بىر ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
ياش ۋاقتىمىزدا، ھەمىشە قوللىرىمىزنى يىتىلەشسەك ئۆمۈرلۈك ۋەدىلەشكەن بولىمىز، يېنىمىزدا تۇرغان ئادەم بىلەن چوقۇم ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتەلەيمىز دەپ ئويلايتتۇق؛ كەلگۈسىگە بولغان بارلىق خىياللار قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھلىقىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بەخىت خۇددى مۇشۇنداق ئاددىيدەك بىلىنەتتى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىزمۇ نۇرغۇنلىغان باھارلارنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق؛ ئەمما بۇ ۋاقىتتا، ئىلگىرى ئىشەنچ باغلىغان ئاشۇ خىياللىرىمىز، يىللار ئارىسىدىكى خىرە ئەسلىمىلەرگە ئايلىنىپ، بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەردە كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقايمىز.
ئىلگىرىكى مۇھەببەت بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق مەڭگۈ ئۆزگەرمەس چىقمىدى؛ يېنىمىزدىكى ئەسلىدىكى "ئۇ"، قاچانقى بىر ۋاقىتلاردا ھازىرقى "ئۇ"غا ئالمىشىپ قالدى.
بەزىلەر بەلكىم دىيىشى مۇمكىن: بىز ھەر بىر بۆلەك مۇھەببەتتە بارلىقىمىزنى بېغىشلىدۇق، لىكىن نىمىشقا ھەمىشە، مۇناسىپ بەخىتكە ئىرىشەلمەيمىز؟
بۇ ناھايىتى ئاددى. چۈنكى، مۇھەببەت ئەزەلدىن بەدەل تۆلىسەكلا چوقۇم بەلگىلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيدىغان ئەمەس؛ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، ئەزەلدىن ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرماسلىق.

سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىڭىز، پەقەت سىز بىر ئادەمنىڭ ئىشى، ئۇنىڭ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟
سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىڭىزدىكى سەۋەپ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا چوقۇم بەزىبىر يارقىن نوقتىلار بار، سىز بولسىڭىز بۇ يارقىن نوقتىلار تەرپىدىن جەلپ قىلىنغان؛ ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق سىزنىڭ ھەربىر پەيتتىكى دىققىتىڭىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، سىزنى باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قايتا كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خۇشال بولىسىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن ھەسرەت چىكىسىز؛ سىزنىڭ بارلىق كەيپىياتلىرىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ئۆزىڭىزنى بۇ پاتقاقتىن قايتا تارتىپ چىقىرالمايسىز.
بىراق، بۇلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئالاقىسى؟
سىزنىڭ بارلىق ياخشى كۆرۈشلىرىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدىن كەلگەن؛ ئۇنىڭ پەقەت سىزنىڭ گۈزەل لىك قارىشىڭىزغا ماس كىلىپ قالغان يىرىلا بار خالاس. مەيلى سىرتقى قىياپىتى ياكى مىجەز-خارەكتىرى بولسۇن، سىزنىڭ بارلىق مۇھەببىتىڭىز، ھەممىسى پەقەت سىز بىر ئادەمنىڭ ئىشى، قارشى تەرەپ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، نەدىمۇ ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ دىگەن مەسىلە مەۋجۇت بولسۇن؟
ئۇچراتقان، ياخشى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز بولغىنى؛ ھەر بىر بۆلەك مۇساپە، ھاياتلىقتىكى ئوخشاش بولمىغان كەچمىشلەردۇر خالاس.

مۇھەببەت دۇنياسىدىكى ھەربىر قېتىملىق بەدەل تۆلەش، ھەممىسى ئۆزلىرى خالاپ بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ مۇھەببەت جەريانىدا تۆلىگەن ھەربىر بەدەللىرىمىز، ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ھەم ئۆزىمىز خالاپ بولغان. گەرچە بىز، ئازراقمۇ جاۋاپ كۈتمىگەن دەپ ئېيتالماسلىقىمىز مۇمكىن؛ بىراق، ھەربىر بەدەل تۆلەشنىڭ ھەممىسى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيدىغان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئىنىق بىلىمىز.
بۇنداق بولغان ئىكەن، سىز يەنە شۇنداق جاھىللىق بىلەن مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىڭىزدىن كەچسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا نىمىلەرگە ئىرىشەلەيسىز، بۇنى تەقدىر پىشانىڭىزدىن كۆرىشىڭىز كىرەك.
مۇھەببەت دۇنياسىدا، بىز ئەزەلدىن باشقىلارنى بەدەك تۆلەشكە مەجبۇرلىيالمايمىز؛ بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ياخشى باشقۇرۇشتۇر. بىراق، ئۇ مەلۇم بىر ئادەم ئۈچۈن سوقۇشنى باشلىغان ئاشۇ مىنۇتتىن باشلاپ، بىز خۇددى ھەممە ئىشقا ئامالسىزدەك بولۇپ قالىمىز.
ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز بولۇپتۇ. بىز باشلىنىشنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە قوغلىشىمەن دىمەڭ؛ ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز، ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ياخشى كۆرىشىڭىز لازىم.
ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ دىگەن قانداق گەپ؟ مۇھەببەت ئەزەلدىن ئەرزىش ياكى ئەرزىمەسلىك ئارقىلىق بىكىتىلمەيدۇ. بىز ھەممىمىزنىڭ مۇھەببىتى، قەلب قېتىمىزدىن چىققان بىر خىل جەلپ قىلىنىش بولۇپ، بارلىق بەدەل تۆلەشلەرنىڭ ھەممىسى، قەلبىمىزدىن سۆيگەن ئاشۇ ئادەم ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ دەپ سوراپ ئولتۇرۇشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن دەيسىز؟
ئەجىبا ئەگەر باشقىلار ئەرزىمەيدۇ دەپ ئېيتسا، سىز كۆڭلىڭىزنى كونتىرول قىلىپ، ئۇنى قايتا ياخشى كۆرمەي تۇرالامسىز؟ ئىنىقكى، بۇنىڭ جاۋابى ئىنكار قىلىنغان جاۋاپتۇر. ئەگەر مۇھەببەتنى كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئادەم بۇنچە كۆپ كۆڭۈل ئازابىغا ئۇچرىماس ئىدى.

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، مۇھەببەت شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشلەرنى خۇددى پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئاتقاندەك ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇكى، دەل ئۇنىڭ تۇراقسىزلىق خارەكتىرىدىكى بولىدۇ. مۇھەببەت دەرياسىدىكى بىردىنبىر بىكىتىش ئۆلچىمى، سىزنىڭ يەن ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزدا بولۇپ، پەقەت مۇھەببىتىڭىز تېخى ئۆچمىگەن بولسىلا، ئۇنداقتا بارلىق تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ ھەممىسى قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ھىسابلىنىدۇ.
ئەزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ دىگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس؛ سىز مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە باشلىغان ئاشۇ پەيتتىن باشلاپ، سىزدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر، سىزنىڭ ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت بېغىشلىغانلىقىڭىزدىن بولىدۇ.
ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت، ئەزەلدىن ئەزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈش ھەمدە ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق مۇھەببەتلىك ھالدا بىر ئۆتۈشنىڭ ئۆزى، ئەسلىدىنلا بىر خىل چوڭ بەخىت ھىسابلىنىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، ئەگەر بەك كۆپ ئويلاپ كەتسەك، ئەكسىچە ئىلگىرىكىدە ئۇنداق ساپ ھەم گۈزەل بولماي قالىدۇ.