ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تالاغا قارىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى نىمىشقا "يۇۋاش" ئەرلەر بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قىزىنى ياتلىق قىلغان ۋاقىتتا، ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇنداق بىر ئورتاق قاراش بولىدۇ: قىزىمنى يۇۋاش بىر ئەر كىشىگە ياتلىق قىلسام، مەن تېخىمۇ خاتىرجەم بولالايمەن. ھەتتا بەزى ياشقا چوڭ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىرىنى ماختىغاندىمۇ، "ئىرىمنىڭ گەرچە چوڭ بىڭسىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزى يۇۋاش، مىنى كۆپ خاپا قىلمايدۇ" دەپ ماختىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدا ئېيتىلغان "خاپا قىلماسلىق" كۆپىنچە ھاللاردا ئەر كىشىنىڭ سىرتلاردا باشقا ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولىدۇ.
    بىراق، مىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، تالاغا قارايدىغان ئەرلەر، كۆپىنچە قارىماققا "يۇۋاش" كۆرۈنىدىغان ئەرلەر ئىكەن. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ تۆۋەندە توي قىلىپ بولغان ئۈچ ئايال كىشى، ئۆز كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان؛ بىز تۆۋەندە بىرلىكتە ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
شەن شەن، 34 ياش، توي قىلغىلى بەش يىل بولغان
   مەن نسىبەتەن كىچىكىپ توي قىلغان. 29ياشقا كىرگەن يىلى، مەن ئۆزۈممۈ ئازراق جىددىلىشىپ قالدىم؛ شۇنىڭ بىلەن، باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ھازىرقى ئىرىم بىلەن تۇنۇشتۇم، ئۇ يۇۋاش يۇمشاق بىر ئەر ئىدى.  ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئويۇم ناھايىتى ئاددى ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچىلىك ئەردىن بىرسىگە ياتلىق بولساملا بولغىنى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى تاللىغان ئىدىم.
    سىرتتا، ئۇ ھەتتا بىرتال چۈمىلىگىمۇ زىيىنى يەتمەيدىغان يۇۋاش بىر ئادەم، ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، قارت ئوينىمايدۇ ھەم ئادەم تىللىمايدۇ؛ بىراق بۇ، ئۇنىڭ چوڭلارنىڭ ئالدىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بولسا ئازراقمۇ "يۇۋاش" ئەمەس. مەن نەچچە قېتىم ئۇنى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە تۇتىۋالدىم، ئۇنى ئوڭشىلىپ قالار دىگەن ئىدىم. ئۇ ئادەتتە نىمە دىسەم ياق دىمەيتتى، نىمىنى قىلىڭ دىسەم شۇنى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىشقا يارىم بارمايتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بايقىغان ۋاقتىمدا، مەن ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلغان؛ بىراق، ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەردى، ساختىلىقنى بەك ئوخشىتىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا، يۇۋاش كۆرۈنىدىغان ئادەم ئەمىلىيەتتە ئەڭ يۇۋاش ئەمەس ئادەم ئىكەن.
شىياۋ چى، 27ياش، توي قىلغىلى 2يىل بولغان
    ئىرىمنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇرۇن ئەسكەر بولغان دادام ئولتۇرالمايلا قالدى؛ دادام شۇ ھامانلا ئىرىمنى چاقىرتىپ كىلىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: "ساڭا قارىسام خېلى يۇۋاش كۆرۈنىسەن، مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلارنىمۇ قىلامسەن". ئەزەلدىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان ئىرىم تۇيۇقسىزلا بىر ئېغىز جاۋاپ قايتۇردى: "مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى يۇۋاش ئادەم دەپ باقمىغان، بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر ئۆزۈڭلار شۇنداق قارىۋىلىپ كەلگەن". بۇ گەپنى قىلغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراق بىر خىجىل بولۇش دىگەنلەر كۆرۈنمەيتتى؛ مەن شۇ ۋاقىتتا، ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلغىلىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قالغان بۇ ئەركىشىنىڭ شۇنداق ناتۇنۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
    ھازىرغىچە ئىسىمدە، بىرىنچى قېتىم ئىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ۋاقىتتا، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئىرىمنىڭ بىرمۇنچە ياخشى گەپلىرىنى قىلىشقان. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئىرىم كىچىكىدىنلا ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئىش ئۇقىدىغان ھەم يۇۋاش كەلگەن بالا ئىكەن، ئاتا-ئانىسى نىمە دىسە شۇنىڭغا ماقۇل دەيدىكەن....قېيىنئاتاممۇ ئۇنى ماختاپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن ياخشى ئوقۇيالمىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ بولسا يۈزىنى يۇرۇق قىلىپ ياخشى ئادەم بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئويناۋاتقان ئويۇندەك قىلاتتى.
چېن چېن، 36ياش، توي قىلغىلى 12يىل بولغان
   دوستلىرىم مىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ھەممىسى ئىشىنەلمەيلا قېلىشتى؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىرىم شۇنداق بىر ياخشى ئەر ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، توي قىلىپ 12يىل ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، مىنىڭ ئاجرىشىمەن دەپلا ئاجراشقانلىقىم ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ئىدى. بۇنىڭغا مەن ئىچىمدە كۈلۈپلا قويدۇم، ئەگەر راستىنلا ئۇلار دىگەندەك ياخشى بولسا، مەن نىمىشقا ئاجرىشىپ كىتەتتىم؟ ئۇ ياخشى بولالمىغاچقا، مەن ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتىم.
    12 يىل ئىچىدە، مەن ئۇنىڭ تالاغا قاراش قىلمىشىنى ئۈچ قېتىم تۇتىۋالدىم؛ بىرىنچى قېتىم، ئۇ "قارشى تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىنى ئىزدىگەنلىكتىن، بىردەملىك قىزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەي خاتالىشىپتىمەن" دىگەن باھانىنى تاپتى، بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، بۇ قېتىم ئۇنى كەچۈردۈم. كەينىدىن ئىككىنچى قېتىملىقى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىقى يۈز بەردى، مىنىڭ بايقىمىغانلىرىمدىن يەنە بارمۇ يوق، تېخى بۇنى بىلمەيمەن. بۇنداق تۇرمۇشتىن ئاخىرى زىرىكىش ھىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىش قارارىغا كەلدىم، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتىم. ئۇنىڭ "يۇۋاش" ئادەملىكىگە كەلسەك، باشقىلار راستىنلا ئۇنىڭ ساختا سىرتقى كۈرنىشىگە ئالدىنىپ قالغان ئىدى.
ئاخىرقى سۆز
    دۇنيادا، ھەقىقى تۈردە يۇۋاش كەلگەن ئادەم ئىنتايىن ئاز. ئاشۇ ئاتالمىش يۇۋاش كىشىلەر، ئۇلار پەقەت پايدا-زىيان، تەننەرخ، مەسئۇلىيەت دىگەنلەرنى ياخشى ئويلاشقاندىن كىيىن، ئاندىن تالاغا قاراشنى تاللىمىغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم بىر ئادەمنى يۇۋاش ئادەم ئىكەن دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلماڭ؛ چۈنكى بۇ، ئەسلىدىنلا بىر ساختا ئۇقۇم. ئۇلار ئەزەلدىن يۇۋاش ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ ساختا سىرتقى ئىپادىسىگە قاراپ قايمۇقۇپ، ئۇلارنى يۇۋاش ئادەم دەپ ئويلاپ قالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号