ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندا بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىلىدۇ؛ چۈنكى بېسىم بەك ئېغىر بولغاچقا، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلار كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە، كۈنلىرى ئەڭ تەس بىر جۈپلەر ھىسابلىنىدۇ.
   ئوتتۇرا ياشلىق ئەر خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت، خۇددى ئوڭ قولى سول قولىنى سىيلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق سىزىم ياكى تۇيغۇ بولمايدۇ، ھەتتا ئۆز-ئارا كۆزلىرىگە سىغمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا، رومانتىكلىق، شىرىنچىلىك دىگەنلەر ئەسلا بولمايدۇ.
     بەزىدە ھەتتا، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى ئەيىبلەشمەي، بىر-بىرىدىن ئاغرىنماي، ئۆز-ئارا سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلمىسا، ئىنتايىن ياخشى ئۆتىۋاتقان ھىسابلىنىدۇ.
    ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇنداق تېتىقسىزمۇ؟
    ئەمىلىيەتتە ئۇلار، ئىككەيلەن شۇنچە يىلنى بىرگە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا يېغىپ توپلىغان مۇھەببەت، ئىشەنچ ۋە بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. يېشى كىچىك بولغان ئاشىق-مەشۇقلارغا قارىغاندا، ئۇلار كۆپ يىللاردىن بىرىقى ئاسان ئەمەسلىكنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىشى كىرەك؛ ياشىنىپ قالغان ئەر-خوتۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا بولسا، ئۇلار يېنىدىكى بۇ ھەمراھىنىڭ تېخىچە يېنىدا ھايات بار ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا بىر-بىرىگە تايانچ بولۇپ ئۆتەۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولۇشى كىرەك.
    ئادەم ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە ھەقىقى لازىم بولىدىغان نەرسىنىڭ، بەلكىم ھېرىپ قالماسلىق ۋە ئارامبەخىش ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىپ يىتەلىشى مۇمكىن. ئىككى ئادەم شۇنچە ئۇزۇن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتنى بەلكىم ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولماسلىقى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەلب قېتىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئازراق بىنورماللىق كۆرۈلسىلا، ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن، قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئازاپنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ھەرقانداق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەن ۋاقىتتا، تۇرمۇش ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇن، ياغ، گۈرۈچلەردىن ئاشمايدۇ؛ شۇڭا بۇ مەزگىلدە، ئاددى-ساددىلىق ئىچىدە، ئورتاق تىرىشىپ ئورۇنلاش، ئەڭ مۇھىم ھىسابلىنىدۇ.
     قارىماققا ئىنتايىن بەك ئاددىيدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئەمما بۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قوغلىشىدىغان بەخىت ئەمەسمۇ؟
    ئاددى، قانائەتچان، خۇشاللىق. سىز قوغلاشقا ئۇ باياشاتچىلىق، دەبدەبىلىك مۇھەببەت دىگەنلەر، بەلكىم كىچە ئاسمىنىدا يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئاقار يۇلتۇز بولۇشى مۇمكىن؛ پەقەت ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى، دەبدەبلىك بولمىسىمۇ مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇھەببەت بولسا، ئاندىن ھەممىدىن بەك قەدىرلەشكە تىگىشلىك ھىسياتتۇر.
    ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىسى قېرىپ كەتكەن بولىدۇ، بالىلىرى بولسا، ئايرىلىپ چىقىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، بىر-بىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادىمى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلار قارشى تەرەپ ئۈچۈن تېخىمۇ بەكرەك ئويلىشىپ ھەمدە قارشى تەرەپنى تېخىمۇ  كۆپرەك قوللاپ تەسەللى بىرىپ، بۇ مەزگىلدىكى بېسىم ئىنتايىن ئېغىر بولغان كۈنلەرنى ئورتاق يۈزلىنىپ ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، "ياشانغان ئاشىق-مەشۇقلارغا" ئايلىنىلايدۇ. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى ئەھمىيىتى، ياشلىق مەزگىللىرىدىكى كۆڭۈل خوشلىرى ئەمەس، ياشانغان ۋاقىتتىكى پاراڭلىشىپ يار يۆلەكتە بولىدىغان ھەمراھلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەسلىك ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تايانچ بولۇشتۇر. بۇ ئاندىن ھەقىقى تۈردىكى رومانتىكىلىق ھىسيات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号