ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئەڭ گۈزەلدۇر! سىز كۆرۈپ باقمىغان سۈرەتلەر!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامىرىكىدا بىر ئانا تاماقخانىدا ئولتۇرۇپ بالىسىنى ئىمىتىۋاتقاندا، بىر ناتۇنۇش ئەركىشى ئۇنىڭ كۆكسىنى ئۇچۇق قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا "يۆگىۋالسىڭىز بولامدۇ؟" دەپ ئېيتقان.
   بۇ ئانا باشقا گەپ-سۆز قىلماي، ئۇ ناتۇنۇش ئەرنىڭ دىگىنىدەك قىلغان....
   بۇ ئايالنىڭ قىلغىنىغا مەن باش بارمىقىمنى چىقارماي تۇرالمىدىم، ئۇنىڭ قايتۇرغان بۇ ئىنكاسى بەك قالتىس بولغان ئىدى!
   بەلكىم سىزنىڭمۇ ئىسىڭىزدە بار بولۇشى مۇمكىن؛ ئىككى ئاي ئىلگىرى بىر ئايال كىيىم مودىلى، سەھنىدە مودىللىققا مېڭىۋىتىپ، بوۋىقىنى ئىمىتكەن خەۋەر تارقالغان ئىدى؛ ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئايال مودىلنى نام چىقىرىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلدى دىيىشتى، ئەمما مەن ئۇ ئايال مودىلنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ قىلمىشى بىر ئانىنىڭ توغما خارەكتىرىنىڭ ئۇنىڭ كەسپى خارەكتىرىنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى؛ مىنىڭچە، ئانا بولۇپ باققانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قىلمىشىنى توغرا چۈشىنىدۇ.
   مەنمۇ ئىزچىل تۈردە ئانىلارنىڭ بوۋىقىنى ئۆز سۈتىنى ئىمىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمما ئانىلارنىڭ كۈنبويى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش بولۇپ، بەزىلىرى تېخى خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ؛ ئەگەر بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ قالسا، ئۇنىڭ سىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىز بىلەن ئەسلا چاتىقى يوق، ئۇنى ئىمىتمىسىڭىز ئۇ يىغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا بالا ئىمىتىش ناھايىتى نورمال بىر ئىش.
   بىراق نۇرغۇنلىغان نادان كىشىلەر، بۇنداق ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىسىنى ئىمىتكەن ئاياللارغا "ئار-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان"، "يۈزىنى تۆكىدىغان"، "ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى" دىگەندەك قالپاقلارنى كېيگۈزۈشكە ئامراق كىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ئۇنداق نادان خەقلەرگە ئېيتماقچى بولغىنىم، ئۇنداقلار ئىزچىل تۈردە بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىغا قاراپ نىمە قىلىدۇ؟ تېخى ئۇلارنىڭ بالا ئىمىتىۋاتقان سۈرىتىنى تارتىپ تورغا چىقىرىدىكەن، مىنىڭچە ئۇلارنىڭ  بۇ خىل قىلمىشىنى ئار-نومۇسنى ۋە خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان دىسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ.
   ھېچقانداق بىر ئايال كىشى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ خۇسۇسى جايلىرىنى ئۇچۇق قويۇشنى خالىمايدۇ؛ ئەمما كۆپىنچە ئاممىۋى سورۇنلاردا بوۋاق ۋە ئانا مەخسۇس ئۆيى بولمىغاچقا، بەزى ئانىلار ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز بوۋىقىنى ھاجەتخانىغا ئەكىرىپ ئىمىتىدۇ.
   لىكىن سىز بىزمۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ تاماق يىمەيمىزغۇ، نىمە ئۈچۈن بوۋاقلارنى ئۇنداق قىلىشقا قىستايمىز؟ بوۋاقلار كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بوزەك قىلىمىزمۇ؟
   بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىلارغا قارىتا مەن پەقەت بىر ئېغىزلا كۆڭلۈمنى ئىپادىلىمەكچى:
   شۇ تاپتا بالا ئىمىتىۋاتقان سىز، ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن گۈزەل!
 
كەلكۈندە قالسىڭىز نىمە بوپتۇ، سىزنىڭ ھەيۋىڭىز ھازىر كەينىڭىزدىكى شاقىراتمىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.

بالا ئىمىتىۋاتقان ھالىتىڭىزدە، سىز تەبىئەت بىلەن بىرلىكتە گۈزەل بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلالايسىز.

گەرچە سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى كۆيۈك يارىسى قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ دەقىقىدە سىز يەنىلا شۇنداق گۈزەل.

مەيىن شاماللار سىيپاپ ئۆتكەندە، سىز باشلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ، ئانا بولغۇچىدىكى بەخىت تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنىسىز.

بوۋىقىڭىزغا قارىغاندىكى كۈلكە سىمايىڭىز، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىدۇر.

قاراڭ! تەمكىنلىك ئىچىدىكى بالا ئىمىتىش، ئەمىلىيەتتە ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس.

مەيلى قايسى خىل جانلىق تۈرى بولمىسۇن، بالىسىنى ئىمىتىش ناھايىتى نورمال بىر ئىش.

بالا ئىمىتىش بىلەن بىرگە، يەنە تەبىئەت مەنزىرلىرىدىن ھۇزۇر ئالالايسىز.

بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولغاندا، بالا ئىمىتىۋاتسىڭىزمۇ خۇشاللىققا چۆمىسىز.

مەن ئويلاپ يىتەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئىش، سىرداش دوستۇم بىلەن بىرگە بالا ئىمىتىش.

ئىككى بوۋاق تەڭلا ئەمسە، تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ.

باھار

ياز

كۈز

قىش
   مەيلى قايسى پەسىلدە بولمىسۇن، پەسىلگە قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەل بولغىنى سىزدۇر، بالا ئىمىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى سىزدۇر!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号