ھەرقانداق ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، بىراق دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش، ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە بولۇشىغا تويۇنۇپ تاماق يېيىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر تېنىمىزدىكى «ئۇزۇن ئۆمۈر گېنى» نى بىر چىشلەم–بىر چىشلەمدىن يەپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ قېلىپلاشقان قائىدىسى يوق، بىراق ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق يەتتە خىل ئالاھىدىلىكى بار ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى:

يۈرەك سوقۇشى ئاستا بولىدۇ: تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار مۇنداق بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ: يۈرەك سوقۇشى قانچە ئاستا بولسا ئۆمۈر شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىدە 2 مىليارد 500 مىليون قېتىمدىن 3 مىليارد قېتىمغىچە سوقىدۇ، ئەگەر ئادەمنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن سوقۇش سەۋىيەسىنى ساقلىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم 93 ياشقىچە ياشايدۇ.
شۇنداق، يۈرەك سوقۇشى قانچە ئاستا بولسا، ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق يۈرەك سوقۇشى 80دىن يۇقىرى بولغان ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. ئادەتتە ئادەم سەگەك ۋە ھەرىكەت قىلماي تۇرغان چاغدا، يۈرىكىنىڭ سوقۇش قېتىم سانى 60تىن 70 قېتىمغىچە بولسا، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.

مۇسكۇلى كۈچلۈك بولىدۇ: شىۋېيتسارىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 1 مىليون ئەرنى 27 يىل تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق قاراشقا كەلدى: مۇسكۇلى كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى باشقا ئەرلەرنىڭكىدىن %20تىن %30كىچە تۆۋەن، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %65 تۆۋەن بولىدىكەن. دېمىسىمۇ ئادەمنىڭ مۇسكۇلى كۈچلۈك بولسا، بەدەننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

قىلغۇدەك ئىشى بولىدۇ: پېنسىيەگە چىققان نۇرغۇن ئادەم قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاچقا، روھىي جەھەتتە چۈشكۈنلىشىپ، بەدەن ساپاسى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «قولى جىم تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى راستلا ياخشى، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەن، ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئىش قىلغاندا مېڭە ئۈزلۈكسىز غىدىقلىنىپ، نېرۋىلارنىڭ قوغدىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ».

پىيادە مېڭىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ: مۇتەخەسسىسلەر 420 مىڭ ئادەمنىڭ ماتېرىيالىنى يىغىپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، پىيادە مېڭىش سۈرئىتى ئاستا ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق يەكۈنگە ئىگە بولغانىدى: ئادەتتىكى ئادەمنىڭ پىيادە مېڭىش سۈرئىتى 0.9 مېتىر سېكۇنت بولىدۇ، بىراق بۇ سۈرئەت 0.9 مېتىر سېكۇنتتىن تۆۋەن كىشىلەر بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ، پىيادە مېڭىش سۈرئىتى 0.9 مېتىر سېكۇنتقا يېتىدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىكەن. دېمەك، پىيادە مېڭىش سۈرئىتى قانچە ئاستا بولسا، ئادەمنىڭ بەدىنى شۇنچە زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەرىكەتكە چىداملىقىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى ياخشى بولىدۇ: ياۋروپادىكى «يۈرەك كېسىلى ئىلمى» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى تۆۋەن ئادەملەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ مۇسكۇلى بوشىشىپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇ چاغدا تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۆمۈرگە تەسىر قىلىدۇ».

ئىنكاسى تېز بولىدۇ: ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئىنكاسى ئاستا ئادەمنىڭ ئىنكاسى تېز ئادەمگە قارىغاندا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئىككى ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. دېمىسىمۇ ئىنكاسنىڭ سۈرئىتى پاراسەتنىڭ ئۆلچىمى، پاراسەت بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىدىن دېرەك بېرىدىغان مەنبە.

بېلى ئىنچىكە بولىدۇ: ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 100 مىڭ پىدائىينى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بېلى توم ئادەم بېلى ئىنچىكە ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بېلىنىڭ توملۇقى 89 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللار بېلىنىڭ ئايلانمىسى 71 سانتىمېتىردىن تۆۋەن ئاياللارغا قارىغاندا، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى %79 يۇقىرى بولىدىكەن؛ بېلى زىيادە توم ئەرلەرنىڭ بېلى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا، ‹قان قەنتى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى، قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى› دېگەندەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى 2-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن».

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا چوقۇم بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ، داۋالاش سەۋيىسىمۇ جەزمەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ؛ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەر، ئىشىنى

جۇۋاۋا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك بولۇپ، مەيلى كۈدە قىيمىلىق بولسۇن ياكى گۆش پىياز قىيمىلىق بولسۇن، بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدىكى دائىملىق ھەمر

لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر توڭلاتقان جۇۋاۋىنى ياخشى پىشۇرالمىغاچقا، پىشۇرۇش جەريانىدا جىلىتى ئېتىلىپ قىيمىلىرى چىقىپ كېتىدۇ.

ئەر كىشى ئايال كىشىنى قوغلىشىشتا، پەقەت ئەر كىشى بوشىشىپ قالمىسىلا، ئاخىرىدا چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ ئايال كىشى ئەركىشىنى قوغلاشقاندا بولسا، پەقەت ئەر كىشى خال




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号