ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
توشقان كالپۇل تۇغۇلۇپ قالىدىغان بالىلار نىمىشقا كۆپلەپ كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
     مىنىڭ بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ خېلى ۋاقتىلارغىچە ھامىلدار بولالماي، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ھامىلدار بولۇشقا ساق ئۈچ يىل تەييارلىق كۆرۈپ، ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولدى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان بىر بالىغا ئانا بولغان ئايال بولغاچقا، دوستۇم ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزىبىر مەسىلىلەر توغرىسىدا  ھەمىشە مەندىن مەسلىھەت سورايتتى. بىراق، بەخىتكە قارشى، دوستۇمنىڭ قورسىقىغا بەش ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، بىر قېتىملىق تۇغۇت ئالدىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشتە، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ توشقان كالپۇك(كالپۇكى يېرىق) شەكىللىنىپ قالغانلىقى بايقالدى. بىراق قايغۇ ئىچىدىكى خۇشاللىق بولغىنى، بالىدىكى توشقان كالپۇك ئەھۋالى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن،  ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق كالپۇكىنى ئەسلىگە ئەكىلىشكە بولىدىكەن، ئەمما شۇ ئوپراتسىيە ھەققى بىر قەدەر قىممەت بولۇپ، ئالدىنئالا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈشى كىرەك ئىكەن.
    ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ھەمىشە بەزىبىر توشقان كالپۇك دىگەنگە ئوخشاش غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان بالىلار كۆرۈلۈپ قالىدۇ؟ بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەردىن قايسىلار بار؟
    ئادەتتە، توشقان كالپۇكقا ئوخشاش ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ھادىىسىسى كۆرۈلسە، بۇ كۆپىنچە، ھامىلدار ئايالنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ياخشى  قىلمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
غەيرى ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى
    توشقان كالپۇك ھەققىدە، ھەممىمىز ئۇنىڭ بىر خىل تۇغما كىسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىيلە ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا توشقان كالپۇك ھالەتتە يىتىلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى كۆپىنچە، ھامىلدار ئايالنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ دەخلىسگە ۋە غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇشۇرۇن ھالەتتە بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرۈپ يەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، رادىئاتسىيە تەسىرى دىگەنلەرگە ئوخشاش. شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بۇ جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش
    ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە فولىن كىسلاتاسى قوبۇل قىلىشقا(ئاساسلىقى فولىن كىسلاتا تابلىتكىسى ئىچىش) باشلىشى كىرەك. فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا، بەزىبىر غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، توشقان كالپۇك تۇغۇلۇپ قېلىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدۇر. شۇڭا ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە ۋە ھامىلدار بولغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ئۈچ ئايدا، فولىن كىسلاتاسى تابلىتكىسى ئىچىشتە چىڭ تۇرۇش كىرەك.
ئىچكى ئاجرىلىشنىڭ تەسىرى
    ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يەنى ھامىلدارلىق دەسلەپكى 8ھەپتە ئىچىدە، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ روھى كەيپىياتى زىيادە جىددىلىشىپ كەتسە، ياكى سىرتقى جاراھەت قاتارلىق ئامىللار كۆرۈلسە، ئاسانلا بەدەندىكى بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ قوساقتىكى ۋاقىتتىلا غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ھازىر تىببابەت تېخىنىكىسى ناھايىتى بەك تەرەققى قىلغان بولۇپ، بالىلاردىكى توشقان كالپۇك تۇغۇلۇپ قېلىشنى، كىيىنكى مەزگىلدىكى داۋالاش ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولىدۇ. بىراق ھەرقانداق بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممەيلەن ئۆز بالىسىنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئادەتتىكى بەزىبىر ناچار ئادەتلىرىنى، مەسىلەن تاماك چىكىش، ھاراق ئىچىش، كىچىسى ئۇخلىماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشى كىرەك؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى، قوساقتىكى ھامىيلىگە قارىتا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号