مۇھەببەتنى راك كىسەللىكىمۇ سۇسلاشتۇرالمايدۇ! ھەقىقى بولغان ۋەقەلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
بەزىلەر ئادەم كۆزىنى يۇمغان ۋاقىتتا مىڭىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەكىس ئەتكەن ئايال كىشى ئۆزى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئايال دىيىشىدىكەن. بۈگۈنكى بۇ ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئىككى يىل قوغلىشىپ، مىڭ تەسلىكتە ئۇ قىزنىڭ ۋەسلىگە يەتكەندە، ئويلىمىغان يەردىن ئۇقىز راك كىسەللىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
يۇقىرىدىكى سۈرەتتىكى ئەر ئەنگىلىيەدىكى پۇلدار بىر ئائىلىنىڭ بەگزادىسى بولۇپ، روسىيەدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ روسىيەدىمۇ سودا شىركەتلىرى بار بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆتكۈزۈۋىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، بىرىنچى قېتىم شىركەتنىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرگەن ۋاقتىدا، شىركەتتىكى چىرايلىق بىر قىز تەرپىدىن مەپتۇن قىلىۋىلىنغان. ئوغۇل قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ، روسىيەدە، يەنى قەلبىدىكى ئاشىقىنىڭ يېنىدا قېلىپ قالغان.

دەسلەپتە بۇ قىز ئەنگىلىيىلىك ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان، ئەمما ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل ئۇنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، 2 يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، روسىيىلىك قىزدىمۇ تەدرىجى ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى تەسىراتلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان؛ ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل گەرچە قىزنىڭ ئۆزىگە كۆڭلى بارلىقىنى ھىس قىلالىسىمۇ، ئەمما ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە بىكىتىلەلمىگەن. ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل زادى نىمە سەۋپتىن بۇنداق بولىدىغىنىنى ئاڭقىرالماي، بىر نەچچە قېتىم قىزدىن سەۋپنى كوچىلاپ سورىغان؛ روسىيىلىك قىز نەچچە قېتىم ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل ئۇنىڭ جاۋابىدىن رازى بولمىغاچقا، قىز ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي ھەقىقى سەۋەپنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.
ئەسلىدە روسىيىلىك قىزمۇ خېلى بۇرۇنلا ئوغۇلنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان؛ ئەمما قىز ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دوختۇرلار تەرپىدىن راك كىسەللىكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە 5 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئادەم بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇ ئادەمگە قىلچىلىك ئازاپ يىتىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايدۇ؛ روسىيىلىك قىز كۆز ئالدىدىكى ئۆزى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئەنگىلىيىلىك ئوغۇلغا قاراپ، ئۆزىنىڭ قالغان ئۆمرىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن يۈك بولۇپ قېلىشىنى خالىمغان؛ قىز ئۆزى ئۆلۈپ كىتىپ قالسا، ئوغۇلنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ ھەسرەتكە پېتىپ قېلىشىنى خالىمىغان.

ھەقىقى مۇھەببەت ئالدىدا، راك كىسىلى نىمىيتتى؟ ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىشىنەتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ئاشىقىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ قالاي دىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىرگە بولۇش يولىنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە قاباھەتلىك چۈش ئۇنىڭ ئاشىقىنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كىتەلىگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى يوق قىلىۋىتەلمەيدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل قىزغا مۇنداق دىگەن: "مەن بىز بىللە بولىدىغان ئاخىرقى ۋاقىتلارنى ياخشى قەدىرلەيمەن، مەن ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە سىزگە ھەمرا بولۇپ بىللە ماڭىمەن."
ئاخىرىدا، ئەنگىلىيىلىك ئوغۇل بۇ روسىيىلىك قىز بىلەن رەسىمى توي قىلدى. ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەت رىشتىلىرى بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك باغلانغان بۇ پەيتتە، ئەنگىلىيىلىك ئوغۇلنىڭ نەزىرىدە ئايالى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كىلىن ھىسابلىناتتى.
ئۇلار ئىتالىيىنىڭ ساردىنىن ئارىلىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى گۈزەل ئايالىغا قاراپ، ئەنگىلىيىلىك ئەرنىڭمۇ كۆڭلى بىئارام بولغان ۋاقىتلىرى بولغان؛ ئەلۋەتتە، ئايالى بىلەن توي قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئاران تەسلىكتە ئىرىشكەن، ئۆزى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا يىتىپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى بەلكىم كىيىنكى مىنۇتتا تۇيۇقسىزلا يېقىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ قانداق ئۇسۇلدا ئايالىغا ھەمرا بولۇپ، ئايالىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى؛ ئۇ ئايالىنىڭ كۆپ قالمىغان ھاياتلىقىدا ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى بىرىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئاخىرىدا ئەر بىر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇشايماندا قالماسلىقى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلارنى ئايالى بىلەن خوشال-خورام ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە، ئۇ بارلىق بىساتىنى سەرپ قىلىپ، ئايالىنى ئېلىپ پۈتكۈل دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيانى ئايلىنىش ساياھىتىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى مالدىۋى بولۇپ، ئايالى دېڭىزدا ئۇزۇن لەيلىدى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاساسى جەھەتتىن ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ھەمدە ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى.
رىئاللىق مۇشۇنداق رەھىمسىز كىلىدۇ. سىز ھەرقانچە كۈچەپ چىڭ تۇتىۋالسىڭىزمۇ، ئاخىرى يەنىلا تەقدىرگە باش ئەگمەي ئامالىڭىز يوق. بىر ھەپتىدىن كىيىن ھىكايىمىزنىڭ ئايال باش قەھرىمانى—روسىيىلىك كىلىنچەك ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى؛ ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە سىماسى جىلۋىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ھېچقانداق ئەپسۇسلىنارلىق پۇشايمانلارنىڭ ياكى قايغۇ-ھەسرەتنىڭ ئىزناسى يوق ئىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆزىنى چوڭقۇر سۈيىدىغان بىر ئەركىشىنىڭ بار بولغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىلەن بىللە ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى مۇساپىلىرىنى بىرگە باسقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنا ھاياتىغا مۇكەممەللىككە ۋە گۈزەللىككە تولغان خاتىمە بېغىشلىغان ئىدى.