ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مەلۇم بىر تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا، ئۈچىنچى شەخىس بىر ئايالنىڭ ئەرگە چىن مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلغان كۆرنۈشنى كۆردۈم؛ ئۇ خىل چىن يۈرەكلىرىدىن چىققان مۇھەببەت ئىزھارلىرى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدىكەن. چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ئۈچىنچى شەخىسمۇ بىر ئايال كىشى، ئۇلارنىڭمۇ مۇھەببىتى ۋە ھەقىقى ھىسياتلىرى بولىدۇ، ئۇلار پەقەت خاتا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىپ قالغان خالاس. بەزىلەر بۇنى ساختىلىق قىلىپ ئاشۇنداق بولۇۋالىدۇ، نىيىتى دۇرۇس ئەمەس دەيدىكەن؛ ئۇنداقتا ئۈچىنچى شەخىس ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن ھەقىقى مۇھەببىتى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئاياللارمۇ؟

نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار ئۆزلىرى خالاپ ئۈچىنچى شەخىس بولۇشقا رازى بولىدۇ؟
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزى زورى بىلەن ياكى ئۆزى شۇنداق بولۇشنى خالاپ ئۈچىنچى شەخىس بولىدىغانلار بولمايدۇ؛ ئەمما تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار نىمە ئۈچۈن يەنە شۇ تاغقا يامىشىدۇ؟ بۇ ئاياللارنىڭ قانداق پىسخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؟
    1. بايلىق ئۈچۈن بولىدۇ. بەزى ئاياللار ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۈچىنچى شەخىس بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەقىقەتەنمۇ كۆپ قىسم كىشىلەر ئويلايدىغاندەك بايلىق ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئايرىپ ئېلىش مەقسىتىدە كىلىدۇ؛ بۇنداق ئاياللارنىڭ نىيىتى چوقۇم توغرا ئەمەس. بۇنداقلار ئەگەر ئەرنىڭ رەسمى ئايالى تەرپىدىن بايقىلىپ قالسا، چوقۇم بىر مەيدان كۈرەش يۈز بىرىدۇ.
    2. مۇھەببەت ئۈچۈن بولىدۇ. پۈتۈنلەي مۇھەببەت ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخىس بولۇشقا رازى بولىدىغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى شەخىس بولۇشى، ئامالسىز ئەھۋالدا قىلغان تاللىشىدۇر. بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈش ئايال كىشىنىڭ ھوقۇقىدۇر؛ ئەمما پەقەت بۇ ئايال كىشى كىيىنرەك پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئەرنىڭ توي قىلىدىغان يېشىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن. بۇنداق ئاياللارنى پەقەت خاتا ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۈچىنچى شەخىس بولىدىغان ئەھۋالغا قېلىپ قالغان  دىيەلەيمىز. بۇنداق مۇھەببەت مۇشۇنداق ئادەمنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان بولىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن خۇرسىنىشكە بولىدۇ.
    3. ھېسياتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. زىرىكىشىنى تۈزۈپ، ھېسيات جەھەتتىكى ئېتراپ قىلىشقا ئىرىشىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخىس بولۇشقا رازى بولىدۇ؛ بۇنداق ئاياللارمۇ يوق ئەمەس.
ئۈچىنچى شەخىسنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، ئەر كىشى قانداق قىلىشى كىرەك؟
     بۇ بىر خىل ئادەمنى شىرىن ھېسياتقا ئەكىلىدىغان باش ئاغرىقى. ئەر كىشىگە نىسبەتەن، ئەگەر ئۇمۇ ئۈچىنچى شەخىسنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بۇ غايەت زور بىر ئاۋارىچىلىق. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەر كىشى مۇھەببەتنىڭ بېسىمىغا دۇچار بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار زادى قانداق قىلىشى كىرەك؟
    ئەڭ ياخشى كەلگەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا، ئازاپقا چىداپ مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىش. ئەگەر ئەرلەرنىڭ يەنە ئازراق ئەقلى بولسا، ئۇلار ئائىلىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغدىشى كىرەك. ئۆزىنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئۈچىنچى شەخىس قىزغا ياخشى ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈش. ھەر نىمە دىگەن بىلەن ھەر بىر قىزلارنىڭ ياشلىق دەۋرىنىڭ چېكى بولىدۇ؛ ئۇلار توي قىلىپ بولغان ئەرلەر ئۈستىدە ئۆز ھىسياتىنى ئىسراپ قىلىۋاتماسلىقى كىرەك، چۈنكى بۇنداق مۇھەببەت نەتىجىسى چىقمايدىغان مۇھەببەتتۇر.
    ئەگەر ئەر كىشى مەسئۇلىيەتچان بولسا، بۇنداق نەتىجىسى كۆرۈلمەيدىغان مۇھەببەتنى ۋاقتىدا قەتئىيلىك بىلەن ئۈزۈۋىتىشى كىرەك. نۇرغۇن كىشىلەر كەسكىن بولماي، ئۇتتۇرلۇقتا مىھرىنى ئۈزەلمەي، ئاخىرى بېرىپ ھەممە تەڭ ئازاپقا قالىدىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھەر كىمگە نىسبەتەن ئەرزىمەيدىغان بىر ئىشتۇر.
قىزلارغا قىلىنىدىغان نەسىھەت
     قىز بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەردە ئايالى بار ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى—ئۇ بولسىمۇ چىكىنىپ چىقىشتۇر، گەرچە بۇ ئۆزىنىڭ ھىسياتىغا نىسبەتەن قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز بولىسمۇ. ئايالى بار ئەركىشىدىن بىرسىگە مەپتۇن بولۇپ يۈرگەندىن، كەلگۈسى بار ھەمدە ئۆزىگە مۇھەببەت، نىكاھ ۋە ئائىلە بىرەلەيدىغان ئەردىن بىرنى تاللىغانلىق ئەڭ ئاقىلانىلىق ھىسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ياخشى ئەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن، شۇڭلاشقا بىر قەدەم چىكىنسىڭىز كەڭرىلىككە چىقىپ ھەممە ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号