ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دوختۇرخانىلاردا نىمە ئۈچۈن ياشقا چوڭ سىستىرالار ئاز بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دوختۇرخانىدىكى دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتە ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق. ئادەتتە دوختۇرخانىلاردا خىزمەت تەقسىماتى بويىچە، دوختۇرلار بىمارغا دىئاگونوز قويۇپ بولغاندىن كىيىن، قالغان كۆپ قىسىم خىزمەتلەر سېستىرالار تەرپىدىن ئورۇنلىنىدۇ. بىراق سىز مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقىدىڭىزمۇ يوق؟
    ئۇ بولسىمۇ، دوختۇرخانىدىكى سېستىرالارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك ياش چىرايلىق قىزلار بولۇپ، يېشىغا يىتىپ قالغان ياشانغان سېستىرالار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ مەلۇم بىر دوختۇرخانىدىكى سېستىرالار باشلىقى مۇنداق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەن. ھەر يىلى، ھەرقايسى تىبابەت داشۆ ۋە شۆيەنلىرىدىن نۇرغۇنلىغان سېستىرالىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا كىلىپ پىراكتىكا قىلىدۇ.
    دەسلىۋىدە، ئۇلار بەزىبىر ئاددى خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ مەسىلەن، ئۇكۇل ئۇرۇش، بىمارلارغا يول باشلاش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم بولغان سەۋەپ، دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىدىغان دوختۇر سېستىرالار كىچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، كىچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىگەن سېستىرالار ئادەتتە ئىسمىنا ۋاقتىدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ياشقا چوڭۇپ قالغان ئادەمگە نىسبەتەن، پۈتۈن بىر كىچە ئۇخلىماي چىقىش، ھەقىقەتەن بىر قىيىن ئىش ھىسابلىنىدۇ.
   كىچىسى ئۇخلىماسلىقنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ياشقا چوڭۇپ قالغانلار كىچىلىرى ئۇخلىمىسا، زىھنىنى يېغالماي قالىدۇ، سالامەتلىكىمۇ بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سېستىرالار ئەگەر ئىزچىل تۈردە بىر دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن بولسا، ئۇلار بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، دوختۇرخانا تەرەپ ئۇلارنى باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ ئېغىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىمىز ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئادەتتە ياشقا چوڭ سېستىرالار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىزمۇ يوق دىيەرلىك بولىدۇ.
   چۈنكى، ياشقا چوڭ سېستىرالارنىڭ كۆپ يىللىق مول خىزمەت تەجىربىسى بار بولغاچقا، ئۇلار ئادەتتە كۆپىنچە ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ، ئوپراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرلارغا ياردەمچى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئوپراتسىيە داۋامىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە كىلىپ چىقىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە ئادەم قۇتقۇزۇش سۈرئىتىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号