ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىز بۇ ياشقا يەتكەندە پارچە خىراجىتىگە پۇل بىرىشنى باشلاڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ؛ شۇنداق دىيشىكە بولىدۇكى، كۆپ قىسىم ئائىلىلەر ھاللىق سەۋيىگە يەتكەن بولۇپ، ماددي شارائىت جەھەتتە ئاسانلىقچە قىسىلىپ قالمايدۇ.
    بولۇپمۇ بالىلار تەربىيەسى جەھەتتە ئاتا-ئانىلار ناھايىتى قولى ئۇچۇق كىلىدۇ؛ ئەمما بالىلارغا بىرىدىغان پارچە خىراجەت ھەققىدە كۆڭلىنى توختىتالماي، پارچە خىراجىتىگە پۇل بىرىش كىرەكمۇ يوق ياكى قانچىلىك بەرسە مۇۋاپىق دىگەنلەرنى بىلەلمەي قالىدۇ.
    بالىلارغا پارچە خىراجەتكە پۇل بىرىش جەھەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشى ئاغرىپ كىتىدۇ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار، بالا تېخى كىچىك، كاللىسىدا پۇل ئۇقۇمى يوق، شۇڭا پارچە خىراجىتىگە پۇل بەرمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لىكىن، بۇ خىل قاراش راستىنلا توغرىمۇ؟
    ئاتا-ئانىلار بالىسىغا پارچە خىراجەتكە پۇل بەرمىگەن ۋاقىتتا، بالىسى بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن
   تاۋ تاۋ بۇ يىل 8ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ؛ ئۇ ئادەتتە ناھايىتى شوخ ھەم ئوماق بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى گەرچە ئەلاچى بولمىسىمۇ، ئەمما سىنىپتا خېلىلا ئالقىشقا ئىرىشىدىغان بولۇپ، مۇئەللىمى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق.
     تاۋ تاۋ گەرچە ئۆيىدىكى يالغۇز پەرزەنت بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۇنى ھەرگىز زىيادە ئەركىلىتىۋەتمەيتتى، ھەتتا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەلەپ قوياتتى. تاۋ تاۋنىڭ ئائىلە شارائىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئەزەلدىن پارچە خىراجەتكە پۇل بەرمەيتتى.
    دەسلىۋىدە تاۋ تاۋ ئاتا-ئانىسىغا، باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پارچە خەجلەيدىغان پۇلى بار ئىكەن، نىمىشقا مىنىڭ يوق دەپ، پارچە خىراجەتكە پۇل سورىغان؛ بىراق تاۋ تاۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا، "سىنىڭ يېشىڭ تېخى كىچىك تۇرسا، ياكى سەن بىر نەرسە سېتىۋالمىساڭ، پارچە خىراجەت پۇلىنى نىمە قىلاتتىڭ" دەپ جاۋاپ بەرگەن.
    باشلىنىشتا تاۋ تاۋنىڭ ناھايىتى بەك ئاچچىقى كەلگەن، ئەمما كىيىنچە ئادەتلىنىپ قالغاندىن كىيىن، قايتا سورىماس بولغان. شۇ ھالدا مەلۇم بىر كۈنىگە كەلگەندە، تاۋ تاۋ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتا مودا بولغان بىر ئويۇنچۇق سېتىۋالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ ئالغۇسى كەلگەن ھەمدە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئانىسىغا بۇ ئىشنى ئېيتقان.
     بىراق تاۋ تاۋنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا " سىنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپەڭ ئۆگىنىش قىلىش، نىمىگە ئويۇنچۇق ئوينايسەن، ئۆگىنىشكە ئازراقمۇ پايدىسى يوق ئۇنىڭ" دەپ جاۋاپ بەرگەن. تاۋ تاۋ ئانىسىنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ قاتتىق بىئارام بولغان، ناھايىتى بىر ئويۇنچۇقنىڭ گېپىغۇ شۇ! كىيىن تاۋ تاۋ قانچە يالۋۇرسىمۇ، ئانىسى قەتئى قوشۇلمىغانلىقتىن، تاۋ تاۋ ناھايىتى بەك ئۈمىدسىزلەنگەن. چۈشتە مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇ ئويۇنچۇقنى كۆتۈرۋالغانلىغىنى كۆرگەن تاۋ تاۋ، ئۇ ئويۇنچۇقتىن بىرنىڭغا ئىرىشىشنى شۇنداق ئۈمىد قىلغانلىقتىن، ئۇ ئاخىرى بىر ئامال ئويلاپ تاپقان. تاۋ تاۋنىڭ ئويلاپ چىققان بۇ ئامالى، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغىلى تاسلا قالغان.
    ئەسلىدە تاۋ تاۋ ئويلاپ چىققان ئامال، ئۆيگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلاش بولۇپ، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن، تاۋ تاۋ دادىسىنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئانىسى ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئانىسىنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن ئاستاغىنا يۈز يۈەن پۇل ئېلىۋالغان ھەمدە ئىككىنچى كۈنى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن بىۋاستە بېرىپ ئۇ ئويۇنچۇقنى سېتىۋالغان.
    كىيىن، تاۋ تاۋنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاتا-ئانىسى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان؛ ئەمما تاۋ تاۋ شۇندىن باشلاپ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان.
    بالىلارغا قانداق ۋاقىتتا پارچە خىراجەت پۇلى بىرىش ئەڭ مۇۋاپىق؟
   ئادەتتە، بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ ئۇلارغا پارچە خىراجەت پۇلى بىرىش كىرەك؛ چۈنكى، مەكتەپ ئالدىدا كىچىك بوتكا، تاللا بازىرى دىگەنلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىش جەريانىدا، بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇسى كىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بالىلار 7ياشقا كىرگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا پارچە خىراجەتكە پۇل بىرىشى كىرەك.
    بالىلارغا پارچە خىراجەتكە پۇل بەرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟
    خالىغانچە بەرمەسلىك. بالا نەچچە پۇل سورىسا شۇنچە پۇل بىرىشكە بولمايدۇ؛ چوقۇم لايىقىدا بولۇش كىرەك، بالىلارنىڭ بەزىبىر ياخشى ئىپادىلىرىگە قاراپ، مۇۋاپىق تۈردە مۇكاپات بەرسەك بولىدۇ.
    پارچە خىراجەت پۇلىنى بالىغا بىرىلگەن تۇلۇقلىما ئورنىدا قىلىۋالماسلىق لازىم. بالا تاپشۇرۇپ ئىشلىگىلى ئۇنىمىسا ياكى خاپا قىلسىلا ئۇلارغا پۇل بىرىپ كۆندۈرمەسلىك كىرەك؛ بولمىغاندا بالىنى يامان ئۈگىتىپ قويىمىز.
    ئاتا-ئانىلار بالىلارغا پارچە خىراجەتكە پۇل بەرمەي قالماسلىقى، ئەمما كۆپمۇ بىرىۋەتمەسلىكى كىرەك؛ مۇھىمى لايىقىدا بولۇشقا دىققەت قىلماق لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号