ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-11 كۆرۈلىشى : قېتىم

    كالا ئېتىزلىقتا ھېرىپ ئىشلەپ قايتىپ كىلىپ، ئېغىلغا كىرىپ ھاسىراپ پۇششاڭشىپ يېتىپتۇ؛ بۇۋاقىتتا ئىت ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.
    كالا ئىتقا، "ھەي!!! ئاغىنە، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم، ئەتە بىر كۈن ئارام ئالسام نىمە بولار دەپ ئۈمىد قىلىپ كىتىپ بارىمەن" دەپ داتلاپ بىرىپتۇ.
    ئىت كالا بىلەن خوشلىشىپ چىققاندىن كىيىن، تام تۈۋىدە مۈشۈكنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا دەپتۇ: "مەن ھازىر بېرىپ كالىنى يوقلاپ كەلگەن، كالا ئاكىمىز ھەقىقەتەن بەك ھېرىپ كىتىپتۇ، ئۇ بىرەر كۈن ئارام ئالغۇم بار دەيدۇ؛ بۇمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئىگىمىز ئۇنى بەك ئېغىر ئىشلارغا سالىدۇ".
    مۈشۈك كەينىدىنلا قويغا سۆزلەپتۇ: " كالا ئىگىمىزنىڭ ئۇنى بەك ئېغىر ئىشلارغا سالغانلىقىدىن ئاغرىنىپ داتلاپ بىرىپتۇ، ئۇنىڭ بىرەر كۈن دەم ئالغۇسى بار ئىكەن، ئەتە ئىشقا چىقمايدىكەن."
    قوي توخىغا دەپتۇ: "كالىنىڭ ئىگىمىزگە ئىشلىشىپ بەرگۈسى يوق ئىكەن، ئۇ ئىگىمىزنى مىنى بەك ئېغىر ئىشلارغا سالىدۇ دەپ قاخشاپ بەرگەن ئىمىش؛ بىلمىدىم، باشقا كالىلارنىڭ ئىگىلىرى ئۇلارغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلامدىكىن تاڭ!".
    توخۇ چوشقىغا دەپتۇ: "كالا ئىگىمىزگە ئىشلىمەسلىك قارارىغا كەپتۇ، ئۇ باشقا ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى ئىكەن. بۇمۇ توغرا، ئىگىمىزنىڭ كالىغا ئازراقمۇ ئىچى ئاغرىمايدۇ، ئۇنى ھەمىشە ئېغىر ھەم مەينەت ئىشلارغا سالىدۇ، بەزىدە ئۇنى تېخى قامچا بىلەن ئۇرىدۇ."
    كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن، ئۆينىڭ ئايال ئىگىسى چوشقىغا يەم بەرگىلى كىرگەنىكەن، چوشقا ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ كىلىپ، ئايال ئىگىسىگە دەپتۇ: "ئايال ئىگەم، مەن سىزگە بىر ئىشنى ئىنكاس قىلماقچى؛ كالىغا ياخشىراق تەربىيە ئىشلەپ قويمىسىڭىز بولمىغۇدەك؛ ئۇ ئىگىمىزنى مىنى بەك ئېغىر ھەم مەينەت ئىشلارغا سالدى دەپ ئىگىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەشنى خالىمايدىكەن؛ ئۇ تېخى ئىگىمىزدىن ئايرىلىپ، باشقا كىشلەرنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپتۇدەك!"
    چوشقىنىڭ قىلغان ئىنكاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە ئۆينىڭ ئايال ئىگىسى ئىرىگە دەپتۇ: "كالا سىزگە ئاسىيلىق قىلماقچى ئىكەن، ئۇ باشقا بىر ئىگە ئالماشتۇرماقچى بولۇۋىتىپتۇ؛ ئاسىيلىق قىلىشنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ، سىز ئۇنى قانداق بىتەرەپ قىلىسىز؟"
    ئەر ئاچچىقىدىن چىشلىرىنى كىرىشتۈرگىنىچە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
    نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق! ئىشچان ھەم يۇۋاش كەلگەن بىر كالا، مۇشۇنداق بىر پىتنە-پاساتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈپتۇ.
    ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ! بولمىغاندا سىز خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号