ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ھەرخىل غەلىتە ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۇ دۇنيا ئەمىلىيەتتە ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئادەتلىرى بار. سىز بەلكىم مەلۇم بىر دۆلەتكە ساياھەتكە چىققىنىڭىزدا، ئۇ جايدا ھەتتا بىزنىڭ ئىدىيۋى قارىشىمىزغا زىت كىلىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى غەلىتە ئۆرپ-ئادەتلەردىن بىر نەچچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 
توي قىلغان دەسلەپكى ئۈچ كۈندە ھاجەتخانا ئىشلەتمەسلىك
    ھىندىنوزىيەنىڭ تىدون قەبىلىسىدە، توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار، توي قىلغان دەسلەپكى ئۈچ كىچە-كۈندۈز ئىچىدە چوڭ كىچىك تەرەت قىلسا بولمايدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشى بەخىتلىك بولالماي، ئاجرىشىپ كىتىش، بالىسى زاكىدىلا ئۆلۈپ كىتىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەرمىش.
تۈكۈرۈش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن سالاملىشىش
    دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا، تۈكۈرۈش ئەدەپسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ؛ ئەمما كېنىيەدىكى ماسەي قەبىلىسىدە، تۈكۈرۈش بولسا، سالام قىلىش ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن ئاۋال ئالقىنىغا تۈكۈرۈپ ئاندىن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ؛ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭمۇ يۈزىگە تۈكۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا تەلەي ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشىدۇ.

توي مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا چىنە-تەخسە چېقىش
    گىرمانىيەدە، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى، "پولتىربەند" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدۇ. مىھمانلار كىلىپ چىن تەييارلانغان چىن قاچىلارنىڭ ھەممىنى چېقىۋىتىپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يىڭى ئەر-خوتۇنغا بەخىت تىلەيدۇ. ئەلۋەتتە، چېقىلغان چىنە قاچىلارنى، يىڭى ئەر-خوتۇن چوقۇم ئۆز قولى بىلەن تازىلاپ بىتەرەپ قىلىشى لازىم.
كىچىكىپ كىلىش ئەنئەنىسى
    ۋىنسۇئىلادا، مەيلى پائالىيەتكە قاتنىشىڭ، ياكى يېغىن ۋە ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىڭ، قاتناشچىلار ھامان ئەسلىدىكى پىلاندىن كىچىكىپ يىتىپ كىلىدۇ.
ھاراق ئىچكەندە رومكا سوقۇشتۇرۇماسلىق
  ۋىنگىرىيەگە ساياھەتكە بارسىڭىز، سىز كىشىلەرنىڭ قاۋاقلاردا ھاراق ئىچكەن ۋاقىتتا رومكا سوقۇشتۇرمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەت 1848-يىلىدىكى ۋىنگىرىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىن قالغان بولۇپ، ئاۋىسىتىرىيە تاجاۋۇزچىلىرى ۋىنگىرىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن، رومكا سوقۇشتۇرۇپ تەبرىكلەش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ۋىنگىرىيەلىكلەر شۇندىن كىيىن ئۆز-ئارا رومكا سوقۇشتۇرماسلىقنى نىيەت قىلغان.
ئۆي جاھازىلىرىنى دەرىزىدىن سىرتقا تاشلاش
   يىڭى يىل ھارپىسىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ساليوت ئېتىپ تەبرىكلەش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما جەنۇبى ئافرىقىدا، ئىرق ئايرىمىچىلىقى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۆزگىچە بولغان بىر خىل ئەنئەنە ساقلىنىپ قالغان. ئۇ بولسىمۇ، يىڭى يىلنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆيىدىكى ئۆي جاھازىلىرىنى دەرىزىسىدىن كوچىغا تاشلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号