بالىڭىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ مۇھىم مەزگىل
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيىتى بار بولۇپ، ئەگەر بىز بۇ قانۇنىيەتنى ئىگەللەپ، ھالقىلىق مەزگىللەرنى چىڭ تۇتالىساق، ئۇنداقتا چوڭ مىڭىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقىرىپ، بالىلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلالايمىز، ئۆگىنىشتىمۇ جاپا تارتىپ قالمايدۇ. ھارۋاد داشۆسى مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى پەقەت ئۈچ قېتىملا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان؛ ئەگەر بىز بۇ 3 مەزگىلنى چىڭ تۇتالىساق، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايمىز.

بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ نىرۋىلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە تۇتىشىپ ئۇلىنىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلار 3 ياشقا يەتكەندە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ. 7-3ياش مەزگىلىدە، چوڭ مىڭە ئۇچۇر يەتكەزۈش قايتۇرما يوللىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قايتۇرما يول تورىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر يوقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مىڭە نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېمىيىپ كىتىدىغان ھادىسە ئادەتتە قىرقىپ تۈزەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. قىرقىپ تۈزەشتۈرۈش ھادىسىسى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، مىڭە نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېشىش ۋە كېمىيىشىمۇ تەڭپۇڭلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. 10-7 ياش مەزگىلىدە، چوڭ مىڭە مىڭە نىرۋا ھۈجەيرىلى ئوتتۇرسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش قايتۇرما يوللىرى تەرققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغان بولۇپ، تەدرىجى تۈردە يىتىلىپ قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ مىڭىسىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 3ياش، 7 ياش، 10 ياش مەزگىل، مىڭە تەرەققىياتى جەھەتتىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى ھەمدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى كۈچەيتىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھىسابلىنىدۇ.
0-3 ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ مىڭە تەرەققىياتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كىرەك؟
3 ياشتىن بۇرۇن، بالىلارنىڭ مىڭە قىسمىدا ھايات كەچۈرۈش، بىلىش ئىستىكى، ھەمراھ ئىزدەش قاتارلىق تۇغما ئىقتىدارلار كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلار دوراشنى، مۇستەقىل ئىش كۆرۈشنى، ئانىسى ياكى بىر تۇققانلىرىنى ئىزدەپ ئۆزىگە ھەمرا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىلىدۇ؛ بۇ خىلدىكى ئەڭ ئاساسلىق بولغان تۇغۇلما ئىقتىدار چوڭ مىڭە فونكىسىيىسىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدە، بالىلارنىڭ دوراشنى ۋە مۇستەقىل ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى قىلىشنى خالىغان ئىشلارنى يۈرەكلىك ھالدا قىلىشقا يول قويۇشى لازىم؛ بالىسىنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىقى ھەم بالىلارنىڭ قانچىلىك بىلىم ياكى ماھارەت ئىگەللىگەنلىكىگە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەسلىكى لازىم؛ بۇ مەزگىلدە پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىشنى خالىغان ئىشنى قىلىشىغا يول قويساق ھەمدە ئۇلارنى كۆپرەك ماختاپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ خوشال تۇتىشىغا تۈرتكە بولساقلا بولىدۇ.

3-7 ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ مىڭىسىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك؟
بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش سېستىمىسى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، ئۇلار تېخى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىش روھى ھالىتىنى يىتىلدۈرمىگەن بولىدۇ؛ بۇ مەزگىلدىكى بالىلار نىمە ئىش قىلسا كەينىگە سۆرەشكە ئامراق كىلىدىغان بولۇپ، "سەل ساقلاپ تۇرۇڭ"، "مەن ھازىر بارىمەن" دىگەندەك سۆزلەر ئۇلارنىڭ ھەمىشە ئىشلارنى كەينىگە تارتىشتىكى باھانىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئۇلار تەبىئىلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدە، بالىلارنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرىنى كۆزىتىشكە كۆپرەك ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ "ھۇرۇنلۇق" قىلىدىغان ناچار ئادىتىنى تاشلاتقۇزۇشى ھەمدە بالىلار قىزىقىدىغان ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش سېستىمىسىنى ئېچىشىنى غىدىقلىشى لازىم. مەسىلەن " ئەگەر سەن بۇ ئويۇنچۇقلارنى رەتلىك يىغىشتۇرساڭ، ئۇنداقتا 20 مىنۇت كارتون فىلىم كۆرۈش ۋاقتىغا ئىرىشەلەيسەن، ئەگەر كىيىن قالساڭ، بۇ مۇكاپاتمۇ يوق بولىدۇ، ئۆزۈڭ بىرنى تاللىغىن" دىگەنگە ئوخشاش.

7-10 ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك؟
بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقى تۈردە ئۆگىنىشكە باشلايدىغان مەزگىلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قاراپ باققان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلار چەكلىمىگە ئۇچراش ۋە بۇيرۇق ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئاكتىپ ئىنىرگىيىلىك گەپ-سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ بالىغا باھا بىرىشى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىشى ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەملىشىشى كىرەك. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ سەۋرچانلىققا مۇھتاج بولىدۇ.

چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىپ تەرەققى قىلىشى، بىخەتەر، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە مول بولغان بىر مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىگە، سەۋرچانلىقىغا ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئازادىلىككە تولغان، خۇشال كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بالىلار ئىككى يېرىم ياش ۋاقتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش مەزگىلىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىنايدىغان مەزگىل يىتىپ كەلگەن بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ كەپسىزلىك قىلغانلىقى، قارشىلىق كۆرسىتىشى ياكى سىز قانائەت ھىس قىلىدىغان دەرىجىگە يىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەشكە ياكى ئۇرۇپ تىللاشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ بولمىغاندا بالىلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنى ئىتىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىشى، بەزىدە ھەتتا توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قويىشىمىز مۇمكىن.