ئەرلەر سىزنى بەك ياخشى كۆرسە، بۇ بەش خىل ئىپادىسى بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
مۇھەببەت ئىچىدىكى ئەرلەر پىشىپ-يىتىلىشتىن سەبىلىككە قايتىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى پۈتەنلەي قويۇپ بىرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنداق كۆپ ئوي-خىياللىرى بولمايدۇ؛ سىز ئۇنىڭغا بەرگەن مۇھەببەت ئۇنى خۇددى كىچىك ۋاقىتىدىكى ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەمما بەزىدە، بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ خىل "غەلىتە" ئىپادىلىرىنى چۈشىنىپ يىتەلمەي، ئىلگىرىكى تايىنىشقا ئەرزىيدىغان ئەرلەر ئۆزگىرىپ تايىنىشقا بولمايدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەرلەرنىڭ ئىپادىسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىق بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك "سەبىيلەرچە غەلىتە" كەلگەن ئىپادىلىرى، ئۇلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ.

1. ئەرلەر چوقۇم مىنى "مەركەز" قىلىش كىرەك دەرپ تۇرۋالىدۇ.
سىزنى چوڭقۇر ياخشى كۆرگەن ئەر كىشى، مۇھەببەت جەريانىدا سىزنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەركىزى بىلىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭمۇ ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ مەركىزى بىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سىزگە نىسبەتەن ئۆزگىچە بىلىنىشىنى ھەمدە سىزنىڭ پۈتۈن دىققىتىڭىزنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق خىيالىنىڭ بار بولۇشى، ئايال كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، ئاياللار بۇ سەۋەپلىك ئىچى پۇشىدۇ ھەمدە بۇ ئەركىشى بەك يولسىز بولۇپ قالدى دەپ ھىس قىلىپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەت جەريانىدا ئەرلەرنىڭ بۇ خىل ئىپادىسىنىڭ بار بولۇشى، ئۇنىڭ سىزنى چوڭقۇر سۆيگەنلىكىدىن، سىزگە بەكمۇ ئىتىبار بىلەن قارىغانلىقىدىن بولىدۇ.
2. ئۇنىڭ دىگەنلىرى بويىچە ئىش كۆرمىسىڭىز "كۈندەشلىكى" تۇتىدۇ.
"كۈندەشلىك قىلىش" ئاياللارنىڭلا خاس ئالاھىدىلىكى ئەمەس، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەردىمۇ سىز ئۈچۈن "كۈندەشلىك قىلىش" بولىدۇ. ئادەتتە ئەرلەر سىزنى قانچە ياخشى كۆرگەنسىرى، ئۇنىڭدا سىزدىن ئەنسىرەيدىغان "كىرزىس" تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولۇپ، سىزنىڭ ھەرقانداق باشقا بىر يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ؛ سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە "خەتەرلىك ئامىل" ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىدە ئەگەر ئۇ تۇيۇقسىز باتناپ گەپ قىلماس بولۇپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ بەلكىم سىزنىڭ باشقا يات جىنىسلىقلار بىلەن بىرگە تۇرغىنىڭىزنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇنداق ئىپادىلىرىگە قارىتا، سىز ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالماي، ئۇنىڭ كۆپرەك تەسەللى بىرىشىڭىز كىرەك.

3. سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن چوقۇم تۇنۇشۇشنى ئويلايدۇ.
ئەرلەردە بۇ خىل ئىپادىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ سىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكۈسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يىتىش ئارقىلىق، سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇ سىزنىڭ پائالىيەتلىرىڭىزگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ مەيلى ساۋاقداشلار يېغىلىشى بولسۇن ياكى تۇغۇلغان كۈن تەبرىك پائالىيىتى بولسۇن، ھەممىدە ئۆزىنى ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا سىلەرنىڭ بىرگە مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدۈرمەكچى ھەمدە سىزگە قارىتا باشقىچە ئوي-خىيالى بار ئەرلەرنىڭ دەرھال يېراق تۇرۇشىنى ئۇقتۇرماقچى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ خىل ئىپادىسى گەرچە ئازراق گۆدەكلىك قىلغاندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ سىزنىڭ ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
4. سىزگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ناھايىتى قىزىق قان بولۇپ قالىدۇ.
مۇھەببەتكە نىسبەتەن، ئەرلەر بەزىدە ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن، بەزىدە ھەتتا سەل قىزىق قان كىلىدۇ. بۇ خىل قىزىق قانلىق قىلىش گەرچە بەزىدە ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئەرلەرنىڭ ئىپادىسى يەنىلا شۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ. چۈنكى ئىككى ئادەم بىرگە بولغاندا، بىرسى پىشىپ-يىتىلگەن سالماقراق كەلسە، يەنە بىرسى شوخراق كەلسە، بۇنىڭدا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تۇلۇقلاپ، بىر-بىرىگە بولغان يىڭىلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە مۇھەببەت ئۈچۈن قىزىق قانلىق قىلىدىغان ئەر كىشى، ئۆز ھاياتىدا سىز ئۈچۈن جېنىدىن كىچىشنى ھەم سىز ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ.

5. سىز ئاچچىقلىنىپ قالسىڭىز، ئۇ دەرھال يۇۋاشلاپ قالىدۇ.
بۇنداق ئەرلەر كىچىك بالىلارغا ئوخشاش، گۆدەك ھەم سەبىي كىلىدىغان بولۇپ، سىز ئۇنىڭغا يول قويۇپ ئاچچىقلانماي تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ "ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان" بىر خىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئەمما ئەگەر سىز شۇنداقلا ئاچچىقلاپ قالسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان يېلى چىققان توپتەك بوشاپ، ئېغىرراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجىزلىق كۆرسەتسە، بۇنىڭدا سىزنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا "مۇھەببەت-نەپرىتىڭىز"نىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ ئۇلار ئاياللارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرلەرگە قارىتا ئىچ كۆڭلىدىن يول قويىدىغان ھەم مۇلايىملىق بىلەن پوزۇتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىز رەسمى ئاچچىقلىنىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ دەرھال ئەمدى قايتا "ئەركىلەشكە" بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنداق ئەرلەر بەزىدە گەرچە ناھايىتى ساددا ھەم گۆدەكلەرچە كەلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ.