ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەركىشى ئۆزگىرىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈندىدارى....
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر ئۈندىدار ئالاقە زامانى بولۇپ، بۇ يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق بىر ئەركىشنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە بولدىغان زامان بولۇپ قالدى. بىر ئەر كىشىنىڭ سىزگە يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش سادىق ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۈندىدارىدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ...
1. ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە سىزگە ئالاقىدار ئۇچۇر قايتا كۆرۈلمەيدۇ.
   سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ نەزىردە سىزدىن بۆلەك بىرسى بولمايدۇ، قەلبىدە تېخىمۇ ھەم شۇنداق؛ بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە كۈندە دىگۈدەك سىزنى ياكى سىز بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىڭىزنى پۈتۈن جاھاندىكى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرگۈسى كىلىپ كىتىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ روھى كەيپىياتىڭىز، ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئۆزگىرىپ، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغاندا بولسا، ئۇنىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ يىغلاپ تەتۈرلۈك قىلىشىڭىز خاتا، سۈكۈتتە تۇرۋىلىشىڭىز خاتا، ھەتتا نەپەس ئېلىشىڭىزمۇ خاتا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە سىزگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇر قايتا كۆرۈلمەيدۇ.
   ئۇنىڭ قەلبىدە سىزگە ھېچقانداق ئورۇن قالمىغان بولىدۇ.
2. ئۇ سىزنى قايتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ پاراڭلاشمايدۇ.
   ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سىز بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى خالايدۇ.
   ئۇ ھەتتا يۇيۇنغان ۋاقتىدىمۇ، سىزدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىنكى بىرىنچى ۋاقىتتا يانفونغا قارايدۇ.
   قارىماققا ئىسەكىمىگەندەك كۆرۈنگەن بىر ئېغىز "نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟" دىگەن سۆز ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ سىزنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە سىز خالىغانچە ئېيتقان بىرەر ئېغىز سۆزنى ئۇ يېرىم كۈن ئويلىنىدۇ، سىزنى ئاچچىقلاپ قالدىمىكىن، خاپا بولۇپ قالدىمىكىن دەپ قالىدۇ.
   ئەگەر ئۇنىڭ قەلبى ئۆزگىرىپ سىزنى ياخشى كۆمەيدىغان بولۇپ قالسا، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ پاراڭلاشماقچى بولغان تەقدىردىمۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشى يوق بىكار بولسىمۇ، ئۇ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، مەن ئالدىراش دەپ سىزگە قارايدىغان ياكى سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى چىقمايدۇ.
  خۇددى مەن ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر جۈملە سۆزگە ئوخشاش بولىدۇ: سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئوڭ كىلىدۇ؛ سىزنى ئەسلىگەن ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالدىراش بولمايدۇ؛ ئالدىراش، ئۇپەقەت بىر باھانە خالاس.
3. پاراڭلاشقاندا ئاخىرقى بىر ئېغىز گەپنى قىلغان ئادەم ئۇ بولمايدۇ.
   سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا، ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزنى قىلىدىغىنى چوقۇم ئۇ بولىدۇ؛ سىلەر ئۆز-ئارا خوشلىشىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنە سىزنى سۆيگەن چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى ئەۋەرتىپ ئاندىن بولدى قىلىدۇ.
   سىز پاراڭلىشىۋىتىپ ئۇخلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنە ساراڭدەك ساقلاپ ئولتۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىز قايتۇرغان ئۇچۇرنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.
   سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پاراڭلىشىشتا، ئۇ مەڭگۈ ئاخىرقى بىر ئېغىز گەپنى قىلىدىغان ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گېپى، سىزگە بولغان قىيالماسلىق، ئەنسىرەش ۋە ئۈمىد-ئىستەكلەرگە تولغان بولىدۇ.
   ئەگەر ئۇنىڭ قەلبى ئۆزگىرىپ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن يەنە سورايدىغان مۇھىم ئىشىڭىز بار تەقدىردىمۇ، ئۇ ئاللىقاچان يانفونىسىنى ئىتىۋىتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ بىر ئېغىز "خەيرىلىكەچ" دىگەن سۆزىنى كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز، ئۇ ئاللىقاچان ئۆز ئالدىغا پاراڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇنچىغا چۈشىمەن دەپ يوقىلىدۇ، نەتىجىدە ھەرقانچە ساقلىسىڭىزمۇ، ئۇ قايتا مۇنچىدىن يېنىپ چىقمايدۇ.
ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، پاراڭنىڭ ئەڭ كەينىدىكى بىر ئېغىز گەپنى سۆزلەشنى قايتا خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ، سىزگە بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلىشنى ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارايدۇ.
4. ئۇنىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتىنىڭ سىز بىلەن قايتا ئالاقىدار بولمايدۇ.
   ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتى سىلەرنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىڭلار ياكى سىزنىڭ سۈرەتلىرىڭىز بولۇپ، مەيلى قانداق شەكىلدىكى سۈرەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ ھەممىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە سىز بىردىنبىر بولىسىز.
   بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەم باش سۈرىتىنى ئالماشتۇرىدىغان ئۇنداق كۆپ ۋاقتىمۇ يوق بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى سىلەرنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، ھەمدە ھەرقانچە ھېرىپ-چارچىسىمۇ ئەرزىيدىغان ھىس قىلىدۇ.
   ئۇنىڭ قەلبى ئۆزگىرىپ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتىمۇ ئىككىڭلارنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىدىن ئۇنىڭ يالغۇز چۈشكەن دۈمچە قىسمى كۆرسىتىلگەن سۈرەتكە ئۆزگىرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى مۇھەببەتكە قارىتا كۆڭلىنىڭ سۇۋۇپ كەتكەنلىكىنى سىزگە بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىدۇر.
   ئىلگىرى ئۇ ھەممە ئىشتا سىزگە بېقىپ، سىز ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرەتتى، سىز  ياقتۇرمىغاننى ئۇمۇ ياقتۇرمايتتى؛ ھازىر ئۇ ئۆزى بولماقچى بولىدۇ، ھەمدە بۇنداق قەتئىلىككە تولغان ئۇسۇل ئارقىلىق سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىنىنى سىزگە بىلدۈرىدۇ.
5. ئۇنىڭ سىزگە قويغان ئەسكەرتىش ئاتالغۇسى بۇرۇنقىدەك ئالاھىدە كەلمەيدۇ.
   ئۇ سىزنى سۆيگەن ۋاقتىدا، سىز ئۇنىڭ ئۈندىدارىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەمدە ئىككىنچى بىر جۈپتى بولمىغان ئەسكەرتىش ئاتاققا ئىگە بولۇسىز؛ ئۇ سىزگە قويغان ئەسكەرتىش ئاتىقى سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئوماق ھىسابلىنىدىغان ھالىتىڭىز بولۇپ، بۇنىڭغا ھەم ئىككىڭلارغىلا تەئەللۇق بولغان ئەسلىمىلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ؛ سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزنى ئېچىپ، سىزگە قويغان ئەسكەرتىش ئاتاقنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمى ۋە قەلبى ئىللىق ھارارەتلەگە تولىدۇ.
   ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ۋاقىتىدا، ئىلگىرى مەخسۇس سىزگە تەئەللۇق بولغان، ئىللىق ھەم شىرىنلىك تۈسى ئالغان ئاتاق، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن، چوقۇم چىقىرۋىتىش كىرەك بولغان قۇمغا ئوخشاپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئەسكەرتىش ئاتىقىڭىزمۇ، ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى دوستلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئادەتتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتاقلارغا ئالمىشىدۇ.
   ئەگەر سىز ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭدىن نىمىشقا بۇنداق قىلغىنىنى سورىسىڭىز، ئۇ ئۇنداق ئاتاقلارنى قويۇش گۆدەكلەرچە ئىش كۆرگەنلىك دەپ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىدۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە باشقا بىر قىزغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش ئاتىقى قويغان بولىدۇ.
  ئەگەر بىر ئادەم سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز قانچىلىك گۆدەكلىك قىلىڭ ياكى بىشەملىك قىلىڭ، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ شىرىنلىك ۋە رومانتىكىلىق بىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىز ھەرقانچە ئوماق ۋە شوخ بولسىڭىزمۇ، بۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە يولسىزلىق قىلغانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    ھەربىر قىزلارنىڭ كۆزى مال تۇنۇيدىغان ھالەتتە ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى بالدۇرراق تېپىۋىلىشىغا تىلەكداشمەن.
    بىر ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ۋە بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ؛ ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈندىدارى سىزگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
   سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر، ئۇلارنىڭ ئۈندىدارى ھەر ۋاقىت سىزگە نىسبەتەن ئۇچۇق كىلىدىغان بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىمۇ سىزگە مەڭگۈ ئۇچۇق؛ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەرلەر دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇچۇر چىقىرىشقا رازى بولىدۇكى، سىزنىڭ ئۇچىرىڭىزنى قايتۇرۇشنى خالىمايدۇ.
   سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەرلەردىن يېراقلىشىپ، كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ھەمرا بولۇڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号