ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى نىمىلەرگە باغلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئادەتتە قايسى ۋاقىتلاردا يوغىناشقا باشلايدۇ؟
    ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىناپ ھامىلدارلىقىنى ئىپادىلەپ چىقىشىنىڭ ئادەتتە مۇقىم بىر ۋاقتى بولمايدۇ، ئادەتتە ئاساسەن ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كىيىن ئاندىن يوغىناشقا باشلايدۇ. بىراق، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىككى ئايلىقتىلا قوسىقى يوغىناپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا بەش ئايلىق بولۇپ قالغاندىمۇ ئۇنچە بەك چېنىپ كەتمەيدۇ. يېقىندا توردا، چەتئەللىك بىر ھامىلدار ئايالنىڭ سۈرىتىنى كۆردۈم، ھامىلدار بولغىلى ئالتە ئايلىق بولغان بولسىمۇ، قوسىقى ئازراقمۇ يوغىنىمىغان ئىكەن.
    ھامىيلىنىڭ ئانىنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇمۇ بارغانسىرى چوڭىيىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا باش سۈيىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئاشقازاننىڭ كۆپۈشى قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوغىناپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ قوسىقى شۇنداق يوغىناپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ئۇنچە بەك كۆرۈنەرلىك يوغىنىمايدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.
ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن شەكلى
   ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىناپ كىتىشى، ئۇالرنىڭ بەدەن شەكلى ۋە بوي ئېگىزلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ جۇغى كىچىك، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى نىسبەتەن تىز بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئاسانلا يوغىناپ كىتىدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇرۇق ھەم ئېگىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىنىشى ئۇنچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
باش سۈيىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلۈكى
   ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەركۈنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ سۈيدۈكمۇ كۆپىيىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، باش سۈيى بولسا ئورگانىزىم سۇيۇقلۇقى ۋە ھامىيلىنىڭ سۈيدۈكىدىن تەشكىل تاپقان؛ شۇڭا ئەگەر سۈيدۈك كۆپەيسە، قوساق تەبىئىلا يوغىناپ كىتىدۇ.
ھامىيلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە كۆپكىزەككە ھامىلدار بولۇش
    ھامىيلىنىڭ بېشى ۋە پۇت-قوللىرى يىتىلىشكە باشلىغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى تەدرىجى ھالدا يوغىناپ بۆرتۈپ چىقىدۇ. ئەگەر ھامىيلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككى تەرەپ بويى ئېگىز بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بىرقەدەر بالدۇر يوغىناپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىيلىنىڭ قوشكىزەك ياكى كۆپكىزەك بولىشىمۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىناش ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ. قوشكىزەك ياكى كۆپكىزەك بولسا، يالغۇز بىر ھامىيلىگە قارىغاندا، قوساق ئەلۋەتتە كۆپ يوغىناپ كىتىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلى كىسەللىكلىرى
   ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلمىسا، قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كىتىدۇ ياكى ھامىلدارلىق دىئابىت كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ھامىيلەنىڭ كۆپ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈپ كۆپ سۈيدۈك شەكىللەندۈرۈشىنى پەيدا قىلىپ، باش سۈيى كۆپىيىپ كىتىدۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىمۇ تىزلا يوغىناپ كىتىدۇ.
ھەرىكەتلىنىش ئادىتى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، قانۇنىيەتلىك بولغان ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش پىلانى بار بولسا، ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ياخشى كونتىرول قىلالايدۇ. ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش ئادىتى بار ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ يوغىنىشى ئادەتتە نىسبەتەن كىيىنرەك بولىدۇ. ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئالتە ئايلىق بولغاندىمۇ قوسىقى يوغىنىمىغان ئايال، دەل ئۇزۇن يىل ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش ئادىتى بولغانلىق سەۋەبىدىن بولغان.
    ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ چوڭ كىچىك بولۇشىنىڭ قانداق تەسىرلىرى بار؟
    ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بەك كىچىك بولۇپ كەتسە ياكى بەك يوغىناپ كەتسە، ئوخشاشلا ياخشى ئەمەس. قوساق بەك يوغىناپ كەتسە، ئاسانلا باش سۈيىنىڭ بالدۇر تىشىلىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، ھامىيلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. تۇغۇتتىن كىيىن بولسا، بالىياتقۇ ئۇزۇن مەزگىل كۆپۈش ھالىتىدە تۇرغان بولغاچقا، بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقىغا تەسىر يىتىپ، يېغىلىپ تارىيشى تەسكە توختاپ قالىدۇ.
    ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بەك كىچىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم يىمەك-ئىچمىكى مۇۋاپىق بولماي، ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ قوساق ئايلانمىسىنى دائىم ئۆلچەپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق دائىردە كونتىرول قىلمىقى لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号