ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايالىنىڭ ئىرىگە قايسى ۋاقىتتا ئەڭ ئاچچىقى كىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەربىر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر ئادەم كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى بىلمەي چاقچاق قىلىۋەرسە، ئادەمنىڭ ئوغىسىنى تېخىمۇ قاينىتىۋىتىدۇ. ئادەم بىكاردىن بىكار ئاچچىقلىنىپ قالمايدۇ، پەقەت مەلۇم بىر ئىش ياكى قىلمىش ئۇلارنىڭ جېنىغا تەگكەن ۋاقىتتا ياكى بىر ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر قانچە ئىش يېغىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئادەم تەبىئىلا ئاچچىقىنى باسالماي قالىدۇ؛ بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ۋاقىتلاردا، ئايال كىشى ئاچچىقىنى باسالماي قالىدۇ.
ئىرىگە تاپشۇرغان ئىشنى ئۇ ئورۇنلىيالمىغان ۋاقىتتا
    بۇنداق ئەھۋالغا بەلكىم سىزمۇ ئۇچراپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئىرىڭىزگە بىرەر نەرسە ئالغاچ كىلىشنى تاپىلىسىڭىز، ئۇ بۇنىڭغا قىلچىلىك ئىتىبار بىلەن قارىماي، دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى كەتسە ياكى ئىسىدە ساقلاپ سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، دوستلىرى بىلەن يېغىلىشقانلىق سەۋەبىدىن بارغان يىرىدە ئۇنتۇپ قېلىپ كەلسە، بۇنداق ئەھۋالدا ئايال كىشى ئاچچىقىنى باسالماي قالىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئەگەر ئىرىگە نەرسە-كىرەكلەرنى يېغىشتۇرۇپ بىرىشكە ياردەملىشىشنى ئېيتسا، ئىرى ئەكسىچە ئەزمىلىك قىلىپ تۇرۋالسا، ئايالى چوقۇم خاپا بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى، بۇ خىل ئىنكاس، ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا پىكىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر كىشى ئەگەر ئايالىنى خاپا قىلىپ قويماي دىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئىمكان قەدەر جايىدا قىلىپ مېڭىش كىرەك.
ئىرىگە بىر نەرسىنى ئىزدەپ تېپىشىپ بىرىشنى ئېيتسا، ئىرى ئەزمىلىك قىلىپ تۇرسا
    ئاياللارنىڭ ئەڭ خاپا بولىدىغىنى، ئەرلەرنىڭ بىر ئىش قىلغان ۋاقىتتا مىسىلداپ ئەزمىسىنى ئىزىشى بولۇپ، نەچچە مىنۇتتىلا تۆگەيدىغان ئىشنى، ئىرى ئەگەر بىر ھازاغىچە قىلىپ بولالمىسا، ھەرقانچە ياخشى قىلغان تەقدىردىمۇ، ئايالى يەنىلا خاپا بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار ئەركىشىنىڭ ئەزمە بولۇپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئەگەر بىر ئىشلارنىڭ ئەزمىسىنى ئىزىپ چاققان بولمىسىڭىز، يەنە كىلىپ تېخى ئورۇنلاش سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولمىسا، ئايال چوقۇم خاپا بولۇپ  قالىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويمىسىڭىز ياخشى، ناۋادا تاساددىبىي ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز، ئۇ دەرھال ھەممى ھىساۋاتنى بىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئالدىدا جانلىقراق چاققانراق بولغان ياخشى.
تاماقنى يەپ بولۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىپ يانفون ئويناشقا تۇتۇش قىلىش
    ئاياللار بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنە تېخى كۆكتات سېتىۋىلىپ تاماق ئىتىدۇ ۋە بالىغا قارايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئىرىنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئازدۇر كۆپتۇر بىر ئىشلارغا قول تىقىپ ياردەملىشىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق ياردەملىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئايالى تاماقنى تەييار قىلغاندىن كىيىن، ئىرى تاماقنى يەپ بولۇپ، قاچىسىنى جايىدا قويۇپلا كىرىسلودا يېتىپ يانفون ئويناشقا چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر كىشى ئامال بار ئايالىغا ياردەملىشىپ بىرىشى، ياردەملەشمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېغىزىدا بولسىمۇ بىرەر ئىككى ئېغىز تەسەللى سۆزى ياكى مىننەتدارلىق سۆزى بىلدۈرۈپ قويسا، ئىشىنىمەنكى، ئايالىمۇ ئۇلارغا ئارتۇقچە كوتۇلداپ ئولتۇرمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号