ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر قايسى خىلدىكى ئاياللارنى ئەڭ ياقتۇرمايدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئەندىزىسى قەدىمدىن بويان قىزىق نوقتا بولۇپ كەلگەن ئۆزگەرمەس تېما؛ ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە قانداق ئاياللارنىڭ ئەڭ جەلىپكار ھەم مەپتۇن قىلارلىق كىلىدۇ؟ ئۇلار يەنە قانداق ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ قايسى خىلدىكى ئاياللارنى ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
1. بەدىنىدە غەلىتە پۇراق بار، پاكىزلىقنى ساقلىمايدىغان ئاياللار
    ئاياللارنىڭ باشقىلارغا بەرگەن بىرىنچى تەسىراتى ئەڭ مۇھىم، بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق؛ ئادەتتە ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇنلىغان ئەتىرلەر بىلەن بەدىنىدىكى پۇراقنى يۆگەشكە ئۇرۇنغاندىن، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان شەخسى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرگىنى بەكرەك ئەۋزەلدۇر.  مەسىلەن، بەدىنىدە غەيرى پۇراقلار بار، ئىچ كىيىملىرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرمايدىغان، ئىشكاپ-جاھازىلىرى قالايمىقان، ھەتتا يېتىپ ئۇخلايدىغان جايىمۇ مەينەت كەلگەن ئاياللار؛ ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئاياللار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇچرىشىشى بار بولۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ؛ بۇنداق ئاياللارنى پاكىزلىقنى سۆيىدىغان باشقا ئاياللارمۇ ياقتۇرمايدۇ.
2. يولسىزلىق قىلىشقا ئامراق، ھەمىشە ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرىدىغان ئاياللار
   
بەزى ئاياللار كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ زىيادە ئەركىلىتىشى ئاستىدا چوڭ بولغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللاردا ئازدۇر-كۆپتۇر "مەلىكىلىك كىسىلى" بار بولىدۇ؛ ئۇلار ئەركىلىك قىلىپ كۆنۈپ قالغان بولۇپ، مەن دىگەن ئايال كىشى(ياكى قىز بالا)، ئەرلەر ئەسلىدىنلا ماڭا كۆپرەك يول قويۇشى كىرەك دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ مىجەز-كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان كىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە ناھايىتى مۇلايىملىشىپ كىتىدۇ، يەنە بەزىدە ھازازۇل خوتۇنلاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ خىلدىكى مىجەز-خارەكتىر ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىراتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەرلەر بۇنداق ئاياللار بىلەن ئەڭ تىز سۈرئەتتە بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئويلايدۇ، بەزىدە ھەتتا نىرۋا كىسىلى بار ئوخشايدۇ دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن!
3. تاماكا خۇمارى بار، ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلىمايدىغان ئاياللار
   ئايال كىشى دىگەن بۇ سۆز ئاڭلىماققىلا بەلكىم ھېلىقىدەك ئەقىللىقلىق ياكى قۇشقاچتەك مۇلايىملىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما مىنىڭ قارىشىمچە، ئاياللارمۇ ئەرلەردەك قالتىس ھەم مۇستەقىل بولسا ئوخشاشلا بولىۋىرىدۇ. ئەمما بۇ شەرت ئاستىدا، ئاياللار تاماكىغا يېقىن كەلسە قاملاشمايدۇ. چۈنكى تاماكا دىگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئادەمنىڭ كاللىسىغا بىرىنچى بولۇپ، پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ كۆرەڭلىك قىلىۋاتقان جەمئىيەتتىكى ياشلار كىلىدۇ؛ ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئاياللار تاماكا دىگەن نەرسىگە يېقىن يولىماسلىقى كىرەك؛ چۈنكى بۇ ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە نومۇر قوشۇش ئەمەس بەلكى نۇمۇرىڭىزنى تۆۋەنلىتىشتەك ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
4. ئىچى تار، دوستلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قولىنى سۇنمايدىغان ئاياللار
   نۇرغۇن ئاياللار باشقا ئاياللار بىلەن دوستلىشىشقا قارىغاندا، ئەرلەر بىلەن دوستلىشىشنى بەكرەك خالايدۇ؛ چۈنكى ئاياللار بىلەن دوستلاشسا، بۇ خۇددى خان ئوردىسى زىددىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن كىنو-فىلىملىرىگە ئوخشاش ئاخىرقى نەتىجىسى چىقمايدۇ؛ ئەرلەر بىلەن دوستلاشسا، بۇ خۇددى ئۇرۇش فىلىملىرىگە ئوخشاش، دوستلار مىھرى ۋە مەرتلىك ئاساس قىلىنىدۇ! ئەرلەر بولسا، ئۇلارمۇ تەبىئىلا ئۇچۇق-يۇرۇق ھەم ئەرلەردەك مەرت ئاياللار بىلەن دوستلىشىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق پەيتتە كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك ياردىمىنى ئايىمىساق، مەرتلىكنى چوڭ بىلدىغان ئەرلەر سىزنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقارمايدۇ.
    ئاخىرقى سۆز: ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئېغىر-بېسىق ھەم سالماق تۇرسا، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، مىجەزى ئۇچۇق-يۇرۇق ھەم مەرت كىلەلىسە، ئۇنداقتا بۇنداق ئاياللار ھەقىقى دوست تاپالماسلىقتىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号