ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
مىترودىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ھامىلدار ئاياللارغا زىيانلىقمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەر بىر ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئالاھىدە ئىھتىياتچان بولۇپ كىتىدۇ؛ نىمە نەرسە ھامىيلىگە زىيانلىق كىلىدۇ، ھامىلدار ئاياللار ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رادىئاتسىيەگە نىسبەتەن، ھامىلدار ئاياللار تېخىمۇ سەزگۈر كىلىدۇ.
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سېستىمىسىنىڭ رادىئاتسىيە دەرىجىسى كۈچلۈكمۇ؟
   ھازىر مىترو قاتارلىق مۇھىم ۋە ئادەم توپلاشقان سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەرتىۋى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سومكا، ئىچىملىك بوتۇلكىسى ۋە ئادەم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ئاز بولمىغان ھامىلدار ئاياللارنى جىددىلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، كۆپچىلىك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ قولىدىكى مىتال تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى، ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيە تارقاتمايدۇ، شۇڭا بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يوق دىيەرلىك بولىدۇ.
   بۇ خىل بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سېستىمىسى، ماگىنىت ئىندۇكسىيە پىرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرىتىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇچ، يانفون، ئىلىكتىر ماگنىتلىق ئوچاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماگنىت ئىندۇكسىيە پىرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بۇيۇملاردۇر. بۇ خىل بۇيۇملار تارقىتىدىغان رادىئاتسىيە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھېچقانداق خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ.
   ھەقىقى تۈردە خەتىرى بار بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سېستىمىسى، Xنۇرى پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇنداق سېستىمىدىن ئۆتسە چوقۇم بەدىنىگە ۋە ھامىيلىگە زىيانلىق بولىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل سېستىما ئادەم بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ، پەقەت ماددى بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن ئايرۇدۇم ۋە پويىز بىكەتلىرىدىكى يۈك-تاق تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە ئوخشاش.
تۇرمۇشتا، ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك؟
   ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيەدىن يېراق تۇرۇش. نۇرغۇن كىشىلەر يانفون، كومپىيوتىر، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، چاچ قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسى قاتارلىقلاردا رادىئاتسىيە كۈچلۈك دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى غەيرى ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيەگە تەۋە بولۇپ، ھامىيلىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ھەقىقى تۈردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيەدۇر؛ مەسىلەن، تىبابەتتىكى CTتەكشۈرۈشى، Xنۇرى تەكشۈرۈشى قاتارلىقلار. بۇ ئىككى خىل رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن، ھامىلدار ئايال چوقۇم يېراق تۇرۇشى كىرەك.
    ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيە بەلگىسىنى ئىنىق تۇنۇش. ھامىلدار ئاياللار مەيلى قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، "ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيەدىن ئىھتىيات قىلىڭ!"  دىگەن سېرىق رەڭلىك ئۈچ بۇرجەك بەلگىنى كۆرگەن ھامانلا، دەرھال بۇ جايدىن يېراق كىتىشى كىرەك. چۈنكى، بۇ خىل بەلگە تاختىسى يېقىن ئەتراپتا ئىلىكتىرو ئىئونلۇق رادىئاتسىيە تارقىتىش مەنبەسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号