ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان تۆت خىل يىمەكلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۇخلاش، گەرچە ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇ ئادەمگە نىسبەتەن بىر كۈن كەم قالسىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئادەم يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاپ ئارام ئالمىسا، روھى سۇلغۇن بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھازىر، كۆپ قىسىم كىشىلەر ۋاقتىدا ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىزمەت قاتارلىق ھەر تەرەپلەردىكى روھى بېسىملارنىڭ ئېغىر بولۇشى سەۋەبىدىن، ئۇيقۇسى قاچىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ ھەر تەرەپلەردىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم بولىدۇ؛ بولۇپمۇ يىمەكلىك جەھەتتە، تۆۋەندىكى تۆت خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، مىڭىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئوسۇڭ
   ئوسۇڭ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. كۆپچىلىك بايقىغانمۇ يوق بىلمىدىم، ئادەتتە ئوسۇڭنى توغرىغان ۋاقىتتا، ئوسۇڭنىڭ پىچاق تەككەن ئېغىزىدىن بىر خىل سۈترەڭلىك سۇيۇقلۇق تەپچىپ چىقىدۇ. بۇ خىل سۈت رەڭلىك سۇيۇقلۇقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل بولۇپ، ئۇنىڭ نىرۋا ئاجىزلىشىشقا قارىتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم تەسىرى بار. ئەگەر ئۇيقۇ قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كەچ تەرەپتە ئازراق ئوسۇڭ يەپ بەرسەك، تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىشكە بەلگىلىك پايدىسى تىگىدۇ.
گۈلسامساق(百合)
   گۈلسامساق، كۆپ ئۇچرايدىغان مەنزىرە گۈلى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى يەنە چايغا چىلاپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. گۈلسامساق تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار. ئەگەر ئۇخلاش جەھەتتە توسۇق بار بولسا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئازراق گۈلسامساق چىلاپ ئىچىۋەتسەك، ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
ياڭاق
    ياڭاق، ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق بولغان قاتتىق پوستلۇق مىۋە. ياڭاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى نىسبەتەن مول بولۇپ، چوڭ مىڭىگە بەلگىلىك پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ياڭاقنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشقىمۇ پايدىسى بار بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار كىشىلەر ھەمىشە ياڭاق يەپ بەرسە، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئۇخلىغاندا تولا چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
كالا سۈتى
   كالا سۈتى قەدىمقى دەۋردىن باشلاپلا ئىنسانلارنىڭ ئىستىمال يىمەكلىكى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە تېخىمۇ كۆپ كالا سۈتىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر بارلىققا كەلدى. ئەمىلىيەتتە، كالا سۈتىنى ئەتىگەندە ياكى كەچتە ئىچسە ئوخشاشلا پايدىلىق بولۇپ، تەركىبىدە سېرىن(ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بىر تۈرى) نىسبەتەن مول بولغاچقا، نىرۋا ئاجىزلىشىشنى ياخشىلاپ، مىڭىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا قارىتا پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号