ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار بۇ ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلمىسا ئۆيى بۇزۇلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەسلى مەقسەت بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايال كىشى ئەر كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاندىن كۈندە دىگۈدەك كوتۇلداپ، ھەممە ئىشتا كۆزىڭىزگە كىرىشىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ قارىشىدا، ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاندىن سىزگە كوتۇلدايدۇ؛ لىكىن ئەرلەرنىڭ قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئايال كىشىنى يولسىزلىق ھەم تەتۈرلۈك قىلىۋاتىدۇ، كاللىسى جايىدا بولماي قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئايال كىشى ئۆيىنىڭ ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى خالىمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىشى كىرەك.

داۋلى چۈشەنمەي يولسىزلىق قىلىش
    ئاياللارنىڭ ئازراق يولىسز، جاھىل ھەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئاچچىقى بار بولۇشى نورمال بىر ئىش؛ ئەرلەر بۇنداق ئايال كىشىدىن بىزار بولىدۇ ئەمەس، ئەكسىچە بۇنداق ئاياللارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق توي قىلغاندىن كىيىن، يولسىزلىق قىلىدىغان داۋلى چۈشەنمەي تەتۈرلۈك قىلىدىغان مىجەزىڭىزنى ئىمكان قەدەر تاشلاڭ. بەزى ئائىلىلەردە، ئىرى بىر قەدەر كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئاتا-ئانىسىغا سوۋغات سېتىۋالسا، ئايالى توختىماي كوتۇلداپ، ئىرىنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالىدۇ؛ بۇ، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا قەتئى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشى سىزنى بۇ ئائىلىگە ئىتىبار بىلەن قارىمايدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە بۇ ۋاقىتتا ئادەتتە سىز بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ۋە سىز بىلەن جىدەل قىلمايدۇ؛ بىراق، ئاراڭلاردا چاك پەيدا بولۇپ، مۇناسىۋىتىڭلار زىددىيەت بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىدىغان ھالەتكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.
ئىرىدىن تولا گۇمان قىلىش
     ئاياللار ئىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەمىشە ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ يۈرىدۇ؛ پات-پاتلا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ ئېغىزىدىن گەپ ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئىرىنىڭ يانفونى ۋە پۇل قاپچۇقىنى  ئاختۇرۇپ قويىدۇ دىگەندەك. بۇنداق ئەھۋالدا، گەرچە ئەر كىشى سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ، بىراق سىزنىڭ قىلمىشڭىز ئوتتۇرلۇقۇڭلاردىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرالمايدۇ؛ ئەكسىچە،  ئەر كىشى ئۆيدە چوڭقۇرراق تىنىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان دەرىجىدە بېسىم ھىس قىلىپ، سىزنى ماڭا پۈتۈنلەي ئىشەنمەيدىكەن دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ ھەمدە سىزنى كۆرسە بارغانسىرى ئىچى پۇشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئەر كىشى سىز بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمىسىغۇ ياخشى، ئەمما ئۇ ئەگەر ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قالسا، ئارىدا جىدەل پەيدا بولۇشى ئىنىقلا گەپ. بۇنداق مۇھىتقا كىرىپ قالغان ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، تەدرىجى ھالدا بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号