرىق تەن ئىقتىدارى تۇلۇق بولماسلىق، تۇخۇمدان تۇخۇم ئىشلەپ چىقارغاندىن كىيىن شەكىللەنگەن سېرىق تەن ئىچكى ئاجرىلىش ئىقتىدارىنى تۇلۇق بولماسلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدارلىق گورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولماي، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاجرىلىپ چىقىپ ئۆزگىرىشىنىڭ يىتىشمەلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشغا پايدىسىز بولۇپ، تۇغماسلىق ياكى ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلى كىسەللىكلىرى
    ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئېغىر تىپتىكى يۇقۇملۇق كىسەل ياكى كىسەللىك ۋىرۇسى تەرپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان قىزىقپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، زەھەرلىك ماددىلار بەلكىم ھامىيلە ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىيلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھامىيلىنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىشىنى ھەمدە ئاخىرىدا ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بالىياتقۇ كىسەللىكلىرى
    ئەگەر ھامىلدار ئايالدا، بالىياتقۇسىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق، بالىياتقۇسى غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان بولۇش، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى بوشىشىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار بار بولسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىش مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشىنى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلىپ بىشارەت خارەكتىرلىك بويىدىن ئاجراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك؟
   بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى ھېچقانداق ئادەم خالىمايدۇ؛ شۇڭا، بويىدىن ئاجراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە نوقتىلاردىن باشلاش كىرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاسراش ئارقىلىق، تۆرەلمە سەۋەبىدىن بولمىغان بويىدىن ئاجراپ كىتىشنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
ئېغىر ئىش قىلماسلىق
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۆي ئىشلىرى قىلغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش، بەزىبىر ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەيدىغان دىگەنگە ئوخشاش ئېغىر ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش ياكى يۆتكەش قاتارلىق ھەرىكەتلەر، ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق ئىچى بوشلۇقى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىلىش ياكى ئۈسۈپ-سوقۇلۇپ بىرىشتىن ساقلىنىش
   ھامىلدار ئايال تۇرمۇش، خىزمەت ياكى سىرتقا چىقىش جەريانىدا، ئادەم كۆپ سورۇنلاردىن يېراق تۇرۇپ، ئۈسۈپ-سوقۇلۇپ بىرىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كىرەك. بۇندىن باشقا، ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيمەسلىكى ۋە بەزى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش
   كۆپىيىش ئەزاسىدا ياللۇغ ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىدىغان بولغاچقا، جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك؛ ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەن ئەھۋالدىمۇ، بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.
جىنىسي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش
   ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىيلە ھەمرىيىنىڭ ئورۇنلىشىشى مۇستەھكەم بولمىغاچقا، بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ تارىيىش، ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، جىسنىي تۇرمۇشنى قەتئى چەكلەش كىرەك. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، مۇۋاپىق تۈردە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ، ئەمما قېتىم سانى ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتقا قارىغاندا ئاز بولۇشى كىرەك. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش، قوساق قىسىمنىڭ بېسىلىپ بېسىمغا ئۇچرىشى ياكى بالىياتقۇ بوينىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ بالىياتقۇ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ شۇڭا، ھامىلدارلىق دەسلەپكى ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدە، جىسنىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش چەكلىنىدۇ.
ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان سورۇنلارغا ئازراق بېرىش، سىماپ، ئارسىن، بىنزول، فورمالدېگىد قاتارلىق خېمىيىلىك ماددىلار بار خىزمەت ۋە ئولتۇراق مۇھىتىدىن يېراق تۇرۇش لازىم.
ئازادە ھەم خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش لازىم؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، مۇزىكا ئاڭلاش ياكى سەيلە قىلىش ئارقىلىق، جىددىلىشىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلىشىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يىمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاش لازىم؛ بۇنىڭدا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى ۋە قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号