ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قان تۇمۇر توسۇلۇشنىڭ دورىسى—پىياز كالا گۆشى قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاقسىل تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كالا گۆشى، كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بىراق، كالا گۆشى پىشۇرغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر مەسىلىگە ئۇچرايدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، قورۇغان كالاگۆشى ئوتۇندەك بىر خىل قۇرغاق چىقىدىغان بولۇپ، چايناپ يۇتماق تەسكە توختايدۇ، تەمىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، كالا گۆشىنى يۇمران ھەم يىيىشلىك قورۇيمەن دىسەك، ئازراق تاكتىكىلارنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئىنتايىن تەملىك بولغان پىياز كالا گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تەييارلاش ئۇسۇلى
    ئالدى بىلەن، كالا گۆشىنى بىردەم سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا تەركىبىدىكى قان سۇلىرىنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. كەينىدىن كالا گۆشىنى توغرايمىز؛ بۇنىڭدا قەلەمچە قىلىپ توغرىساقمۇ ياكى ياپراقچە ھالىتىدە توغرىساقمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم گۆش يۈز قىسمىدىكى سىزىقچىلارنى بويلىتىپ ئەمەس، بەلكى توغرىسىغا كەلتۈرۈپ توغرىشىمىز كىرەك؛ بۇنىڭدا كالا گۆشى يۇمران پىشىدۇ.
   توغراپ تەييارلىغان كالا گۆشىنى چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، تۇخۇمنىڭ ئېقى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، سۇدا، كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە ئازراق يىمەكلىك مېيى قۇيۇپ، يىڭى ساقلاش پىلاستىرىدا چىنىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قويىمىز. بۇنىڭدا كالا گۆشى تېخىمۇ تەملىك ھەم يۇمران پىشىدۇ.
    قازاننى ئېسىپ قىزىتىپ ماي قۇيىمىز؛ ماي تۆت ئۈلۈش قىزىغاندىن كىيىن، تەييارلىغان كالا گۆشىنى سېلىپ، تىز سۈرئەتتە تارقىتىپ قورۇيمىز؛  كالا گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.
   قازاننى قايتا ئېسىپ ئازراق ماي قۇيۇپ، ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن ئازراق كۆكمۇچ قىزىلمۇچ سېلىپ نەچچە مالتىلاپ قورىغاندىن كىيىن كالا گۆشىنى سالىمىز ھەمدە كەينىگە ئۇلاپلا توغراپ تەييارلىغان پىيازنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز؛ ئازراق قورۇغاندىن كىيىن تۇز قۇيۇپ تەم تەڭشەپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   كالا گۆشى بىلەن پىياز، كۆپ ئۇچرايدىغان ئەڭ ياخشى "ھەمراھ"لاردىن بولۇپ، پىيازنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنلار مول، كالا گۆشى تەركىبىدە بولسا ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتالار مول؛ بۇ يىمەكلىكلەرنى ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، كالا گۆشى بىلەن پىياز تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىپ، توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەش رولى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号