ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە يوغىناشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەرقانداق بىر ئائىلىگە يىڭى بوۋاق قوشۇلغاندىن كىيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بوۋاقنىڭ تىزراق ئۆسۈپ چوڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بوۋاققا ھەر جەھەتلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئادەتتە، يېشى كىچىك بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئىككى ئاي كۆرمەي بىر كۆرسەك، ئۇلارنى تۇيۇقىسزلا يوغىناپ ئىگىزلەپ كەتكەندەك ھىس قىلىمىز. بالىلار كىسەللىكى بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپ بىرىشىچە، ئەگەر بالىلاردا كىچىسى ئۇخلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يوغىناش مەزگىلىگە كىرگەنلىگىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
كىچىسى ئويغىنىپ كىتىدىغان قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىش
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار كۈندۈزلىرى ئويناپ ھېرىپ كىتىدىغان بولغاچقا، كىچىلىرى ئادەتتە قاتتىقراق ئۇخلايدۇ. بىراق، كىچىك بالىلار كىچىسى ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەدىنى بىر خىل ئۆسۈش ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بالىلار تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كىچىلىك ئۇيقۇ ئەھۋالى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ؛ يەنى، كىچىلىرى ئويغىنىپ تۇرۇپ كىتىدۇ، ياكى چالا ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋالدا، بەزىبىر كىچىك تەرىتى قىستاش، قوسىقى ئېچىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ چىقىش كىرەك. ئەگەر بالىلاردا بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىغان ئاساستا، ئۇلار كىچىسى تولا ئويغىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالسا، بۇ بالىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كىرەك.
كىچىسى سۈت ئىمىدىغان قېتىم سانى كۆپىيىش
    كىچىسى، بالىنىڭ تولا قوسىقى ئېچىپ ئويغىنىپ كەتسە ھەمدە سۈت ئىمىتىدىغان قېتىم سانى كۆپىيىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك. بۇ خىل ئەھۋال، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ تىز سۈرئەتتە يىتىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىك سىگنالى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.
كەچ تەرەپلىرىدە ھەمىشە پۇتۇم ئاغرىيدۇ دەپ خاپا قىلىش
    بالىلار تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن، كەچلىرى ئۇلارنىڭ يەنە پۇتى ئاغرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئۆيدە نىمە سەۋەپتىن پۇتى ئاغرىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمىسا، بالىنى دوختۇرغا ئېلىپ  بارساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرگەنلىك سەۋەبىدىن ئاغرىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلسە، ئۇنداقتا بالىغا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يوغىناپ ئىگىزلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号