ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ئەمىلىيەتتە ياخشىلاش كەتمەيدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
كىلىن ۋاپادار بولمسىمۇ بولىدۇ؛ قېيىنئانا بالىلىرىغا قارىشىپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ؛
   تۈنۈگۈن بىرسىنىڭ "قېيىنئانا-قىيىنئاتىنىڭ كىلىنىنى ياخشى كۆرمەسلىكى ئىنتايىن نورمال بىر ھادىسە" دەپ يازغانلىرىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ سالدىم.
   بۇ ھەقىقەت.
   بىراق بۇ ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما بۇنى قەغەز يۈزىگە ئېلىپ چىقساق كۈلكىلىك تۇيىلىدۇ؛ چۈنكى بىز ياسالمىلىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ھەمدە سىرتقى كۈرنۈشتىكى ئىناقلىق ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش ھالىتى بىلەن قەلبىمىزدىكى ئازاپ ۋە كۆڭۈل سۇنۇقلىرىنى يۇشۇرۇشقا ماھىر بولۇپ كەتكەن.
   مەن ئىلگىرى نۇرغۇن كىلىنلەرنىڭ ئۆزلىرى بالا تۇغۇپ ياتقان ۋاقتىدا قېيىنئانىسىنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقى، ئەگەر ئۆز ئاپىسى بولغان بولسا بۇنداق جاپادا قالمايدىغانلىقىنى داتلاپ كۆز ياشلىرىنى تۆككەنلىكىنى كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان. مەن يەنە نۇرغۇن قېيىنئانىلارنىڭ قىزى بىلەن كىلىنىنىڭ كىمنىڭ تېخىمۇ ۋاپادار ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، نەتىجىدە ئويلىغانسىرى كىلىنىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى ناچار چىقىپ ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغانلىقىنى كۆرگەن.
    بىزدىكى قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئازاپقا تولغان بولىدۇ؟
   بۇنىڭدىكى تۈپ مەسىلە، قىلچىلىك قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىككى ئايال كىشىنى، مىھىر-مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ بىرگە باغلاپ قويغانلىقىمىزدا، يەنى كىلىن چوقۇم ۋاپادار بولۇشى كىرەك، قېيىنئانا چوقۇم بالىلارغا قارىشىپ بىرىش، تۇغۇت بېقىش دىگەندەك بەلگىلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىش كىرەك دەپ، بۇئارقىلىق ئىككى تەرەپنى مىھىر-مۇھەببەت باغلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىمىزدا.
   ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر بۇ خىل ئاتالمىش "قېيىنئانا-كىلىن مۇھەببىتى" ئىچىگە مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ كىرىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا چەك-چىگرا تۇيغۇسى بولمايدۇ؛ مەجبۇرى تېڭىلغان مۇھەببەت كۆپىنچە ھاللاردا كونتىرول قىلىش ئىستىكى ۋە تەلەپ قىلىش ئىستىكى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئاخىرى بېرىپ پەقەت نەپرەتلىنىش ئېلىپ كىلىدۇ.
   بۇ سەۋەپلىك تۆۋەندىكىدەك "ئاجايىپ-غارايىپ" ھالەتلەر بىزگە غەلىتە بىلىنمەيدۇ: كىلىن بالا تۇغقان ۋاقىتتا، قېينىئانا كىلىننىڭ ئوپراتىسىيە قىلدۇرۇشىنى چەكلەپ، چوقۇم ئۆزى تۇغۇش كىرەك دەپ تەلەپ قويىدۇ، تېخى ئاغرىق پەسەيتىش چارىلىرىنى قوللىنىشقا يول قويمايدۇ؛ بالا بېقىشتا، كىلىن قېيىنئانىسىنى ھەقسىز بالا باققۇچى قىلىۋالىدۇ، تېخى مۇلازىمەت سۈپىتىدىن نارازى بولۇپ، ئازراقلا كىلىشەلمىسە جىدەللەشكىلى تەييار تۇرىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرلۇققا ئىشنىڭ ئېپىنى ئوقمايدىغان ئەر قىسىلىپ قالسا، بۇنداق ئائىلە ھەر كۈنى ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش خەۋپى ئىچىدە تۇرىدۇ.
   كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز ھېچقىسى يوق؛ ئوغۇل بولغان ئادەممۇ ئايالىنى ئانامغا ۋاپادارلىق قىلىسە دەپ تەلەپ قويماسلىقى كىرەك. ئەمما سىزمۇ قېيىنئانىڭىزنىڭ سىزگە قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ ئويلاپ قالماڭ. قېينئانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن بالىغا قارىشىپ بىرىدىغان مەجبۇرىيىتى يوق، سىزگە تۇرىدىغان ئۆي تەمىنلەيدىغان مەجبۇرىيىتى تېخىمۇ يوق.
   ھەر بىر ئەر كىشى، ئائىلىسىدە ئايالىنىڭ بىردىنبىر ئايال خوجايىن ئىكەنلىكىنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىشى كىرەك. قېينىئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا، چەك-چىگرانى ساقلاپ ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتسە، بۇ مەجبۇرى شەكىللەندۈرۈلگەن مىھىر-مۇھەببەتىن مۇھىم. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغاندا، ئائىلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىناقلىق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
-2-
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، "قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى" دىگەن مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس
   بۇ دۇنيادا ئاتالمىش "قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى" مەۋجۇت بولمايدۇ؛ ھەرقانداق قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مەنبەسى ۋە يادروسى بولسا، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدۇر. چۈنكى قېينىئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان پوزۇتسىيىسى، ئىرىڭىزنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشىدىن بولىدۇ؛ ئەمما ساغلام بولغان نىكاھ بولسا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلاشماستىن، تىغ ئۇچىنى بىردەك سىرتقا قارىتىشتۇر.
   شۇڭلاشقا يىڭى توي قىلغاندىن كىيىنكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، قېينىئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى دىگەنلەر بولماستىن، بەلكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئائىلىدىكى ھوقۇق ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىرىڭىزنىڭ ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
   توي قىلغان تۇنجى يىلى، ئىرىڭىزنى  تەربىيىلەپ تاپقا كىرگۈزۈۋالىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل؛ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا تۇرمۇشۇڭلار ئەمدىلىكتە يىڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەممە ناھايىتى يىڭىچە بىلىنىدۇ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا سىز مەيلى پەپىلەمسىز ياكى ئازدۇرامسىز، ئىشقىلىپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇشىڭىز كىرەك؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ئۇنى بىللە تارتىپ ياردەملەشكىلى سېلىڭ، ئەگەر ئۆزىڭىز يانغا چىقىپ تۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ، غەيرەت قىلىڭ دەپ مەدەت تىلەيدىغان بولالىسىڭىز تېخى ياخشى؛ ھەركۈنى ياستۇق تۈۋىدە ئۇنىڭ قولىقىغا "ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى ئائىلىنىڭ يادرولۇق قىسمى، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاتا-ئانا ۋە بالا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ" دىگەن ئىدىيىنى سىڭدۈرۋىتىڭ.
   ئالدى بىلەن ئىرىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئىككىڭلار ئوتتۇرسىدا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ بار بولغاندىن كىيىن، ئاندى بالىلىق بولۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
   بۇ مەزگىلدە، ئۇتتۇراڭلاردا بەلكىم زىددىيەت-توقۇنۇشلىرى بولۇشى مۇمكىن؛ سىز بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ، چۈنكى توقۇنۇش، گەپ تەگىشىش، مۇرسسەلىشىش، ماسلىشىش دىگەنلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئاندىن "سەن بىلەن مەن" ھالىتىنى "بىز ئىككىمىز" ھالىتىگە ئۆزگەرتەلەيسىز.
   سىز شۇنداقلا ئىرىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئىدىيىنى شەكىللەندۈرۈشىڭلار كىرەك:
  ئىككىڭلارغىلا تەۋە بۇ "ئائىلىدە"، ئىرىڭىز ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا چېتىلىدىغان ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولۇڭ، ئائىلىدىكى بارلىق ئىشلار ئىككىڭلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا بوي سۇنۇشى ھەم بۇ نىشاننى ئالدىنقى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كىرەك.
