ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاتىلار بايرىمىدا سۆز قالدۇرۇش رايونىدا قالدۇرۇلغان 20جۈملە سۆز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مەيلى تۇرمۇش سىزگە قانداق زەربىلەرنى بەرمىسۇن، سىزنىڭ مەڭگۈ تاينىشقا بولىدىغان سىھىرلىك بىر ئائىلىڭىز بار بولۇشى مۇمكىن. سىزنىڭ دادىڭىز ئىزچىل تۈردە سىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قوغدىغۇچىڭىز بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈلكىلىك چاقچاقلارنى قىلىدۇ، ئەمما بۇ سەۋەپلىك، سىز ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىسىز.
    تۆۋەندە بىز تورداشلارنىڭ ئالدىنقى ئاتىلار بايرىمىدا ئۆتكۈزگەن خۇشال پەيتىلىرى ۋە ھىس قىلغان تۇيغۇلىرىنى ھىس قىلىپ ئۆتەيلى.
   1. "دادام ماڭا، ھەرقانداق ئادەم باشقىلارغا بىرەلمەيدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغىدىن بىرنى بەردى، ئۇ ماڭا ئىشىنىدۇ".
   2. "ئوغۇلنىڭ مەردلىكى دادىغا تالىق".
   3. "مەن ئىزچىل تۈردە دادامنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ كىچىك قىز".
   4. "بەزى كىشىلەر قەھرىمانغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار مىنىڭ دادامنى كۆرۈپ باقمىغان".
   5. "سىز، مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، ئەمما بۇنى ئانىڭىزغا دەپ قويماڭ!".
   6. "ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت مەڭگۈلۈك".
   7. "دادا بىزنىڭ قولىمىزنى بەلكىم بىردەملىك تۇتۇپ تۇرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرغان بولىدۇ".
   8. "دادا، مەن بەلكىم ئۆزەمنىڭ شاھزادىسىنى تاپقان بولۇشۇم مۇمكىن، لىكىن سىز مەڭگۈ مىنىڭ شاھىم".
   9. "بەزىدە سىزنىڭ قىسقا ئۇچۇرىڭىزنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ھېچقىسى يوق، مەن سىزنى سۆيىمەن".
   10. "قەدىرلىك دادا، سىزنىڭ مەن ئەڭ قولايسىز ۋاقىتتا ماڭا تېلفون قىلغىنىڭىزنى كەچۈرۋەتتىم".
   11. "ياخشى بىر دادىنىڭ ئورنىنى 100مۇئەللىممۇ بېسىپ بولالمايدۇ".
   12. "مەن ئىنتايىن تەلەيلىك، چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا، ماڭا تەئەللۇق".
   13. "ھەرقانداق ئادەم دادا بولالايدۇ، لىكىن پەقەت ئالاھىدە ھەم ئۆزگىچە كەلگەن ئادەملا، ئاندىن مىنىڭ دادام بولالايدۇ".
   14. "بۇ قارىماققا بەلكىم كونىراپ قالغان گەپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز يەنىلا ھەممىدىن بەك ئالقىشقا ئىرىشكۈچى".
   15. "ئۆزۈمنى تېخىمۇ قەيسەر ھىس قىلىشتا، مىنى قوللايدىغان بىر دادام بارلىقىنى بىلىشتىن ئارتۇقراق ھېچقانداق ئىش يوق".
   16. "دادام ھەمىشە ماڭا، چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغىنىمنى ئېيتاتتى؛ سىز ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇنى توغرا ئېيتقانلىقىنى دەپ قويماڭ!".
   17. "سىزنىڭ ماڭا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىڭىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ".
   18. "بەلكىم سىز ئۆزىڭىز ھىس قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، سىز تارىختىن بويانقى ئەڭ ياخشى دادا".
   19. "شۈبھىسىزكى، سىز مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم".
   20. "مەن ھەردائىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ھەمىشە سىزنى ئىزدەيمەن".
    سىزنىڭ دادىڭىز ئۆزگىچە ھەم دۇنيادا بىردىنبىر، ئۇ سىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. سىز ئۇنىڭ سىزنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ كىلىۋاتقانلىقىنى ھەم مەڭگۈ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئەگەر دادىڭىز بولمىغان بولسا، سىز ھاياتلىقىڭىزدا نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيسىز. سىز يېنىڭىزدا ھەر دائىم سىزگە يول كۆرسىتىپ سىزگە ئەسكەرتىش بىرىپ تۇرغان دادىڭىزدىن مىننەتدار بولىسىز. بۈگۈن "ئاتىلار بايرىمى"، دادىڭىزنى يوقلاپ، ئۇنى قۇچاقلاشنى ئۇنۇتماڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号