ئالدىنقى نۆۋەتتە ئەرلەرنىڭ باھا ئۆلچىمى جەدۋىلى چىققاندىن كىيىن، ئاز بولمىغان تورداشلار سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ، خوتۇنلارنىڭ باھا ئۆلچىمىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىدى. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈپ، خوتۇنلارنىڭ 2019-يىللىق ئەڭ يىڭى باھا ئۆلچىمىنى كۆپچىلىككە سۇندۇق.
تەگ باھاسى: 1000يۈەن
1. قاتتىق دىتال
چىرايى چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق. شۇڭا ئايالىڭىز چىرايلىقمۇ ئەمەس، ئۆزىڭىز قاراپ باھالاڭ، بىراق ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن.
بوي ئېگىزلىكى بوي ئېگىزلىكى 160سانتىمىتىردىن ئېگىز بولسا، ئاشقان ھەر ئىككى سانتىمىتىر ئۈچۈن 100يۈەن قوشۇڭ؛ بوي ئېگىزلىكى 170سانتىمىتىردىن ئىگىز بولسا، ئاشقان ھەر ئىككى سانتىمىتىر ئۈچۈن 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛ بوي ئېگىزلىكى 160سانتىمىتىرغا يەتمىسە، كەملىگەن ھەر ئىككى سانتىمىتىر ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
بەدەن ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقى 110 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ھەر بەش جىڭ ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛ بەدەن ئېغىرلىقى 90جىڭغا يەتمىسە، كەملىگەن ھەر بەش جىڭ ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
پۇت گۈزەللىكى پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە بولسا 100يۈەن قوشۇپ بىرىڭ؛ ئەگەر قىسقا ھەم توم بولسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
2. يۇمشاق دىتال
گىرىم قىلىشقا ئۇستا بولسا 100يۈەن قوشۇڭ؛
كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە، 100يۈەن قوشۇڭ؛
يۈگا بىلسە ياكى ئۇسسۇل ئويناشنى بىلسە، 100يۈەن قوشۇڭ؛
تاماققا ئۇستا بولسا، 300يۈەن قوشۇڭ؛
سەنئەت جەھەتتە باشقا ئالاھىدىلىكى بولسا، ئەھۋالغا قاراپ پۇل قوشسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەر بىر يەككە تۈر ئۈچۈن قوشقان پۇل 300يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن؛
دائىم ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ تۇرسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
گىرىم قىلماي سىرتلارغا چىقىشنى خالىسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ناگاندا بىر قىزىقارلىق ئىشلارنى چىقىرىپ قويىدىغان بولسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
غەيرى ئاساسلىق ئېقىمدا ياسانمىسا، تور چولپىنى بولىۋالمىغان بولسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ئۆي ئىشلىرىغا قولى كەلمىسە، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
3. پوزىتسىيە
ھەمىشە سىزنى سەت، سېمىز دەپ ياراتمىسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
ھەمىشە سىز بىلەن جىدەل قىلسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
سەۋەپسىزلا سىز بىلەن جىدەللىشىپ يولسىزلىق قىلىدىغان ئەھۋال بولمىسا، 300يۈەن قوشۇڭ؛
قالايمىقان پۇل خەجلىمىسە، 100يۈەن قوشۇڭ؛
پارچە خىراجەت پۇلى سىزنىڭ مائاشىڭىزنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
سىزنى ئۆيۈڭ ۋە پۇلۇڭ يوقكەن دەپ ياراتمىسا، 300يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
سىز ئۈچۈن ياش تۆكسە، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ھەمىشە سىزنى ئاچچىقلاتسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
ياخشى ئىشلاردا ئالدى بىلەن سىزنى ئويلىسا، 200يۈەن قوشۇڭ؛
ناگاندا بىر رومانتىكىلىق تۇيغۇ پەيدا قىلسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ئاغرىپ قالسىڭىز سىزگە دورا ئەكىلىپ بەرسە، 100يۈەن قوشۇڭ؛
سىزبىلەن بىرگە تۇرغاندا، كۈلمىسە ھەم قاقشاپ ئاغرىنسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
سىزگە ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان نەرسە سوۋغا قىلسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ھەمىشە دوستلىرى بىلەن يېغىلىش ئۆتكۈزۈپ سىزنى ئاپارمىسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
4. تۇرمۇش ئادەتلىرى
توختىماي بىرنەرسە يىسە، تاتلىق-تۈرۈملەرنى كۆرسە ئەگىپ كىتەلمەي قالسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
ھەركۈنى ئۆيدە ئولتۇرۋىلىپ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلمىسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
سىرتقا چىقىمىغان ۋاقىتلىرىدا، ئۈچ كۈنگىچە چېچىنى يۇمىسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
ئۆيدە ھامان يۇيۇش لازىم بولغان كىيىم دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان بولسا، 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
ھاراق ئىچىدىغان بولسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
كىچىسى ئۇخلىماي تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرىدىغان بولسا، 200يۈەن ئېلىۋىتىڭ.
