ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدىكى قىزىقارلىق قانۇنىيەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
قىزغىن مۇھەببەتلىشىش قانۇنىيىتى
    مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىر ئەركىشى ھەرقانچە دۆت، ھەرقانچە ئىچ مىجەز بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ئۆزىگە خاس بولغان، ئايال كىشىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالايدىغان ئەركىلەش ئۇسۇلى ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش ماھارەتلىرى بار بولىدۇ. بىر ئايال كىشى، ئادەتتە مەيلى ھەرقانچە زىرەك، ھەرقانچە يامان ۋە جەزبىدار بولسۇن، پەقەت مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆككەندىن كىيىنلا، ئەقلى-ئىقتىدارى نۆلگە ئايلىنىدۇ.
سىناش قانۇنىيىتى
    ھەممەيلەن ئاياللار ئەرلەرنى سىناشقا ئامراق كىلىدۇ دىيىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەت ئىچىدە، ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت سىنايدىغان مەزمۇن ۋە ئۇسۇل ئوخشاش بولمايدۇ. ئەرلەر بىر ئايال كىشىنى سىنىغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى سىناش ئۇسۇلى ۋە مەقسىتى بولسا، مەڭگۈ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىتىبار بىلەن قاراش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى بولىدۇ.
بىكىتىلىشنى ساقلاش قانۇنىيىتى
    ئەرلەر ھەمىشە كىيىنكى قېتىملىق قىز دوستۇم تېخىمۇ چىرايلىق، مۇلايىم ھەم چوڭ سۈپەت كىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ؛ ئاياللار بولسا كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ۋە مۇلايىم كەلگەن ئەرنى مەڭگۈ ئۇچرىتالمايمەن دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، ئەرلەر ھەمىشە تاۋان تاشلاپ، قىز دوستى بىلەن كۆپ چاتىغى بولماي، "بىرگە ئۆتەلىسەم بەختىم، ئايرىلىپ كىتىپ قالسام ئۆزەمنىڭ شورى" دىگەن پىسخىكىدا ئۆتىدۇ؛ ئاياللار بولسا، ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئىزچىل تۈردە خۇشامەت قىلىش ۋە مۇرەسسەگە چۈشۈش داۋامىدا، ئۆزىنىڭ قۇرۇق خىيالىغا چۆكۈپ ئۆتىدۇ.
شەرتلىك بەلگە قانۇنىيىتى
    بىر ئەر كىشى ئەگەر سىرتقى قىياپىتى رەتسىز، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان كەلسە، ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداقلىكى ئادەمنىڭ بىرىنچى ئويلايدىغىنى، ئۇ ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ئىرىنى رەتلىك ياساپ قويۇشنىمۇ بىلمەيدىغان ساپاسىز ئايالكەن دەپ ئەيىبلەش بولىدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشى سىرتقى قىياپىتى رەتسىز، ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى، "قايسى بىر نەس باسقان ئەر كىشى بۇ ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالغاندۇ، ھەقىقەتەن بەك تەلەيسىز ئىكەن" دىيىش بولىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى
    مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئەر كىشىنىڭ كەينىدە، ئۇنى قوللايدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدىغان بىر ئايال كىشى بار بولىدۇ؛ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئايال كىشىنىڭ كەينىدە بولسا، تايىنىشقا يارىمايدىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر ئەر كىشى بار بولىدۇ.
ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپ قانۇنىيىتى
    مەيلى قانچىلىك ياخشى كۆرمىسۇن، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، ئەر كىشى ئاۋال ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىنى ئىنىق بىكىتىپ قويۇپ، ئەگەر ئايال كىشى ئۇنىڭ ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىغا تىگىش قىلسىلا، ئۇلار ئىدراكلىق ھالدا بۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ ھەمدە ئۆرۈلۈپلا كىتىپ قالىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئايال كىشى بولسا، مۇھەببەتلىشىشتىن ئاۋال قارىماققا نۇرغۇنلىغان چەككۈ-چۈككە شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بىلەن، مۇھەببەتكە چۆككەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىنى چېكى يوق ھالدا بوشىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئاخىرىقى نوقتىنى تاپالماي قالىدۇ. ئەمما، چۆكۈپ قېلىش ۋە ئەس-ھۇشىنى تېپىش پەقەت بىردەملىكلا ئىش بولۇپ، ئايال كىشى ئەگەر ئەس-ھۇشىنى تېپىپلا قالسا، ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن ھەم رەھىمسىز بولۇپ كىتىدۇ.
ئايرىپ قاراش قانۇنىيىتى
    ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن، ئەر كىشى ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ماھىيىتىگە قارايدۇ، ئايال كىشى بولسا ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەمنىڭ خارەكتىرىگە قارايدۇ. ئەرلەر كۆپىنچە ئىش ئادەمنى ئاساس قىلماي ئىشنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىش پوزىتسىيەسىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ، ئەمما ئايال كىشى بولسا، ئىشنى ئاساس قىلماي ئادەمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەرلەر ئىش يامان ئەمەس بولسىلا، ئادەمنىڭ ياخشى يامان بولۇشى بىلەن چاتىغى بولمايدۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا بولسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ئاياللار بولسا، ئادەم ياخشى بولمىسا، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ، ھەمكارلىشىشتا خەۋپ بەك يۇقىرى دەپ قارايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号