ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچىنچى شەخىس رەسمىيلەشكەندىن كىيىن قانداق تۇيغۇدا بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    باشقىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسىنى بۇزۇپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا "رەسمىيلەشكەن" ئۈچىنچى شەخىسلەر ئاز ئەمەس؛ بىراق، ئائىلىسى بار تۇرۇپ تالاغا قارىغان ئەر بىلەن بىللە "تويلىشىش قورغىنى"غا كىرگەندىن كىيىن، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىگەنلىرى ئىنتايىن ئاز. چۈنكى باشقىلارنىڭ يېنىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن نەرسىنى خاتىرجەم ئىشلىتىش ئاسان ئەمەس. بۈگۈن بىز، ئۈچىنچى شەخىس بولغان ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا رەسمىيلەشكەن ئىككى ئايال كىشنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرى ئارقىلىق، رەسمىيلەشكەن ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قانداق ھىس-تۇيغۇلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
تويلىشىش مۇناسىۋىتى بار ۋە يوق بولغاننىڭ پەرقى بولماسلىق
    ئۇ مەندىن 17ياش چوڭ؛ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا مەن 23 ياش، ئۇ 40ياش بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر ئوغۇل ۋە بىر قىزى بار ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۆزۈم خالاپ ئاشنا بولۇشۇم ئۇنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتتا ئۇمۇ ئايالىدىن كۆڭلى قالغان، چۈنكى  ئايالى ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يىل جاپا-مۇشەققەتلەردە بىرگە بولۇپ، بالدۇرۇ قېرىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئايالى قارىماققا ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ياش چوڭدەك كۆرۈنەتتى. بۇ سەۋەپلىك مەن ناھايىتى ئاسان ھەم ناھايىتى تىزلا ئەسلى ئىگىسىنى مەغلۇپ قىلدىم ھەمدە ئۈچىنچى شەخسلىكتىن رەسمىيلىشىپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولدۇم.
    ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىلگىركى ئايالىدىن بولغان بالىلىرى تەبىئىلا مىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ ئۆزۈمنىڭ بالىسى بولمىغاندىكىن، مەنمۇ ئۇلاردىن ئارتۇق ئۈمىد كۈتمەيتتىم. توي قىلغان دەسلەپكى بەش يىلدا، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىز بىرئوغۇل ئىككى بالا تۇغۇپ بەردىم، ئۇ مەن تۇغقان ئوغلىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. بىراق ياش جەھەتتىكى پەرق ۋە قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك، بىزنىڭ ئوتتۇرلىقىمىزدا تالاش-تارتىش بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى، توي قىلىپ ئالتىنچى يىلىغا كەلگەندە، بىز ئايرىلىپ تۇرۇشقا باشلىدۇق.
    ئايرىلىپ تۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئۇ سىرتلاردا بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرەتتى؛ ئايرىلىپ تۇرغاندىن كىيىن، مىنىڭ باشقۇرۇشىمدىن ئاجراپ، ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ماڭا بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دىمىدىم؛ چۈنكى بىر قېتىم بىز جىدەللىشىپ قالغاندا، ئۇ مىنى "سەن ئۆزۈڭنى كىم دەپ چاغلاپ قالدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ قانداقراق ئادەم ئىكەنلىكىڭگە قاراپ بېقىپ گەپ قىل" دەپ تىللىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن، ئۈچىنچى شەخىسلىكتىن رەسمىيلەشكەن ماڭا نسىبەتەن، تالاغا قارىغان ئۇ ئەرگە ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا تىگىشلىك بولغان ھۆرمەتكە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىمىنى ئاندىن ھىس قىلدىم. ئەگەر ئۆزۈمنىڭ ئىرىمۇ مىنى ھۆرمەتلىمىسە، باشقىلارنىڭ مىنى ھۆرمەتلىشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟
   توي تۇرمۇشۇمدا خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق، بىراق شۇنداقتىمۇ مەن يەنە ئاجرىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن؛ چۈنكى ئاجرىشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مىنى ئۆيدىن ھېچنىمە بەرمەي قوغلاپ چىقىرىپ، ھېچنىمىگە ئىرىشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. بۇ بەلكىم ئۆزۈمنىڭ تارتقۇلۇقى بولسا كىرەك.
باشقىلارنىڭ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشى ۋە سۆز-چۆچەك قىلىشىغا ئۇچراش
    ئۈچىنچى شەخىستىن رەسىمىلىشىپ، رەسمى ئايالىغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن، مىنىڭ كۈنلىرىم تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانام ماڭا تۈزۈكرەك چىراي ئېچىپ قاراپ باقمىدى؛ قېيىنئانام بىلەن قېيىنئاتام بۇرۇنقى كىلىنىگە ئامراق بولغاچقا، ئۇلارمۇ مەندىن بەك بىزار ئىدى.
    مىنىڭ ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا سوقۇنۇپ كىرگەنلىكىم، خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ئارىسىدا ئاللىبۇرۇنلا تارىلىپ كەتكەن ئىدى؛ شۇڭا ھەر قېتىم مەن ئىشىكتىن چىققىنىمدا، ئۇلار ماڭا مەسخىرە ئارىلاش نەزىرى بىلەن قارايتتى، كەينىمدىن ھەرخىل گەپلەرنى قىلىشاتتى، ھەتتا شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىممۇ مىنىڭ كەينىمدىن گەپ قىلاتتى. ئىزا-ئاھانەت ھەممىدىن بەك قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئەمىلىيەتتە مىنىڭ روھى بېسىمىم ناھايىتى بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    ئىرىم بولسا، توي قىلغاندىن كىيىن مەن بىلەن تۈزۈك كارى يوق بولۇپ، بۇرۇنقى قىزغىنلىقى قالمىغان ئىدى. مەن ھەمىشە پۈتكۈل دۇنيا مىنى تاشلىۋەتكەندەك ھىس قىلىپ، ھېچقانداق تايانچىم يوق ھالدا ئۆزۈم يالغۇز ئازاپ دېڭىزىدا تىركىشىپ، ئازراقمۇ ئۈمىد يوق بىر ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدىم.
ئاخىرقى خۇلاسە
    مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا رەسمىلەشكەن ئۈچىنچى شەخىسلەر، ئۆزىنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقتىم، ئەمدى بۇندىن كىيىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىمەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كىرەك. ئۈچىنچى شەخىس باشقىلارنىڭ بەختىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان تۇرسا، ئۇلار ئۆزلىرى قانداقمۇ بەخىتلىك بولالىسۇن؟ يۇقىرقىدەك ئەمەلىي مىساللار بىزگە شۇنى ئېيتىپ بىرىدۇكى، ئۇلار ھەرگىز بەخىتلىك بولالمايدۇ. ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق نەرسە ئادەمگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号