ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
ياپونيىلىكلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-18كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئارزۇسىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا؛ بۇ سەۋەپلىك، ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى قوغلىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ياپونيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇنداق تەس ئىش ئەمەستەك بىلىنىدۇ؛ ياپونيىلىك ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 86 ياش، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 80 ياش بولۇپ، دۇنيادىكى كىشى بېشى ئوتتۇرچە ئۆمرى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھىسابلىنىدۇ؛ ياپونيىدە 80 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 80 ياشتىن ئېىشىش بولسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمىۋولىدۇر.
    ئۇنداقتا، ياپونيەدە نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئادەم 80ياشتىن ئاشقۇچە ياشىيالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە قانداق سىرلار بار؟ ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرىنى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. مايسىز، تۇزى كەم يىمەك-ئىچمەك ئادىتى
    ياپونيەلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەك-ئىچمىكى، نسىبەتەن مايسىز ھەم تۇزى كەم كىلىدۇ؛ ئشىلىتىدىغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىمۇ ساغلام يىشىل يىمەكلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يىرىك ئاشلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. ئەمما دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا نىسبەتەن، مايسىز ۋە تۇزى كەم يىمەك-ئىچمەك ئادىتى يىتىلدۈرۈش بىرقەدەر تەسكە توختايدۇ ھەمدە ھەمىشە نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ؛ چۈنكى دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى تائاملىرى يا مايلىق يا تۇزلۇق كىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، مايلىق، تۇزلۇق ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەر، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن پايدىسىز بولىدۇ.
2. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئاستا ھەرىكەتلىنىش
    ياپونيەلىكلەر، تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە كىچىك نوقتىلاردا ئاستا ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇشتىمۇ ھەم شۇنداق؛ ئۇلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن، ئاۋال ئىككى مىنۇت ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ، ئاز-تولا سوزىلىپ كېرىلىۋالىدۇ؛ بۇنىڭدا ئادەم بەدىنى بەلگىلىك ماسلىشىش ۋاقتىغا ئىگە بولۇپ، ئادەمنىڭ قان بېسىمى تەدرىجى ھالدا نورمال سەۋيىگە قاراپ تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن زور پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن، ئىتتىكلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتسەك، ئاسانلا مىڭىگە قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش قېيىش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ.
3. يىشىل چاي ئىچىش
   چاي ئىچىشتە ئەمىلىيەتتە نۇرغۇنلىغان ساغلاملىق نەزىريەلىرى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، يىشىل چاينى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
4. مىۋە-چىۋە يىيىش
    مىۋە-چىۋە تەركىبىدە، ئادەتتە ۋىيتامىن، مىكرو ئىلمىنت ۋە سۇ تەركىبلىرى مول بولىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسانلا سۈمۈرلۈپ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلايدۇ. مىۋە-چىۋە يىيىشتە ئادەتتە پەسىلگە قاراپ يەيدىغان بولۇپ، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىللىك يىڭى مىۋە-چىۋىنى يىگەندە، بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
5. ھاراق-تاماكىنى تاشلاش
    ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن ۋە ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى، ھاراق-تاماكىغا يېقىن كەلمەيدىغانلارنىڭىكىگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ يەردە بەلكىمم كۆپچىلىك ياپونيەلىكلەرمۇ ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغۇ دەپ سورىشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە بۇ پەقەت يۈزەكى ھادىسە بولۇپ، ھاراق ئىچمەيدىغانلار يەنىلا كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدا، ھاراق-تاماكا تاشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھاراق-تاماكا ئادەمنىڭ ئۆپكە ۋە جىگەر فونكىسىيىسىگە ئىنتايىن زور زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە قارىتا پايدىسىز بولىدۇ.
    يۇقارقى نوقتىلاردىن باشقا، ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى زور بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号