5. بالا تەربىيەلەش
بالىغا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھىكايە سۆزلەپ بىرىشنى خالايدىغان بولسا 200يۈەن قوشۇڭ؛
مۇستەقىل ھالدا بالىنىڭ دەرسلىرىگە يىتەكچىلىك قىلالايدىغان بولسا، 500يۈەن قوشۇڭ؛
ھەركۈنى بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشنى خالايدىغان بولسا، 100يۈەن قوشۇڭ؛
ھەر يىلى ئائىلە ساياھىتى ئۇيۇشتۇرىدىغان بولسا، 300يۈەن قوشۇڭ؛
ھەپتە ئاخىرى ئۆزى يالغۇز ھالدا بالىنى ئويناتقىلى ئېپچىقالايدىغان بولسا، 200يۈەن قوشۇڭ؛
زاكا ئالماشتۇرۇشنى بىلمىسە، 300يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
بالىنى تىز سۈرئەتتە ئۇخلىتالايدىغان بولسا، 300يۈەن قوشۇڭ؛
دادىغا بالا بېقىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسا، 500يۈەن ئېلىۋىتىڭ؛
قىز بالا ئوغۇل بالىغا يەتمەيدۇ دىگەن قارىشى بار بولسا، بىراقلا نۆلگە چۈشۈرۋىتىڭ.
پايدىلىنىش باھا ئۆلچىمى
قوشقان ۋە ئېلىۋەتكەندىن كىيىن كىلىپ چىققان قىممەت باھاسى:
1500يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئۆي تۇتۇشنى بىلمەيدىغان ئايال بولىدۇ، قايتا تەربىيەلەپ چىقىش كىرەك؛
2000-1500يۈەن ئارىسىدا بولسا، يامان ئەمەس ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، قول سالسىڭىز بولىدۇ، ئەمما يەنىلا نازارەت قىلىپ تۇرۇش كىرەك؛
3000-2500يۈەن ئارىسىدا بولسا، ئاشخانىغىمۇ كىرەلەيدىغان، سەھنىگىمۇ چىقالايدىغان پەرىزات ھىسابلىنىدۇ؛
3500يۈەندىن يۇقىرى بولسا، پۈتكۈل ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئەمرىڭىزگە ئېلىپ ئۆيىڭىزگە ئەكىرىۋالىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلىڭ؛ ئۆيگە ئەكىرىپ بولغان بولسىڭىز، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى قەدىرلەڭ؛ بۇنداق ياخشى خوتۇننى قايتا ئۇچرىتالىشىڭىز ئىنتايىن تەس.
قوشۇمچە ماتىريال: خوتۇنلارنىڭ ھەقىقى باھا جەدۋىلى 1. سىزگە ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، ئايالىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئايالىڭىزنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا كەتكەن خىراجىتى: ئوتتۇرا ھىسابتا 400مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىدۇ.ئەرلەر شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، ئايالى ئۇلارغا ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈش تەننەرخى ۋە سىزگە ياتلىق بولغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىق ئەجرىنى قايتۇرۇش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
2. كىيىنكى ئەۋلادنى تەربىيەلەش: ھەر ئايلىقى ئوتتۇرا ھىسابتا 11مىڭ يۈەن بالا بېقىپ چوڭ قىلىش تەننەرخى ناھايىتى قىممەت، بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىدىغان ئايال تېخىمۇ قىممەت!
