ياشانغانلار پەرزەنتىلىرى بىلەن بىرگە تۇرسا، نەۋرىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئائىلە ئۈچ ئەۋلاد كىشى بىرگە ياشاپ ئائىلە بەختىنى سۈرەلەيدۇ؛ ئەمما بىر ئۆيدە ياشاپ، بىر قازاندىن تاماق يەپ ئۆتكەندىن كىيىن، ئاز-تولا سۈركىلىشلەردىن ساقلانماقمۇ تەسكە توختايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، بەزىبىر كىچىك كەلگەن سۈركىلىشلەر ياكى پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمەسلىك قاتارلىقلار تەرەققى قىلىپ زىددىيەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر زىددىيەتمۇ تەرەققى قىلىپ چوڭقۇرلىشىپ كەتسە، كىلىشتۈرمەك تەسكە توختاپ، چوڭلارمۇ، پەزرەنتلەرمۇ ئىچى پۇشۇقتا قالىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىدىغان، تىللىشىپ ئۇرۇشۇپ، خاپىلىقتا ئايرىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كىلىپ چىقىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىك كەلگەن ياشانغانلار، شارائىت يار بەرسىلا، ھەرگىز پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. تۆۋەندە بىزمۇ ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە تۇرماسلىق تەكىپىنى بىرىشتىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئاساسلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمىز.

1. تۇرۇمۇش ئادەتلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بىرگە تۇرغاندا قىسىلىپ قالىدۇ.
ھەربىر ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرۇمۇش ئادەتلىنىشى بولىدۇ؛ ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرۇمۇش ئادەتلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك كەچۈرمىشلەردىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش ناھايىتىمۇ قىيىن؛ ئەمما بۇنىڭدىنمۇ قىيىن يەنە بىر مەسىلە بار بولۇپ، بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى كۆپىنچە ھاللاردا توقۇنۇش كىلىپ قالىدۇ.
مەسىلەن يىمەكلىك جەھەتتە، كەرەپشىنى سىز دۈملەپ يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ياشلار قورۇپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ سىز بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇشنى ياخشى كۆرىسىز، ياشلار كەچ يېتىپ كىيىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.... بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ھەر ئىككى تەرەپ قىسىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ، ناھايىتى چارچاپ كىتىسىلەر.
ئەگەر ئايرىم تۇرساڭلار، يۇقارقى ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولمايدىغان بولۇپ، سىلەرمۇ ياشلارمۇ ئەركىن-ئازادە ئۆز تۇرمۇشىڭلارنى ئۆتكۈزۈسلەر.

2. ئىدىيىۋى قاراشلار ئوخشىمىغانلىقتىن، بىرگە بولساڭلار زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ھازىر تەرەققىيات ناھايىتى تىز بولغاچقا، ياشانغانلارنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى ھازىرقى دەۋر رېتىمىغا ئەگىشىپ بولالمايدۇ، بۇنىڭدا پەرزەنتلىرى بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە زىددىيەتلەر كۆرلىدۇ، بۇ سەۋەپلىك گەپ تالىشىش كۆپىيىپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
مەسىلەن چوڭلار ئادەتتە ئىقتىسادچان كىلىدۇ، ئۆيدە تاماق ئىتىپ يىسە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ياشلار باھاغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ، تەمى بىلەن قولايلىقلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك ئۆيدە تاماق قىلىش ياكى سىرتقا چىقىپ تاماق يىيىش مەسىلىسىدىمۇ ئىختىلاپ كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئايرىلىپ تۇرغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزى نىمىنى يىيىشنى، قانداق يىيىشنى خالىسا شۇنداق يىسە بۇلۇۋىرىدۇ، ھېچكىم ھېچكىمگە دەخلى قىلمايدۇ.

