ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان قول ھۈنىرى ماشىنىسى بارلىققا كەلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا فىرانسىيە روش شەھرىدە، فىرانسىيەلىك ياغاچچىلىق ئۇستىسى مىخائىل.روبىللارد، ئۆزىنىڭ قول ھۈنىرىگە تايىنىپ، مىۋىلىك دەرەخ ياغىچىدىن سىترىئون 2CV ماشىنىدىن بىرنى ياساپ چىققان.
   سىترىئون (雪铁龙) ماشىنا زاۋۇتىنى ئاندىرى. سىترىئون قۇرۇپ چىققان. 1900-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا 22ياشقا كىرگەن ئاندىرى.سىترىئون پولشادىن بىر تۈرلۈك "" شەكىللىك چىشلىق چاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش پاتىنتىغا ئىرىشكەن. كەينىدىنلا، ئونۋىرسال تېخنىكا پەنلىرى مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن ياش يىگىت، سىترىئون چىشلىق چاق زاۋۇتىنى قۇتۇپ چىققان. 1919-يىلى، سىترىئون ماشىنا زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئاندىرى.سىترىئون ئۆزىنىڭ ماشىنا ياساش ساھەسىدىكى مەڭگۈ يالتىيىپ قالمايدىغان ئىنتىلىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشلىغان.
     1919-يىلى 5-ئايدا، سىترىئون شىركىتىنىڭ Aتىپلىق ماشىنىسى فىرانسىيە كۇدىزاۋادا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىلىپ، سىترىئون ماركىلىق ماشىنىنى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش تارىخى سەھىپىسىنى ئاچتى.
    گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى مەھسۇلات مىقدارى ئاران 2810 بولسىمۇ، ئەمما سىترىئون Aتىپىدىكى ماشىنىلار فىرانسىيەدە نۇرغۇنلىغان بىرىنچىلەرنى ياراتتى:  ياۋرۇپاغا بىرىنچى بولۇپ ئېلىپ كىرىلگەن، كۆپ مىقدارلىق، تۆۋەن تەننەرخلىك، پۈتكۈل سەپلىمىلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخى؛ بىرىنچى قېتىم رولى سول تەرەپتە لايىھەلەنگەن ماشىنا؛ بىرىنچى بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئىستىمال توپىغا يۈزلەندۈرۈلگەن ماشىنا قاتارلىقلار. ناھايىتى تىزلا، شۇ يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، سىترىئون شىركىتى ئەسلىدىكى A تىپلىق ماشىنىنىڭ ئاساسىدا، 300كىلوگىرام ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كوزۇپلۇق ماشىنا ياساپ چىقىپ بازارغا سالدى. 1919-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ 1921-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، سىترىئون Aتىپتىكى ماشىنىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 24مىڭغا يەتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号