ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل يىمەكلىكتە ناشتا قىلماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ناشتىلىق، بىزنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاخ تامىقىمىز بولۇپ، بىر ئاخشاملىق ئۇيقۇدىن كىيىن، بەدىمىزدىكى زور قىسىم سۇ تەركىبى ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار خوراپ كەتكەچكە، ئەتىگەنلىك ناشتا، بىزنىڭ يىڭى بىر كۈنلۈك مىتابولىزىمنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئايلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ئىنىرگىيەلەرنى كۆيدۈرۈشنى باشلايدۇ. شۇڭا، ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلىشىمىز، ئۇزۇقلۇق تۈرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
    بىراق ئۇرۇقلاۋاتقان مەزگىلدە، تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ!
ئالدىنقى كۈنى ئېشىپ قالغان يىمەكلىك
    بەزى كىشىلەر قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ، ئالدىنقى كۈنى تاماقنى كۆپرەك تەييارلاپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن ئىسسىتىپلا يىيىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قىلمىش تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىقتۇر. بىر كىچە ساقلانغان تاماقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە باكتىرىيە پەيدا بولىدۇ، بۇلار ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ياغلارنىڭ كۈيۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئەڭ ياخشىسى يىڭى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماق لازىمدۇر.
مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەر
    دۆلىتىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا، مايدا داغلاپ پىشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر بار؛ مەسىلەن، پىلتە قۇيماق، مايلىق قاتلىما دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ يىمەكلىكلەر يۇقىرى تىمپىراتۇرلۇق مايدا داغلىنىش جەريانىدا، يۇقىرى ماي تەركىبلىك ۋە يۇقىرى ئىنىرگىيە تەركىبلىك يىمەكلىكلەرگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مايدا داغلاش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ يىمەكلىكلەرنى داغلاشقا ئىشلىتىدىغان ماي قايتا-قايتا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، تەركىبىدە ئاسانلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ھاسىل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ناشتىدا ئىستىمال قىلغاندا، ئۇرۇقلىيالمايلا قالماي، ئەكسىچە بەدەندىكى ماي تەركىبى ئۆلچەمدىن تېخىمۇ ئېشىپ كىتىدۇ.
چۆپ تۈرىدىكى ئۇن تامىقى
   چۆپ تۈرىدىكى ئۇن تامىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدۇ؛ ئەمما چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ھەم ئاسانلا ياغ تەركىبىنىڭ بەدەندە يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقلاۋاتقان كىشىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئەڭ ياخشىسى چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماي، يىرىك ئاشلىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيدۇ. يىرىك ئاشلىق قوساقتا ئۇزۇن تۇرىدىغان بولۇپ، تاغلار ئاسانلىقچە بەدەندە يېغىلىپ توپلىنىپ قالمايدۇ.
قولايلىق يىمەكلىكلەر
   نۇرغۇن قولايلىق تىز تاماقخانىلار، ئىستىمالچىلارنىڭ تەم خاھىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھامبۇرگ بولكىسى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان قىيزا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى چىقىرىدۇ؛ بۇ يىمەكلىكلەر قارىماققا گۆش، كۆكتات ۋە كاربۇن سۇبىرىكمىلىرى تەركىبى مولدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە زور مىقداردا ياغ تەركىبى بار بولۇپ، ھەمىشە ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنى تېخىمۇ سەمىرتىۋىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号