ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بىر يىل ئىچىدىكى ھامىلدار بولۇشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان مەزگىل
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەتتە، مەيلى ھامىلدار بولۇش بولسۇن ياكى تۇغۇش بولسۇن، ئاياللار ئۇچرايدىغان جاپا-مۇشەققەت ئىنتايىن زور بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار بولغان مەزگىل مۇۋاپىق بولمىسا، ھامىلدار ئاياللارغا بولغان جاپا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ؛ ئەمما ھامىلدار بولۇش مەزگىلى مۇۋاپىق بولسا، ئەكسىچە، ھامىلدار ئاياللار ئۇچرايدىغان جاپا كۆپ ئازلايدۇ. ئۇنداقتا، بىر يىل ئىچىدە زادى قايسى ۋاقىتتا ھامىلدار بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
    بىر يىل ئىچىدە 12 ئاي بار؛ ئەمما ھەممىلا ئاي ھامىلدار بولۇشقا ماس كىلىۋەرمەيدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەرگەن تەكلىپى ۋە نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر يىل ئىچىدىكى ھامىلدار بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان مەزگىل، 9-7-ئاي مەزگىللىرىدۇر. چۈنكى بۇ مەزگىلدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولالىسا، دەسلەپكى سىزىك پەيدا بولغان ۋاقىتتا، ئاللىقاچان كۈز پەسلى يىتىپ كەلگەن بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ھەر خىل مىۋە-كۆكتاتلار پىشىپ تەييار بولىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ سىزىكتىن چىقىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇش ۋاقتى كىيىنكى يىلىنىڭ 6-4-ئايلىرىغا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل باھارنىڭ ئاخىرى يازنىڭ بېشى بولغان مەزگىللەرگە توغرا كىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھاۋا كىلىمات بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس ھەم بەك سۇغۇقمۇ ئەمەس بولۇپ، ھاۋادىكى كىسەللىك ۋىرۇسلىرىمۇ ئۇنچە بەك كۆپ بولمايدۇ؛ بۇنىڭ مەيلى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا بولسۇن ياكى ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشىگە بولسۇن، پايدىسى ئىنتايىن زور. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرگەندە، ئەڭ ياخشىسى ۋاقىتنى ھىسابلاپ، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان مەزگىلدە ھامىلدار بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كىرەك.
    ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدا، ئاللىبۇرۇن ئانا بولۇپ بولغان ئانىلار بار بولسا، يۇقارقى مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا، بۇ جەھەتتىكى كۆز-قارىشىڭىز ۋە تەجىربىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号