ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
كىچىك ۋاقتىدا يۇۋاش كەلگەن بالىلار كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مەكتەپتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدۇ ھەمدە دىققەتنى تارتىدۇ. بەلكىم سىزمۇ بايقىغانسىز، ئادەتتە مەكتەپ زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، كۆپىنچە ئاق كۆڭۈل يۇۋاش بالىلار بولۇپ، سىنىپ ئىچىدە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدىغىنىمۇ مۇشۇ خىلدىكى بالىلاردۇر. ئەگەر بالىنىڭ مىجەزى بىر قەدەر يۇۋاش ھەم ئاق كۆڭۈل بولسا، ئۇلار باشقا "كىچىك زومىگەرلەر"نىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ، تاپشۇرۇق ئىشلەپ بىرىش، ئورنىغا تازىلىق قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قېلىش دىگەندەك ئەھۋاللار كۈرۈلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان، يۇۋاش ھەم ئاق كۆڭۈل كەلگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە مىجەز-خارەكتىرى قانداق بولىدۇ؟
بىرىنچى خىلى: چوڭ بولغاندىن كىيىن، يەنىلا ئاق كۆڭۈل ھەم يۇۋاش ئادەم بولىدۇ
    بالا كىچىكىدىن باشلاپ توخۇ يۈرەك، يۇۋاش بولۇپ قالسا، بۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، بالا قورقۇنچاق خارەكتىرنى يىتىلدۈرۋالىدۇ؛ ئەمما، بۇ خىلدىكى خارەكتىرى يىتىلىپ قالغان ھامان، ئۇنى ئۆزگەرتمەك قىيىن. بۇ سەۋەپلىك، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ، دۇنيا ئاددىيلىشىپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار، يەنىلا چوڭ بولغان "زومىگەرلەر"نىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ؛ چۈنكى، "چوڭ زومىگەرلەر" بىر قاراپلا، ئۇلارنىڭ قورقۇنچاق ھەم يۇۋاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ.
    ئەگەر بالىڭىزنى بىر ئۆمۈر قورقۇنچاق بولۇپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن دىسىڭىز، سىز بالىڭىزنىڭ قورقۇنچاق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھامان، ۋاقتىدا ئۇنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئاچچىقى ۋە قاتتىقلىقى بار بولۇشقا يىتەكلىشىڭىز كىرەكتۇر؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا، باشقىلارنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقنى، غورۇرى بار، ئۆزگىچە خۇلقى بار ئادەم بولۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز كىرەك.
ئىككىنچى خىلى: چوڭ بولغاندىن كىيىن، سۈكۈت ئىچىدە پارتلايدىغان تەلۋە ئادەم بولىدۇ
    نۇرغۇن بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىسىمۇ، ئەمما توغرا ئۇسۇلدا زەربەر قايتۇرۇشنى بىلمەيدۇ؛ گەرچە كۆڭلىدە قايىل بولمىسىمۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ كۆڭلىدە ئاچچىقى ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە بۇ خىل ئاچچىقنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، بالىنىڭ پىسخىكىسىدا ئاسانلا تەلۋىلىك ئامىلى بىخلىنىپ قالىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پۇرسەت تاپسىلا، بۇ خىل تەلۋىلىك ئامىلى شۇ ھامانلا پارتلاپ چىقىدۇ ۋە بەزىبىر تەلۋىلەرچە قىلمىشلارنى قوللىنىپ، زەربە قايتۇرىدۇ.
    بۇ دەل بىز ئادەتتە ئۇچرىتىپ قالىدىغان، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى كىچىك بىر ئىش ئۈچۈن، بەزىلەرنىڭ جاھىللىق بىلەن خاتا يول تۇتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇڭا، بالىلار ئەگەر بوزەك قىلىنىشقا ئۇچراپ، كۆڭلى ئازار يىسە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە چوقۇم ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. بولمىغاندا، بالىلارنىڭ كۆڭلىدە تۈگۈنچە شەكىللىنىپ قېلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، مەلۇم بىر ۋاقىتتا پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن؛ ئەگەر پارتلاپ چىقىپ قالسا، ئۇنداقتا بالا بەلكىم خاتا يولغا مېڭىپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号