ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشنىسىنى تاشلاپ ئائىلىگە قايتقان ئەرلەر قانداق ھىسياتتا بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەرلەر ھەمىشە، ئۆزىنىڭ تالاغا قاراش سەۋەبىنى ئائىلسىنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قالغانلىقىغا، ئايالىدىن زىرىكىش ھىس قىلغانلىقىغا ئارتىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن قاچقانلىقىغا سەۋەپ ئىزدەيدۇ. بىراق ئەرلەر تالاغا قارىغان ۋاقىتتا، ئۇلار راستىنلا ئايالى ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىشنى ئويلاشقان ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ تالاغا قارىشى، ناھايىتى بىر دەملىك كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار ئەمىلىيەتتە ئايالى بىلەن ئاجرىشىشنى خالىمايدۇ.
    شۇڭلاشقا، كۆپ قىسىم تالاغا قارىغان ئەرلەر، ئايالى تەرپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كىيىن، يۇۋاشلىقچە ئائىلىگە قايتىشنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار نىمە ئۈچۈن بىز ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئۆيدىن زىرىككەن، ئائىلىنى بەخىتسىز ھىس قىلغان دىگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ تۆۋەندە، تالاغا قاراش تارىخى بولغان بىر نەچچە ئەر كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى!
جاڭ تاۋ، 32 ياش، ئاشنىسىغا ئازراق كۆڭلى چۈشۈپ قالغان
    مىنىڭ ئاشنام بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىم بىر يىلغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىلىپ كەتكىنىمىزگىمۇ خېلى بولدى، بىراق مەن ھازىرمۇ بەزىدە ئۇنى ئەسلەپ قالىمەن. مىنىڭچە، ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مىھرى-مۇھەببەت بار؛ ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، ماڭا ھەرگىز ئارتۇق تەلەپ قويمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ئايالىمنىڭ مەندىن ئاقرىشىپ كىتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى دەرھال ئۈزدۈم، ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىكەنمەن. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ئايالىمنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدىم، ؛ لىكىن، مەن ھازىرمۇ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلمايمەن؛ ئايالىم بىلەن ئىككىمىز گەرچە ئاجرىشىپ كەتمىگەن بولساقمۇ، ئەمما ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت قالمىغان، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز نامدا بار ئەمىلىيەتتە يوق بولۇپ قالدى.
ۋاڭ ئەپەندىم، 40 ياش، گەرچە ئايالىم بىلەن بالامغا كۆزۈم قىيمىسىمۇ، ئەمما مەن راستىنلا ئۆيگە قايتىشنى خالىمايمەن
    ئەينى ۋاقىتتا، ئايالىم تالاغا قارىغانلىقىمنى بىلىپ قالغان ۋاقىتتا، مەن پۈتۈنلەي ھۇدۇقۇپ كەتتىم. ئۇ چاغدا، ئايالىمنىڭ يىغلاپ ئېقىپ  كەتكىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ئىنتايىن بىئارام بولغان،  ھەمدە تالاغا قارىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلغان ئىدىم؛ ئەمما كىيىنچە ئائىلىگە قايتقاندىن كىيىن، مەن ئەكسىچە، ئۈچىنچى شەخىس بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
    مەيلى ئىلگىرىكى ۋاقىت بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئايالىم بەك زومىگەر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئىشتا ئىنچىكە ھىساب قىلىپ تۇرۋالىدۇ، بىرەر ئېغىز گەپ خاتا كىتىپ قالسا، شۇ ھامان يۈز ئۆرۈپ، ئېقىنى ئاق قارىسىنى قارا ئايرىپ چىقىدۇ. مەن ئەينى چاغدا تالاغا قاراشنىڭ ئالدىدىلا ئۆيگە قايتىشنى بەك خالاپ كەتمەيتتىم؛ چۈنكى، ئۆيگە قايتىش مەن ئۈچۈن بىر خىل ئازاپ-ئوقۇبەت ھىسابلىناتتى. ئەپسۇس، مەندە ھازىرمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ بار.
لىيۇ بو، 33ياش، مەن ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيمەن، ئەمدى ئۇنداق خاتا ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن
    مەن ئەينى ۋاقىتتا تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم؛ ئايالىم مىنى كۆرەگە كۆزى يوقلۇقىنى ئېيتقاچقا، مەن ئۇنى يەنە خاپا قىلىشقا چىدىماي، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشقا قوشۇلدۇم. لىكىن ئەمىلىيەتتە، مەن يەنىلا ئايالىمغا قىيالمايتتىم، شۇڭا كىيىنچە كۈندە قېيىنئاتامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يالۋۇرۇپ، ئايالىم بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئۆتۈندۈم.
    كىيىن بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەن ئايالىم بىلەن قايتا يارىشىۋالدىم. مەن شۇ ۋاقىتتىلا بۇندىن كىيىن، ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى ئىككىنچى قىلمايمەن دەپ نىيەت قىلدىم.
ئاخىرىقى سۆز
    ئۈچىنچى شەخىستىن ئايرىلىپ ئۆيگە قايتىشنى تاللىغان ئەرلەر، قانداق ھىسياتتا بولىدۇ؟ يۇقارقى بىر نەچچە ئەر كىشى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرىنى ئېيتقان؛ بەزىلىرى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىنمۇ بەخىتلىك بولالمىغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشنىسىنى ئۇنتىيالماي قالغان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆيگە قايتقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، خاتالىقىنى ياخشى تۇنىغان ھەمدە قايتا قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىغان بەختىنى تېخىمۇ قەدىرلىگەن.
    مانا بۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى پەرق؛ سىز بىر بۆلەك ھىسياتقا پۈتۈن نىيىتىڭىز بىلەن ئاتلانغان ۋاقتىڭىزدا، سىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايسىز. ئەمما سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلمەي ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، سىز تەبىئىلا بۇ بۆلەك ھىسياتتىن رازى بولالمايسىز. شۇڭا، بەخىتلىك بولۇش ياكى بەخىتسىز بولۇش، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق تاللاش قىلىشىڭىزدا بولۇپ، بۇ ھەرگىز جۈپتىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号