3. تۇرمۇش ئالاقە چەمبىرىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بىرگە تۇرغاندا قولايسىز بولىدۇ.
چوڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرۇمۇشى بار، ياشلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بولىدۇ؛ ياشلار بىلەن چوڭلار ئايرىلىپ تۇرسا، ئەركىن بولىدۇ.
نۇرغۇن ياشلار، چوڭلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە تۇرسا، پەرزەنتلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا، جۈملىدىن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشقىمۇ تەسىر يىتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ خىل تەسىر قوش يۆنىلىشلىك بولۇپ، ياشانغانلارمۇ ئۆزىگە تەۋە خۇسۇسى بوشلۇق ۋە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش بولۇشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر ئايرىلىپ تۇرغاندا، ياشانغانلار دوستلىرى چاقىرىپ چاي ئىچىپ پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولاي بولىدۇ.

4. بىرگە تۇرغاندا ئاسانلا قېينئانا-كىلىن زىددىيىتى كىلىپ چىقىدۇ.
بەزىلەر قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ھەممە ئائىلىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ مۇبالىغە ئەمەس؛ نۇرغۇن قېيىنئانا-كىلىنلەر دەسلىۋىدە گەرچە مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بىللە ئۆتكەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، پىكىرى چىقىشقا باشلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ياشانغانلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا، بۇنىڭدا قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ كۆرىشىدىغان قېتىم سانى كۆپ بولمايدۇ، زىددىيەت پەيدا بولىدىغان پۇرسەتمۇ تەبىئىلا ئازىيىدۇ؛ كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بەزىبىر زىددىيەتلەر پەيدا بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىر مەزگىل كۆرۈشمىگەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، ئەھۋال ياخشىراق بولىدۇ.
ئەگەر ئايرىلىپ تۇرغاندا، قېيىنئانا-كىلىن چىقىشىپ ئۆتۈپ، ئائىلە ئىناق كەيپىياتقا تولىدۇ.

5. يەنىلا ئايرىم تۇرغان ياخشى، " بىر چىنە شورپا " ئارلىقىنى ساقلاڭ.
ئارىلىق گۈزەللىك شەكىللەندۈرىدۇ. ياشانغانلار پەرزەنتلىرى بىلەن يەنىلا ئازراق ئارلىق ساقلاپ ئۆتكەن ياخشى، بۇنىڭدا ئادەم ھەر ۋاقىت بىر خىل " يىڭىچە" تۇيغۇدا ئۆتۈشكە بولىدۇ.
بەزىلەر بەلكىم ئۇنداقتا بۇ ئارلىق قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئارلىقنىڭ " بىر چىنە شورپا " ئارلىقىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغىنىنى ئوتتۇرغا قويغان؛ يەنى بىر چىنە شورپا قاينىتىپ چوڭلارنىڭ ( ياكى پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ) ئۆيىگە ئاپىرىپ بولغۇچە سۇۋۇپ قالمىغۇدەك ئارلىق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
بۇنىڭدا، ياشانغانلار پەرزەنتلىرىنى كۆرگۈسى كەلسە بېرىپ كۆرۈپ كىلەلەيدۇ؛ ياشلارمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرالايدۇ. بولۇپمۇ ياشلار زۇكامداپ قالىدىغان دىگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، پەرزەنتلىرى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىتىپ كىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشانغان دوستلار، ئەگەر شارائىتىڭلار يار بەرسە، يەنىلا ئۆزۈڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ كۈنىنى ئۆتكۈزگىنىڭلار ياخشى! ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۈتۈپ، روھى كەيپىياتىڭلارنى تەڭشەپ، ئۆزۈڭلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشۇڭلار كىرەك!

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئەرز قىلغان بولغاچقا، لى موۋ

ئاچا سەي(酸菜)، ئادەتتە ئىشتىھا ئاچىدىغان سۇغۇق سەي، ياكى تەم تەڭشىگۈچى سەي قاتارىدىغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئاچا سەي تەييارلاش ئۇسلۇبى

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە لازىملىق بولغان نەرسىلەرنى

كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا چوقۇم بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ، داۋالاش سەۋيىسىمۇ جەزمەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ؛ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەر، ئىشىنى




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号