
ھاياتقا مۇھەببەتنى ھەمراھ قىلىش:
جەمئىيەتنى سۆيۈش، ئائىلىسىنى سۆيۈش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش كېرەك، باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆز مۇھەببىتىنى باشقىلارغا تەقدىم قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھەببەت ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ قىلىدۇ، روھىي ھالىتىنى ساغلام قىلىدۇ، بۇلار ئادەمنىڭ بالىلىق قەلبىنى ساقلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
ھاياتقا نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىش:
ياشانغانلار بېكىنمە ۋە تار تۇرمۇش بوشلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، يالغۇزلۇقتىن نېرى بولۇش، باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىشىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكىسى ۋە تېنىنى ئەركىن ھالەتتە تۇتۇپ، ساغلام بولۇش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يېتىشى لازىم.
ھاياتقا ئەخلاقنى ھەمراھ قىلىش:
ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، خەير ساخاۋەت قىلىش باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ ، ھەممە ئىشتا ئوڭلۇق بولۇش، كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ مۇقەررەر ھالدا روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، نېرۋا ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنى تەڭشەش ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىدۇ-دە، ساغلاملىق سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ھاياتقا مۇڭدىشىدىغان دوستى ھەمراھ قىلىش:
كۆڭلىدىكى گەپنى دېمەي ساقلاۋەرسە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنى كېسەل قىلىدۇ، مەيلى خۇشال قىلىدىغان ياكى غەم قىلدۇرىدىغان ئىش بولسۇن، ھەممىنى بىراقلا دەۋېتىپ راھەت بولغان ياخشى، چۈنكى گەپ بولسا دەۋىتىشمۇ يىغىلىپ قالغان قانلارنى ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ياخشى دورا.
ھاياتقا كىتابنى ھەمراھ قىلىش:
دائىم كىتاب ئوقۇپ، گېزىت كۆرۈش ئادەم مېڭىسىنى كۈندە ئىشقا سېلىپ ئادەمنى كەڭ قورساق بولىدۇ، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ھاياتقا ھەرىكەتنى ھەمراھ قىلىش:
كونىلاردا ھەرىكەت-بەرىكەت دېگەن گەپ بار، ياشانغانلار دائىم كۈچى يەتكۈدەك ئەمگەك ياكى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. مەسىلەن يەر سۇغىرىش، مۇنچىغا چۈشۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈش، گىمناستىكا ئويناش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، سەيلە قىلىش، تانسا ئويناشنى، يېقىنراق يەرلەرگە ساياھەتكە بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بوغۇملارغا پايدا قىلىپ، مۇسكۇللارنى چوڭايتىپ، قان تومۇرلارنى ئاچىدۇ، ھەرقايسى ئورگانىزىم توقۇلمىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

ھاياتقا گۈزەللىك ھەمراھ قىلىش:
ھازىر جوڭگۇ ۋە چەتئەللىك كۈتۈنۈش ئىلمىي مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك: قېرىغاندا ياسىنىپ يۈرۈش روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ياشانغانلار پۇزۇر كىيىنىپ يۈرسە، خۇشاللىق تۇيغۇسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە قانائەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئاشىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتەك ئاجايىپ ئۈنۈمنى كۆرەلەيدۇ.
ھاياتقا كۈلكىنى ھەمراھ قىلىش:
كۈلكە ئادەمنىڭ گۈزەل كەيپىياتىنىڭ تەبىئىي ئىپادىلنىشى بولۇپ، ماركس: بىر خىل گۈزەل كەيپىيات 10خىل ياخشى دورىدىنمۇ بەكرەك ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ھارغىنلىق ۋە ئازابنى يوقىتالايدۇ دەپ ئېيتقان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەزەلدىن كۈلۈپ ياشىغان، ئۈمىدۋار، خۇشخۇي مىجەزلىك ئادەملەر ئىكەن.
ھاياتقا يېشىللىقنى ھەمراھ قىلىش:
ياشانغانلار دائىم يېشىل مۇھىتلارغا بېرىپ ئايلىنىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ تۇرۇشى لازىم، دائىم خىلوروفىل مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سىرنىڭ بىرىدۇر.
ھاياتقا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ھەمراھ قىلىش:
كونىلار تىكەنگە قارىغاندا گۈلنى كۆپرەك ئۆستۈرۈش لازىم دەيدۇ، قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرسا ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە كەترەن گۈلى، ئەتىرگۈل، مودەنگۈل، چوغلۇق گۈللىرىنى، كۈز، قىش پەسلىدە كەركىدان گۈلى، جۇخار گۈلى، مېيخۇا گۈلىنى تىكسە، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈللۈك باغدا تۇرغاندەك، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى قالدۇرۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئازادە تۇرىدۇ. بۇمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر سىرىدۇر.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالى

پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسى

يېقىندا، كولۇمبىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدىكى سانتانتى ئۆلكىسىدە، يىڭى تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاق ئەخلەتلىككە تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخلەت دۆۋىسى يېنىد

ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، بۇ ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقتى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى كېمى

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

توي قىلغان ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىك

بىز ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتە، ئادەم ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بەزىبىر غەلىتە پىروگىراممىلارنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەخمەق قىلىنغا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号