ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆز دەپنە مۇراسىمىنى ئۆزى لايىھەلەپ سۈكۈت ئىچىدە كەتكەن قىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سۈرەتتىكى بۇ قىز، 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان فىلىپىنلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى لاسىن.پۇگەنتا. بۇ قىز راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن، ئۆزى ئۈچۈن چىرايلىق بىر قېتىملىق دەپنە مۇراسىمى لايىھەلىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مەخسۇس پىلان خاتىرىسى تۈزۈپ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئاتا-ئانىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ پىلانى بويىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
     لاسىننىڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا قالدۇرغان، كۈلۈمسىرگەن ھالەتتە چۈشكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا سۈرىتى؛ ئۇ بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىنى بارلىق كىشىلەرگە قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.
    ئائىلىسىدىكىلەر دەپنە مۇراسىمىنى، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىۋىگە ئاساسەن ئۆتكۈگەن ھەمدە يەنە ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، ئۇنى دادىسى دەپنە قىلىنغان يەرنىڭ يېنىغا دەپنە قىلغان.
    لاسىن ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن تۈزگەن دەپنە مۇراسىمى پىلانىدا، خۇسۇسى گىرىم ئۇستىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىگە گىرىم قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كېيگۈزۈپ، بېشىغا ۋە بەدەنلىرىگە زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ دەپنە قىلغان.
    تۆۋەندىكى بۇ رەسىمدە، لاسىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇغ-تۇققان دوست بۇرادەرلىرى، ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا تەييارلانماقتا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号