ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا تېخىمۇ مۇھتاج. ھەرقانداق بىر تەرەپ ھۇرۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ئىش كۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، تۇرمۇشتىكى بەزىبىر قىلمىشلار سەۋەپلىك تەھدىتكە ئۇچراپ، بەزىدە ھەتتا ئاجرىشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    بولۇپمۇ ئاياللار، ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق قامدىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر ئائىلىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئار-نۇمۇسى ئۇلارغا باغلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەت قىلمىشلىرى، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى، ھەتتا پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا، ئاياللار ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى، ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كىرەك؛ بولمىغاندا، ئارىلىقتىكى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىپ، ئەر كىشىنى كىتىشكە قىستىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
    توي تۇرمىشىدا، ئاياللارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتكە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
"ئاجرىشىمەن"دىگەن سۆزنى ھەمىشە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىك
    بەزى ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىتىبار بىلەن قارىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ھەمىشە "ئاجرىشىپ كىتىمەن" دىگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ؛ ئەلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ سۆز ئارقىلىق ئەر كىشىگە تەھدىت سالماقچى ۋە ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
    بىراق، "بۆرە كەلدى"نىڭ ھىكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز، يالغاننى كۆپ سۆزلەۋەرگەندە، راستقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەر كىشى بىرىنچى قېتىم بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا بەلكىم ئەنسىرەپ، سىزگە يول قويۇشى، سىزنى بەزلەپ خۇشامەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما قېتىم سانى كۆپەيگەنسىرى، ئۇلار بىزارلىق ھىس قىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى ھەمىشە ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمىسىڭىز، ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئەمەس بەلكى بىزارلىقىنى قوزغاپ قويىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتا ئۇلارنى ئايرىلىپ كىتىشكە قىستاپ قويىشىڭىز مۇمكىن.
پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاش
    توي تۇرمۇشىدا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۆز-ئارا كەڭ قوساق بولىشى كىرەك؛ مەيلى قانداق ئىش بولمىسۇن، ھەممىسى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئىشى بولۇپ، ئىككەيلەن بىرلىكتە يۈزلىنىشكە ۋە ھەل قىلىشقا مۇھتاج.
    ئەگەر ئايال كىشى، ھەرقانداق ئىشلاردا پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئەگەر ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە چېتىلمايدىغانلا ئىشلار بولسا، ئەزەلدىن ئىرىگە ھەمدەمدە بولۇشۇپ بەرمىسە، ياكى ئۇنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارى بولمىسا، ئاياللارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئاستىدا، ئەر كىشى ئىلگىرى سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرمىسۇن، سىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدۇ.
ھەممە ئىشقا چات كېرىۋىلىش
    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئىككى ئائىلىدە، يەنى ئىككى خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بولغاچقا، ئىدىيە ۋە قاراش، مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيە جەھەتلەردە ئوخشاشماسلىقلار بولىدۇ. ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە كەڭ قوساق بولۇشقا تىرىشىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىمەن دىمەسلىكى كىرەك؛ قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈشكە قسىتاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
    ئەگەر ئايال كىشى، مەيلى قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولسۇن، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋىلىپ، ھەممە ئشىلاردا مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلىش كىرەك دەپ تۇرۋالسا، بۇ خىل قىلمىش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنى ياراتماسلىق ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولماسلىق
    بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنمىز، ئۇنىڭ بارلىقىنى ياخشى كۆرىشىمىز كىرەك؛ جۈملىدىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە بىر تۇققانلىرىنىمۇ ئۆزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇققانلىرىدەك كۆرۈش كىرەك. ئۇلارنى راستىنلا ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچبولمىغاندا ئىرىنىڭ ئالدىدا ئىپادىلەپ چىقارماسلىق كىرەك.
    ئەگەر ئايال كىشى، ھەمىشە قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنى ياراتماي، ئۇلارنى نەزىرىگە ئىلىپ قويمىسا ھەمدە قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالسا، ئەر كىشى ئىلگىرى ئۇ ئايال كىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرىقى سۆز
   ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى، ئىككى تەرەپنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە بەدەل تۆلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ئىھتىياجلىق. ئاياللارمۇ، ئەر كىشى چوقۇم ماڭا يول قويۇشى كىرەك دەپ تۇرىۋالماي، ئادەتتە ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى، ئەر كىشىنىڭ ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىۋەرمەسلىكى كىرەك. بولمىغاندا، ئەر كىشىنىڭ تاقىتى تۈگەپ ئايرىلىپ كىتىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号