ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
30يىلدىن بۇيانقى تويلىشىش ۋە ئاجرىشىش نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    2017-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ‰10.9-4.5ئارىسىغا مەركەزلەشكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەن. ئاجرىشىش نىسبىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەربى جەنۇپتىن شەرقى شىمالغا قاراپ، دۆلىتمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى تەدرىجى تۈردە ئېشىپ ماڭغان.
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، تويلىشىش ۋە ئاجرىشىش نىسبىتى، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 2018-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىكى دۆلىتىمىزدە تويلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 10مىليۇن 108مىڭ جۈپ بولۇپ، ئاجرىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرغانلار بولسا، جەمئى 3مىليۇن 801مىڭ جۈپ ئىكەن. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن، توردا يەنە بىر قېتىملىق تويلىشىش ئاجرىشىش ھەققىدىكى مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى.
    30يىلدىن بويان، تويلىشىش نىسبىتى بىر ھەسسە تۆۋەنلىگەن، ئاجرىشىش نىسبىتى بولسا بىر ھەسسە ئۆرلىگەن
    ئالاقىدار ئورۇنلار ئېلىپ بارغان ھەمدە 30يىلغا يېقىن سوزۇلغان سىتاستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1988-يىلدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دۆلىتىمىزدىكى تويلىشىش نىسبىتى  ‰16.6دىن  ‰7.7گە تۆۋەنلىگەن.
   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 1988-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاجرىشىش نىسبىتى ئومۇمى جەھەتتىن ئېشىپ بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. 2017-يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى %3.2گە يىتىپ يىڭى يۇقىرى رىكورت ياراتقان ھەمدە 1988-يىلىدىكىگە قارىغاندا 1.67ھەسسە ئۆرلىگەن.
   خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى، دۆلىتىمىزدىكى توي قىلغانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانى ئەڭ يۇقىرى قىممەت 26مىڭ  900 جۈپكە يەتكەندىن كىيىن، تەدرىجى ھالدا تۆۋەنلەشكە باشلاپ، 2017-يىلىغا يەتكەندە، توي قىلغانلارنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانى 12مىڭ جۈپكە چۈشۈپ قالغان. ئاجراشقانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئومۇمى نوپۇس سانى 960مىليۇنغا يەتكەن 1978-يىلىدا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 800جۈپ ئەر-خوتۇن ئاجرىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇدىغان بولۇپ، 2017-يىلى ئومۇمى نۇپۇس سانى بىر مىليارد 390مىليۇنغا يەتكەن، ئاجراشقانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانى بولسا، 11مىڭ 980جۈپكە يەتكەن.
    ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ سىتاستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر 1978-يىلىدىكى تويلاشقانلار ۋە ئاجراشقانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلساق، 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئاجراشقانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1397.5گە يەتكەن بولۇپ، ئەينى يىلىدىكى تويلاشقانلار كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سانى ئېشىش نىسبىتىنىڭ (%81.88) 17ھەسسىسىگە يەتكەن.
    خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىدىكى ئاجراشقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، شاڭخەي شەھىرىدىكى تويلاشقانلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز
   مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسى ئاجرىشىش نىسبىتىنى ھىسابلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، 2017-يىللىق ھەرقايسى جايلاردىكى تويلىشىش ۋە ئاجرىشىش نىسبىتىنى ھىسابلاپ چىققان. بۇ قېتىملىق ھىسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى دۆلىتىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىكى تويلىشىش نىسبىتى  ‰10.9-4.5ئارىسىغا مەركەزلەشكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەن.
    ئاجرىشىش نىسبىتى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، غەربى جەنۇپتىن شەرقى شىمالغا قاراپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى تەدرىجى تۈردە ئېشىپ ماڭغان. 2017-يىلىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئون رايوننىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا جايلاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %4.6كە يەتكەن؛ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
    ئاجرىشىش نىسبىتى تويلىشىش نىسبىتىگە يېقىنلىپ قالغان
   ھەرقايسى جايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ۋە ئاجرىشىش نىسبىتى ئوتتۇرسىدىكى پەرق زادى قانچىلىك چوڭ؟ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىكى دۆلىتىمىز ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ۋە ئاجرىشىش نىسبىتى پەرق قىممىتى  ‰9.2-2.4ئارىسىدا بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەينىڭ پەرق قىممىتى ئەڭ كىچىك بولۇپ، پەقەت  ‰2.4 ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号