ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر توپى؛ بالا تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، تېخى ئازادىلىككە چىقىشقا ئۈلگۈرمەيلا ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىدۇ: بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش، تىرىسى ئۆڭۈپ سارغىيىپ قېلىش، كەيپىياتى ناچارلىشىش، بالىنى ئىمىتىش بېسىمى... بىراق، بۇ مەسىلىلەر ئارىسىدا، ئانىلارنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى بەلكىم تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەت بولۇشى مۇمكىن.
تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەت شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبلىرى
    1. يىڭى تۇغۇتلۇق مەزگىلدە، ئاياللارنىڭ جىسمانى ئورگانىزىم ئىقتىدارلىرى ئەسلىگە كىلىش باسقۇچىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى نورمال ھالەتتىكىگە قارىغاندا ئاجىزراق بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ئۈچەيدىكى ئېشىندى يىمەكلىكلەرنىڭ توختاپ قېلىش ۋاقتىنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۇ تەركىبلىرى سۈمۈرۈلۈپ كىتىپ، چوڭ تەرەت قۇرغاق ھەم قاتتىق بولۇپ قېلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ  قويىدۇ.
    2. تۇغۇتتىن كىيىنكى ئاياللارنىڭ قورساق قىسىم مۇسكۇللىرى ۋە داس سۆڭىكى ئاستى قىسىم ئورگانىزىمى بوشىشىپ ماغدۇرسىز بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك تەرەت ھەيدەشكە لازىملىق كۈچمۇ ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ.
    3. تۇغۇتتىن كىيىنكى يىمەك-ئىچمەك نامۇۋاپىقلىشىپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە زىيادە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ئاقسىل ۋە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ بۇ ئۈچەي يولى زەمبۇرۇغلار توپىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋىتىپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنىڭ ئاستا ۋە ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ.
    4. تۇغۇتتىن كىيىن، ھەمىشە جىم ئولتۇرىدىغان ياكى ياتىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك تەرەت ھەيدەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
    5. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولغانسىرى، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
    6. بەزى ئاياللار ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا كۆنەلمەيدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەرەت قىستاشقا چىداشقا ئادەتلىنىپ قېلىپ، قەۋزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەتنى قانداق ياخشىلاش كىرەك
1. ئىلمى ئۇسۇلدا ئۇزۇقلىنىش
    تالا ماددىسى تەركىبى مول يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش، گۆش-كاۋاپلارنىلا ئويلىماي، مىۋە-كۆكتاتلارنىمۇ مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىش كىرەك. بۇندىن باشقا يەنە سۇنىمۇ كۆپرەك ئىچىش كىرەك؛ ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسەك، تەرەت ھەيدەشكە پايدىسى بولىدۇ.
2. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش
   تۇغۇتتىن كىيىن بەدىنىم ئاجىزلاپ كەتتى، شۇڭا كارۋاتتا جىم يېتىپ ئەسلىمگە كىلىشىم كىرەك دەپ قارىۋالماڭ؛ ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئېلىش، بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ.  بەدەننى چېنىقتۇرۇش بەدەن ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
3. كوكىس مېيى ياكى زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش
    تاماقتىن ئىلگىرى بىر قوشۇق كوكس مېيى ياكى زەيتۇن مېيى ئىچىپ بەرسەك، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ سىلىقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا، كوكىس مېيى بىلەن زەيتۇن مېيىنى سىرتتىن ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنى مەقئەت ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرسەك، چوڭ تەرەت ھەيدەشكە پايدىلىق بولىدۇ.
4. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش
    ناچار كەيپىيات ئادەمنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ.
5. قورساق قىسىمنى ئۇۋۇلاپ بىرىش
    كىندىك ئەتراپىنى، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بويىچە ياكى قارشى يۆنىلىش بويىچە، ھەركۈنى 5-3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10-5 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بەرسەك بولىدۇ.
6. چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
     تەرەت قىستىغان تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا، چىداپ ئۆتكۈزۈۋەتمەي، دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىش كىرەك؛ ئەگەر مۇقىم ۋاقىتتا تەرەت قىلىش ئادىتى يىتىلدۈرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
    تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەت قارىماققا كىچىك بىر مەسىلىدە كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئىشتىھا تۆۋەنلەپ كىتىش، زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قېلىش، كەيپىيات ناچارلىشىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشىگە كىچىك بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تۇغۇتتىن كىيىنكى قەۋزىيەت ئۇزۇن مەزگىل ياخشىلىنالماي داۋاملىشىۋەرسە، بۇنداق ۋاقىتتا دوختۇرخانىغار بېرىپ داۋالىنىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号