ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بوۋاقنىڭ توختىماي يىغلىشىنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھىندىستاندا، بىر ئوغۇل بوۋاق تۇيۇقسىزلا توختىماي يىغلايدىغان بولۇپ قالغان؛ بوۋاقنىڭ مومىسى بالىنىڭ بېشىنى سىيلاپ، ئازراق بىنورماللىق بارلىقىنى سەزگەن ھەمدە نەخ مەيداندا ئايلىنىپ يېقىپ چۈشكىلى تاسلا قالغان. ئەسلىدە، بوۋاقنىڭ توختىماي يىغلىشى، بېشىنىڭ ئاغرىغانلىقىدىن بولۇپ، مومىسى ئۇنىڭ بېشىدا نۇرغۇنلىغان قان تەپچىپ تۇرغان كىچىك تۈشۈكچىلەرنىڭ بارلىقىنى، تۆشۈكچە ئىچىدە يەنە نامەلۇم بىر جىسىمنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
    بوۋاقنىڭ ئۆيىدىكىلەر، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان؛ دوختۇرخانىدا، دوختۇرلار بوۋاقنىڭ بېشىنى X نۇرىدا سۈرەتكە ئېلىپ كۆرگەندىن كىيىن، ھەممەيلەن ھەيرانلىقتىن ئېغىزلىرىنى يۇمالمايلا قالغان. چۈنكى Xنۇرى سۈرىتىدە، بوۋاقنىڭ بېشىدا 10تال يىڭنىسىمان جىسم بارلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
    دوختۇرلار كەينىدىنلا بوۋاقنى ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇردى.
    دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ بېشىدىن 10 تال كىيىم تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان يىڭنىنى ئالغان ۋاقتىدا، دوختۇرلارمۇ بۇنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ قىلغان ئىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى.
   ئەسلىدە بوۋاقنىڭ ئانىسى، بوۋاقنىڭ يىغلاپ ئۆزىگە تەسىر كۆرستىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئىشنىپ، ئۆز ئوغىلىغا زەھەرخەندە قولىنى ئۇزاتقان—بوۋاقنىڭ مىڭە قىسىم نىرىپلىرىغا يىڭنە سانجىش ئارقىلىق، بوۋاقنى تىنچلاندۇرماقچى بولغان. بوۋاقنىڭ دادىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بۇ خىل تىراگىدىيەنىڭ يۈز بىرىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号