كىيىمىنى كيېگۈزۈش، بەزلەپ ئۇخلىتىش، ئوينىشىپ بىرىش، تاماق يىگۈزۈش، مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش... ...
بازار باھاسى بويىچە ھىسابلىغاندا، بۇ خىلدىكى كەسپى بالا باققۇچى تەكلىپ قىلغاندا، بىر ئايدا تەخمىنەن 6000يۈەن پۇل كىتىدۇ!
تەربىيەلەشكە كەلسەك، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلساق، سائىتىگە 100يۈەن، ھەر كۈنى ئىككى سائەت، ھەپتىدە ئالتە كۈن بويىچە ھىسابلىساق، بىر ھەپتىدە 1200يۈەن، بىر ئايدا 4800يۈەن كىتىدۇ!
3. ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش: ھەر ئايلىقى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 4000يۈەن ئۆي سۈپۈرۈش، پول توبالاش، كىيىم يۇيۇش، كۆكتات سېتىۋىلىپ تاماق ئىتىش، قاچا يۇيۇش... ... بارلىق ئۆي ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئۆي خىزمەتچىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن، ئاز دىگەندىمۇ 2500يۈەن كىتىدۇ.
ئۇلار تېخى سىزنى ياخشىراق يىسىكەن، ئۇزۇقلۇقى تەڭپۇڭراق بولسىكەن دەپ ئويلاشمايدۇ؛ سىزگە قايسى ۋاقىتتا كىيىم قوشىۋىلىشنى، قانداق ۋاقىتتا قانداق كىيىم كىيىشنى ئەسكەرتمەيدۇ؛ سىزگە ھاراقنى ئاز ئىچىش، تاماكىنى ئاز چىكىش توغرىسىدا ۋە كۆپرەك دەم ئېلىپ سالامەتلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا پايدىلىق نەسىھەتمۇ قىلمايدۇ.
سىزنىڭچە، ئايالىڭىزغا ئوخشاش بۇنداق كۈيۈمچان، سىزگە ھەر جەھەتلەردىن كۆڭۈل بۆلىدىغان "پۈتۈن ۋەزىپىلىك ئۆي خىزمەتچىسى" نەچچە پۇلغا ئەرزىيدىغاندۇ؟
4. ئۆيگە خەجلەيدۇ: 4000يۈەن ھازىر كۆپ قىسىم ئاياللار، بىر قولىدا بالا بېقىپ، بىر قولىدا خىزمەت قىلىدۇ؛ تېخى خىزمەت قىلىپ ئالغان مائاشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي ئىچىگە ئىشلىتىدۇ.
5. سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا ئىسراپ بولغان ياشلىق باھارى: قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى، ئايالى ئۈچۈن نۇمۇر قويۇپ باھاسىنى ھىسابلىغان ئەرلەر ئۈچۈن سۇندۇق! ھوشىڭىزنى تېپىۋىلىڭ!
ئايالىڭىز ئىلگىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھىرى ئىدى؛ ئەمما ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلدى ھەمدە پۈتكۈل ئەس يادى بىلەن سىزنىڭ ۋە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى! سىلەرنىڭ ئورتاق بولغان ئائىلەڭلەر ئۈچۈن، ئۇ ئالدىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىقى ۋە گۈزەللىكىنى پۇشايمانسىز ھالدا بەدەل قىلىپ تۆلىدى؛ ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىرىنى، ھەرقانچە كۆپ پۇلغىمۇ تىگىشىپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ.
بۇندىن باشقا، ئاياللارمۇ ئۆزۈڭلارنى بەك تۆۋەن چاغلاپ قالماڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى ھېچنمىگە يارىمايدىغان، قىممىتى يوق ھىس قىلماڭلار. سىلەرنىڭ بەرگەن قۇربانلىقىڭلار، سىلەر تۆلىگەن بەدەللەر ۋە سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجىرلەر، سىلەرنىڭ قىممىتىڭلارنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ.