1. ئالما:

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، بەزى سورتلىرىنىڭ سەل چۈچۈمەل ، يۈرەك قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈك پەيدا قىلىش، يۆتەل توختىتىش، ئاشقازان ۋە تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، بىئاراملىقنى تۈگىتىش، ئىسسىقنى تارقىتىش، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار . بەدەننىڭ ئالما تەركىبىدىكى قەنتنى سۈمۈرۈشى ئاستا ھەم تەكشى بولغاچقا، قان شېكىرىنى، بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلىگەچكە دىيابېت كېسەللىكىدە بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
2 . نەشپۈت:

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، ئازراق چۈچۈمەل. ھۆللۈك پەيدا قىلىش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار . ئاساسلىقى قىزىتمىلىق چاڭقاش ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، بەلغەم كۆپ بولۇش، كىچىك بالىلاردىكى قۇرۇق ئىسسىق، كېكىردەك ئاغرىپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، كۆز قىزىرىپ ئىششىش، قەۋزىيەت، كىچىك تەرەت ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
3. شاپتۇل:

شاپتۇلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل. شاپتۇل تەركىبىدە مول بولغان گىلۇكوزا ۋە فىرۇكتوزا بولغاچقا تاتلىق ھەم شىرنىلىك، ھۆللۈك پەيدا قىلىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، قان پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. ئاساسلىقى ئۈچەيگە ھۆللۈك يېتىشمەسلىكتىن بولغان قەۋزىيەت، خۇن چىگىلىش، زەئىپلىكتىن بولغان يۆتەل، قان ئۇيۇپ قېلىش، سوغۇق تەرلەش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمىدا چاي دەملەپ ئىچسە دىيابېت ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
4. ئاپېلسىن:

تەبىئىتى سوغۇق ، تەمى چۈچۈمەل. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ھۆللۈك پەيدا قىلىش، بەلغەم بوشىتىش، ئىشتىھا ئېچىش، تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئاساسلىقى قىزىتما سەۋەبلىك كۆپ تەرلەش ، بەدەن قىزىپ تەرلەش، ئېغىز قۇرغاقلىشىش، يۆتەل ۋە بەلغەملىك زىققا، مەيدە سىقىلىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.
5. ئاق تۇرۇچ:

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، سەل چۈچۈمەل. بەلغەم يوقىتىش، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، تاماق سىڭدۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ئاساسلىقى ئاشقازان كېسىلى، تاماق سىڭمەسلىك، ئاستا خاراكتېرلىك يۆتەل، بەلغەم كۆپ بولۇش، دەم سىقىلىش، يۇتقۇنچاق قىچىشىپ ئاغرىش، ئىسسىق ئۆتۈپ ئۇسساش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ئاق تۇرۇچنىڭ تەركىبىدىكى ئاپېلسىن ئاۋرانىتامارىننىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تۇرۇچ يېڭى مېۋە شەربىتى تەركىبىدە يەنە ئىنسۇلىنغا ئوخشايدىغان تەركىب بولغاچقا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولىغا ئىگە. دىيابېت، يۈرەك، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دائىم يېسە بولىدىغان ئەڭ ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ.
6. لىجى:

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق، ئازراق چۈچۈمەل. تالنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى قوغداش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. ئاساسلىقى تال ئاجىزلاپ ئىچ سۈرۈش توختىماسلىق، ھېق تۇتۇش، قان زەئىپلىكتىن قان كېتىش، كىچىك بالىلاردىكى سۈيدۈك تۇتالماسلىق، چاشقان يارىسى،چىيقان كۆپ چىقىش، چېچەك ئەسۋىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.
7 . گىلاس:

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق. قۇۋۋەت تولۇقلاش، تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، كۆپ تەرلەش، يەل تارقىتىپ، ئەسۋىنى سىرتقا تەپتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، تېرىگە جۇلا بېرىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئاساسلىقى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، پالەچ، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، بەل - دۈمبە ئاغرىش، ئۈششۈك يارىسى، قان ئازلىق كېسىلى، كۆيۈك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى بولغاچقا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش رولى بار.
8. مىرىكا:

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق. ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ تاماق سىڭدۈرۈش رولىغا ئىگە. ئاساسلىقى بەلغەم بوشىتىش ، كۆڭلى ئېلىشىشنى توختىتىش، تولغاق، خولېرا، ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号