ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تالاغا قارىغان ئەرلەر نىمىشقا ئايالى بىلەن ئاجراشقىلى ئۇنىمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزىبىر ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار توي تۇرمۇشىدا يوق بولغان ھاياجانلىق تۇيغۇسىغا ئىرىشىشنى ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىقنى ئويلايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش كىلىپ چىقىدۇ.
   كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئىدراكلىق كىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئايال كىشى توي تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلمەيدىغاندەك ھىس قىلسا، ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللايدۇ. بىراق، ئەرلەرنىڭ ئويلايدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ؛ مەسىلەن، مال-مۈلۈك ئايرىش، بالا تەربىيەلەش، جەمئىيەتتىكى سۆز-چۆچەك، يەنە تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر.
   بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، ئاجرىشىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ئايالى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقان تۇرسا، شۇڭا شۇنچە يىللارنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئىكەن، پەقەت ئايالى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ناچار بولۇپ كەتمىسىلا ياكى ئاشنىسىنىڭ قىستىقىغا دەسسەپ ئامالسىز ئەھۋالغا كىلىپ قالمىسىلا، ئۇلار ئادەتتە ئاسانلىقچە ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەيدۇ.
   تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ خىلدىكى ئەرلەر سىزنى ياخشى كۆرمىگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى شەخىسنى ياخشى كۆرۈپ كىتىشىمۇ ناتايىن؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىدۇر.
   سىزنىڭ ۋە ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ھىس-تۇيغۇسىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھىس-تۇيغۇسىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ بۇنداق بولمىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىككى ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەڭ ئازار بىرىدىغان ئىشنى قىلسۇن دەيسىز؟
   كونىلارنىڭ "يىڭىنى كۆرۈپ كونىنى تاشلاپتۇ" دىگەن سۆزلىرىنى، يېقىندا كىشىلەر "يىڭىنى ياقتۇرۇش، كونىنىمۇ تاشلىماسلىق" دەپ ئۆزگەرتىۋاپتۇ؛ مىنىڭچە بۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان خىلدىكى ئەرلەرنى سۈپەتلىسەك ئەڭ ماس كىلىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆيىدىكى ئايالىنىڭ ھەر تەرەپلەردىن بولغان خەۋەر ئېلىشىدىن ھۇزۇر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتتىكى ئاشنىسى بىلەن بولغان شىرىنلىك ئىچىدىكى ھاياجانلىقتىن ھۇزۇر ئالىدۇ.
   يۇقارقىلار، كۆپىنچە ھاللاردا ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىشنى خالىماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号