   شۇڭلاشقا، قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا، ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كۈچ سىنىشىش كەتمەيدۇ، ئىرىڭىزنى ئانىسى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىرىپ قويسىڭىز، بۇ ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدۇ.
-3-
ئەندىزىڭىزنى چوڭايتىپ، ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرىشىڭىز، بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى
   ھەر قېتىم بەزى ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ ئازاپقا تولۇپ كەتكىنىنى كۆرسەم، مەن جېنىمدا ئۇنىڭ ئۈچۈن جىددىلىشىپ كىتىمەن: بۇ پۈتۈنلەي ھاياتلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟
   نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ھەمىشە ئۆتكۈزىدىغان بىر خاتالىقى بولسا، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە كىرىشىۋىلىشنى ياخشى كۆرۈش، نەدىكى كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلارغا كىرىشىۋىلىشتۇر.
   بەزىلەر مەندىن سورىغان: قېيىنئانامنى ياقتۇرمىسام، ئەمما چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇش كىرەك بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەگەردە چوقۇم قېينىئانىڭىزنىڭ بالىغا قارىشى كىرەك بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە بالا تەربىيىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۇنداق بىر پىسخىكىلىق ئاساس تۇرغۇزىۋالسىڭىز، كىيىنكى كۈنلەردە ئازراق بىئارام بولىسىز.
   ئەمىلىيەتتە چوڭ بىر ئىشلار ياكى پىرىنسىپقا ياتىدىغان مەسىلىلەر بولمىسا، سىزنىڭ ئۇ كىچىك ھالقىلارغا كىرىشىۋىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئەزەلدىن تۇلۇق مۇكەممەل بولغان ئائىلە بولۇپ باقمىغان؛ سىز ھەممە ئىشنى ئۆز قولىڭىز بىلەن قىلىپ چوڭ قىلغان بالىدىمۇ ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرىلىدىغان بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن تېخى سىزدىن ھەممىدىن بەك نارازى بولۇشى مۇمكىن.
   ئەگەر ئىقتىسادى مەسىلە سەۋەپلىك بىرگە تۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، سىز بۇنداق پاسسىپ كەيپىياتلارنى پۇل تېپىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭدا سىزنىڭ ئەركىلەپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىڭىزمۇ بولمايدۇ.
   ئاياللارغا نىسبەتەن، تويدىن كىيىن ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىق ياكى قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى ئائىلىدىكى ئۆتەيدىغان رولى ئۇنى پۈتۈنلەي ئىسكەنجىگە ئېلىۋىلىشتۇر.
   بۇ ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى بولۇپ، ئۇلار مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئايالى بولغاندىن كىيىن، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك ئائىلىدىكى رولىغا كىرىشىپ كىتىدۇ ھەمدە ئائىلىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانى بىلىدۇ؛ ئەمما ئاۋال بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە ئوخشىشىپ ياخشى ياشىيالىسا، ئاندىن بىر ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولالايدىغانلىقىنى، ئائىلىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى ئاندىن ياخشى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
   قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاشقا ئۇرۇنۇش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئۇسۇل، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش بولسا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئۇسۇل، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۇسۇل بولسا، ئۆزىڭىزنى ياخشىلاشتۇر.
   سىز تەرەققى قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر، تېخىمۇ پۇلدار، تېخىمۇ ئەقىللىق ھەم قىزىقارلىق بولۇپ ئۆزگەرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئىجتىمائى مۇناسىۋىتىڭىزمۇ تېخىمۇ ئىناقلىققا تولۇپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، سىزمۇ قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى دىگەنلەرنى ئويلىشىپ يۈرمەيسىز، باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش قىلماسلىقىغىمۇ پىسەنت قىلىپ كەتمەيسىز؛ سىز باشقىلارغا قارىتا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ كىتىسىز، باشقىلار سىز بىلەن بىرگە بولغاندا تېخىمۇ ئازادىلىك ھىس قىلىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
   ئۇنى دىدۇق، بۇنى دىدۇق، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەندىزىسىنى چوڭايتىپ، ئۆزىمىزنى كۈچەيتسەك، بۇ بارلىق مەسىللىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号