ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ۋاقىتلاردا سىز بىلەن ئالاقىلاشقىنى ياخشى ئايال ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قىزلارنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلمىغان ياخشى؛ چۈنكى ھەرقانچە ئويلىغان بىلەنمۇ پەرەز قىلىپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى، ئۆمرىدە ئويلاپ تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماق ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئوي-خىياللىرى مىنۇتتا بىر ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئەر كىشى خاتا پەرەز قىلىپ قويسا، ئايال كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
   ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئاياللار خىيالى ئىنچىكە بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇنلىغان مەخپىيەتلىكلەرنى كۆڭلىدە ساقلاپ سىرتقا ئاشكارىلىمايدۇ، پەقەت ئۇلار ئۆزلىرى دىمىسە، ئەرلەر ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ بىر خۇسۇسىيىتى سەۋەپلىك، نۇرغۇن ئەرلەر بەزى ئاياللارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كىتىدۇ.
    ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ بۇ ئۈچ ۋاقىتتا سىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ياكى ئالاقىلاشمايدىغانلىقىغا قارىسىڭىز بولىدۇ.
پەقەت سىزگە ئىھتىياجلىق بولغاندىلا ئاندىن سىزنى ئىزدەيدۇ
    ئەگەر ئايال كىشى سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرسە، ئۇ تۇرمۇشىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىز بىلەن باغلاشتۇرۇپ،، خۇشاللىق ئىش بار ۋاقىتتا بىرىنچى ۋاقىتتا سىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىدۇ، كۆڭلى يېرىم ۋاقىتتىمۇ سىزگە ھال-دەرت ئېيتىپ، سىزنىڭ تەسەللىرىڭىزگە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ. ئۇ سىزگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن بوش ۋاقتىڭىز بار يوقلۇقىنى سورايدۇ، كەينىدىن سىزدىن ياردەم قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ؛ مەيلى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ نەرسە-كىرەك يۆتكەش بولسۇن، ياكى ئۇنىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پۇل تۆلەيدىغان ئىش بولسۇن، سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئەمما سىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىڭىز قالمىغاندىن كىيىن، سىز بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، سىز بىلەن قايتا ئالاقىلاشمايدۇ.
     بۇ خىلدىكى، سىزگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئاندىن سىزنى ئىزدەيدىغان ئايال كىشى، كۆپىنچە سىزنى زاپاس قوشۇن قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، بۇنداق ئاياللاردىن ئەڭ ياخشىسى يېراقراق تۇرىشىڭىز كىرەك.
زىرىكىپ قالغان ۋاقتىدا ئاندىن سىزنى ئىزدەيدۇ
    بىر ئايال كىشى سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇ يوق، ئۇنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىمۇ سىزنى ئەسلەيدىغان ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بىلىشكە بولىدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، مىھماندارچىلىقى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا سىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۇنۇتماي، سىزنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
     بىراق، ئەگەر بىر ئايال كىشى پەقەت زىرىكىپ قالغان ۋاقىتتا سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەمدە ھەرقېتىم پاراڭلاشقاندا سورىغانغا جاۋاپ قىلىپ، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭ تېمىسى چىقارمىسڭىز ئاراڭلاردا قىلىشقۇدەك باشقا گەپ يوق بولۇپ قالسا ۋە ئۇ ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭ تىمىسى چىقارمىسا، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىزنىڭ يوقلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە نەچچە ئېغىز جاۋاپ قايتۇرىدۇكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بىكارچىلىقتىن زىرىكىپ قالغان، ئەمىلىيەتتە بولسا سىزنى ناھايىتى زاپاسقا قويۇپ قويغان بولىدۇ.
پۇل لازىم بولغاندا ئاندىن سىزنى ئىزدەيدۇ
     پۇل—ھىسياتنى سىنايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل؛ بىر ئايال كىشىنىڭ پۇلغا تۇتقان پوزۇتسىيەسىدىن، ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى، سىز بىلەن  جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدۇ؛ سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز قالماي، ھەممە ئادەم سىزنى تاشلاپ سىزنى ياراتمىغان ۋاقىتتىمۇ، ئۇ يەنىلا سىزنىڭ يېنىڭىزدا سىزگە ھەمرا بولۇپ، سىزدىن ئايرىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ، سىزنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىڭىزگە ۋە سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھامان بەخىت ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتلەردىن قورقۇپ قالمايدۇ.
    ئەمما ناچار ئايال كىشى بولسا، پەقەت سىزنىڭ پۇلىڭىزنى خەجلەشنىلا بىلىدىغان بولۇپ، پەقەت پۇل لازىم بولغاندىلا ئاندىن سىزنى ئىسىگە ئالىدۇ، پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل خەجلىشىڭىز لازىم بولغاندىلا ياكى ئۇ كىيىم سېتىۋالماقچى بولغاندىلا ئاندىن سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئۇنىڭ سىز بىلەن ئايرىلىشپ كىتىش باھانىسى مەڭگۈ بىرلا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سىز بەك نامرات.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号