ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ خىلدىكى ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى سىزنىڭچە قانداقراق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    چەتئەللىك بىر ئەر، ئۆزى تۇرۋاتقان جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ئامراق ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئازراق تاكتىكا ئىشلىتىپ، ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە رەسىم سىزىپ چىققان؛ ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ بۇ ئامالى راستىنلا ئۈنۈم بەرگەن.
    ئەسلىدە، ئۇ رەسىم سىزىش ماھارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر رەسسامنى تەكلىپ قىلىپ، ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە، ساقچى ماشىنىسىنىڭ  3Dپۈركۈلمە سۈرىتىنى سىزغۇزغان! يېراقتىن قارىغاندا، ھەقىقەتەن بىر ساقچى ماشىنىسى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىغاندەك كۆرۈنەتتى.
    شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بۇ ئىنتايىن ئىجادىيەتچانلىققا ئىگە بىر ئۇسۇل بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكەن. چۈنكى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئادەتتە، ساقچى ماشىنىسىنى كۆرسە بەدەر تىكىۋىتىدۇ ئەمەسمۇ!
    بىراق، بۇ خىل كۆز بۇيامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى يەنىلا ئۇزۇن مەزگىللىك ئامال ئەمەس. بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ بەلگىلىك يىتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ؛ خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوخشاش. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئىشىكىگە داغدام يولدىن بىرنىڭ پۈركۈلمە سۈرىتىنى سىزىپ چىققان؛ ئۇ ئەجىبا ئۆتكۈنچى ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ راستىنلا خاتا تۇنۇپ قېلىپ، ئىشىكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرمەمدىغاندۇ؟
    شۇڭلاشقا، بۇ خىل غەلىتە ئۇسۇللار ئارقىلىق ماشىنا ئۆيىنى بىزىمەكچى بولغان دوستلار، مەزمۇن جەھەتتە ياخشى ئويلانمىسا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ئوغرى كەلمەي تۇرۇپ، قاتناش ساقچىسىنى باشلاپ كەلسە ياخشى بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号