ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ، مەقەت يېرىلىش ،تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كىلىدىغان بۇلۇپ ، ئېغىرراق بولغانلىرى ھەتتا چوڭ ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قەۋزىيەت يەنە " ئۈچ خىل كۆرسەتكۈچى يۇقىرى " بولغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن .
ئۇنداقتا ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟ كىسەللىك ئالامىتى يىنىكراق بولغانلار ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مىجەز تەڭشەش ئېلىپ بارسا ، چوڭ تەرەتنىڭ نۇرمال بۇلۇپ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى بار !
كۈندىلىك يىمەك ئىچمەك
1. بەدەنگە تالالىق ماددىلار ۋە سۇ تەركىبىنى كۆپرەك تۇلۇقلاش
بەدەنگە تالالىق ماددا ۋە سۇ تەركىبى تۇلۇقلاش مىقدارىنى كۆپەيتش لازىم ؛ بۇنىڭدا ھەر كۈنى 35-25گىرامغىچە تالالىق يىمەكلىك يىيىش ، ھەر كۈنى ئاز دىگەندە L2.0-1.5غىچە سۇ ئىچشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
2. بەدەنگە مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن يېغى تۇلۇقلاش
نۇرغۇن ياشانغانلار قاندىكى قەنت مىقدارى ، قاندىكى ماي تەركىبى ۋە قان بېسىمى يۇقىرى كىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ سەۋەبلىك ئادەتتە مايسىز ، يىنىك كەلگەن تائاملارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ ؛ بۇمۇ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، چۇنكى ئادەم بەدىنىمۇ مايلارنىڭ سىلىقلاپ تۇرۇشىغا ئىھتىياجلىق بۇلىدۇ . بۇ ھەقتە بىز يىمەكلىككە زەيتۇن يېغى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ، بۇنىڭدا ھەم بىۋاستا ئۈچەينى سىلىقلاپ يىمەكلىكلەرنى پارچىلايدۇ ،ھەم ئۈچەينى غىدىقلاپ مىدىرلىتىپ ، قەۋزىيەت ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ .

كۆپ ھەرىكەت قىلىش
ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرمەسلىك ، ئەتىگەن كەچتە سەيلى قىلىپ بىرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بوغماق ئۈچەينىڭ كىرىلىش كۈچىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى بار .

چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى
بوغما ئۈچەي ئەتىگەن ئەمدى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىنىكى ۋاقىتتا ئەڭ ھەرىكەتچان بۇلىدۇ ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن ياكى تاماق يەپ بۇلۇپ 2سائەت ئىچىدە چوڭ تەرەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ؛ چوڭ تەرەت قىلغاندا بولسا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ، سىرتقى ئامىللارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ، گىزىت كۆرمەسلىك ياكى كۆپ ئويلانماسلىق لازىم .

ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى ، يۇقىرى قان بېسىمى كىسىلى بارلار ، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئىجىقلاپ كۈچىمەسلىكى كىرەك ، بولمىسا مىڭە قان نوكچىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
پەللىلەرنى ئۇۋلاپ بىرىش
1. قورساق قىسىمدىكى داجۈي پەللىسىنى ئۇۋلاش
داجۈي پەللىسى كىندىكنىڭ ئۈچ بارماق تۆۋىنى ۋە بەدەن ئالدى تەرەپ ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۈچ بارماق يېنىدىكى ئۆز ئارا سىممىتىرىك كەلگەن ئىككى پەللە بۇلۇپ ، بۇ پەللىنى ئۇلاپ بەرگەندە قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە ياردىمى بۇلىدۇ .
ئۇۋلىغان ۋاقتىمىزدا ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ ، تىزىمىزنى ئازراق ئىگىمىز ؛ ئىككى قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىدا ئايرىم ئايرىم ھالدا ماس تەرەپتىكى پەللىنى ئۇۋلايمىز ، بىرتەرەپتىن قورسىقىمىزنى كۆپتۈرۈپ بىر تەرەپتىن باسىمىز ؛ قايتا-قايتا 6-5قېتىم ئىشلەيمىز .
2. تاپىنىمىزدىكى تەيبەي پەللىسىنى ئوۋلاش
پۇتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پۇت چوڭ بارمىقىمىزنىڭ بۇغۇمىدىكى سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان قىسىمنىڭ ئارقا كەينى تەرىپىدىكى تەيبەي پاللىسىنى ئۇۋلاشنىڭ قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسى بار .
ئۇۋلىغان ۋاقىتتا ، بىر پۇتىمىزنى تۈز سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ، يەنە بىر پۇتىمىزنى تۈز سۇنغان پۇتىمىزنىڭ تىز قىسمىغا ئېلىپ ، بىر قولىمىزدا ھوشۇقىمىزنى مىدىرلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چىڭ تۇتۇپ ، يەنە بىر قولىمىزنىڭ باش بارمىقىدا تەيبەي پەللىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ، پۇت ئۇچىدىن ھوشۇققا قارىغان يۈنىلىشتە ئاستا ئىتتىرىپ بىرىمىز ؛ ھەر قېتىمدا 6-5نۆۋەت قايتا قايت ئىشلەيمىز .

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
ناۋادا قەۋزىيەت داۋاملاشقان ۋاقىت ئۇزۇن ياكى كۆرۈلگەن ئالامەتلەر نىسبەتەن ئېغىر بولسا ، تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرېپ كۆرسىتىپ ، كەسپى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى ، كىسەلنىڭ يەنەبىر قەدەم ئېغىرلاپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلدار" بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ئۆزى تۇغۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۇغۇشنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟

مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە جازا بىرىش كىرەك؛ ئائىلە تەربىيىسىدىكى لايىقىدا بولغان مۇكاپات ۋ

ئۇچرىشىش، ئادەتتە ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدا كۆرلىدىغان بىر ئىش؛ ئەمما ئامىرىكىلىق بىر ئايال بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان. بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ناتالىيە.ۋىنىستىن سا

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇنداقتا، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇل

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھەمدە تۇزى ۋە مېيى تېتىپراق ك

بىز ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتە، ئادەم ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بەزىبىر غەلىتە پىروگىراممىلارنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەخمەق قىلىنغا




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号