ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇل دوستى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن مەجنۇن قىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سۈرەتتىكى يىغلامسىراپ ئولتۇرغان بۇ قىز تايلاندلىق چۈنتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بەخىتكە قارشى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كىتىپ، ئىككىسى چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە ئۈلگىرەلمىگەن؛ بىراق چۈنتى، ئىككەيلەننىڭ ئەسلىدە كىلىشكىنى بويىچە، ۋاقتىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغان.
    ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى، ئەمدى 25ياشقا كىرگەن قاملاشقان بىر ساقچى يىگىت بولۇپ، ئىسمى شەن نالۇڭ ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ناھايىتى تىزلا توينىڭ ئالدىدىكى چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە كىلىشكەن؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئوغۇل دوستى يېقىندا موتۇتسىكىلىت ھەيدەپ ئۇنى ئالغىلى ماڭغاندا، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
    ئوغۇل دوستىنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بۇ مەجنۇن قىز، كىلىشكىنى بويىچە چاي ئىچكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
    چاي ئىچكۈزۈش مۇراسىمىدا، چۈنتى ئوغۇل دوستىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئوغۇل دوستىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا تويلۇق ئۈزۈكنى تاقاپ مۇراسىمنى ئاياغلاشتۇرغان. ئۇ ئەسلىدە، تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادىتى بويىچە، مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، شەن نالۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئاتا-ئانىسىغا تازىم قىلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن دەپ ئويلىغان، بىراق رىئاللىق ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
    چۈنتى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل دوستىنى سۈيۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقتا.
    ئىككەيلەننىڭ تويلۇق ئۈزۈكى.
    بۇ سۈرەت، چۈنتىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ ھايات ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، چۈنتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوغۇل دوستى گەرچە بۇ ئالەمدىن كۆز يۇمغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبى مەڭگۈ بىرگە ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号