ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نۇرغۇن كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزگەن 6 كەلىمە سۆز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    1. ئادەملەرگە ۋە مەسىلىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىڭ. خالىغانچە ئاچچىقلانماڭ، ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس، بۇ دۇنيادا " شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك " دىگەن سۆز يوق.
    مىڭىڭىزنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاددى كىچىكلا ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىپ يىتىڭ، مەغرۇرلىنىپ كىتىشتىن ساقلىنىڭ؛ ھەرقانداق ئىشتا ئالدىغا چىقىۋالماڭ، چۈنكى سىز ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس!
    2. ئازاپ ناھايىتى بىر مەزگىللىك بولىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىلگىرىگە قارىسىڭىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىكەنلىگىنى بايقايسىز.
    ئىشلارنى كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، ئېسلىۋالغانسىرى ئۆزىڭىزنى تارتىۋالالماي پېتىپ قالىسىز. مىننەتدار بولۇشنى ۋە رايىغا بېقىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب-نەتىجە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
    3. ھەر بىر ئادەم مۇستەقىل بىر گەۋدە، كىم كىمدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغان ئىش ئەسلا يوق.
    ئۆزىڭىزنىڭ كوللىكتىپ ئىچىدىكى كۈچىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز ئايرىلىشنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا، سىز بولمىغان تەقدىردىمۇ قوياشنىڭ يەنە شەرقتىن كۆتۈرىلىۋىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
    4. سىزگە زىيان يەتكۈزگەن كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، چۈنكى ئۇلارمۇ ناھايىتى بىچارە، بېسىمنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىگە ئىگە بولالماي قالغان بولۇشى مۇمكىن.
   باشقىلارنىڭ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك ھالەتلىرىنىڭ كەينىدە، كىشى بىلىپ بولمايدىغان ئازاپلار كۆپ بولىدۇ؛ ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە كۆلۈمسىرەپ، ئىچىڭىزدە ئۇلار ئۈچۈن بەخىت تىلەپ قويۇڭ؛ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىشىلەرگە بولسا، چىن ھىسياتىڭىز بىلەن سەمىمى مۇئامىلە قىلسىڭىزلا بولغىنى. دۇنيادا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق كۆڭۈللىكىڭىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، توغرا بولغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە، تۆۋەن ماقامدا ئادەم بولۇپ يۇقىرى ماقامدا ئىش قىلىشقا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.
    5. ھەر قانداق ئادەمنى تۆۋەن چاغلىماڭ.
    ئۆزىڭىزنىڭ مىجەزىنى يېغىشتۇرۋىلىشنى بىلىڭ، ھەر ۋاقىت سۈكۈت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ؛ چۈنكى ئالدىراقسانلىق ۋە قاراملىق سىزنىڭ قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    6. سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ تاماشىبىنلىرىڭىز يوق، شۇڭلاشقا ئۇنداق ھارغىنچىلىقتا ئۆتمەڭ.
    ئاددى بىر ئادەم بولۇڭ، پۇختا ھەم ئەمىلىيەتچىل بولۇڭ؛ قۇرۇق خىيالغا بىرىلىپ كەتمەڭ ھەم ئۆزىڭىزنى ۋەس-ۋەسىگە سېلىپمۇ يۈرمەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号