ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سەكسەن سەككىز ئاشنىسى بار ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    "بويتاق ھالەتتىكى بىر ئايال، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ قوغلىشىشىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ھەتتا ئىلگىرىكى ئىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە."
    ئۆزىدىكى "چوڭ ئاياللىق" ئىدىيىسىگە تايىنىپ، ئايال چولپان جاڭ يۈچى، بىر مەزگىل توردا كىشىلەرنىڭ ياخشى تۇيغۇسىنى قوزغىدى.
    بىراق جاڭ يۈچىنىڭ ئۇ شەھۋەتپەرەسلىكلىرى، بۈگۈن بىز سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان "سەتچىلىككە قېلىشتىكى ئايال پادىشاھ" دەپ نام ئالغان ئايالغا سېلىشتۇرغاندا، تۈگىنىڭ ئالدىدىكى تۈگمىدەك كۆرۈنىدۇ.
    ھەممە كىشىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرىغان بۇ "سەتچىلىككە قېلىش ئايال پادىشاھى"، ياۋرۇ-ئامىرىكا جەمئىيتىدىكى ئىسىلزادىلەر چەمبىرىكىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتى بولسا ئاگەيىر كىنەز خانىمى.
   ئۇ، ئەنگىلىيە ئاگەيىر كىنەز يىئىن.كەنبىرنىڭ ئۈچىنچى ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەنگىلىيەنى زىل-زىلگە كەلتۈرۋىتىشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇ كىنەز بىلەن ئاجراشقان ۋاقتىدا، كىنەزنىڭ ئۇنىڭ 88 ئەركىشى بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئىدى.
    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ ئاشنىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك نام-ئابرويلۇق كىشىلەردىن ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشنا قوشۇنى ئىچىدە، ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەزاسىدىن ئۈچەيلەن، ئەنگىلىيە ئىچكى كابىنت مىنىستىرلىرىدىن ئىككەيلەن بار ئىكەن؛ بۇندىن باشقا يەنە تېخى ئامىرىكا كىننىدى جەمەتىنىڭ ئەزالىرىمۇ بار ئىكەن.
    ئۇنداقتا، بۇ كىنەز خانىمنىڭ زادى قانداق سىھرى كۈچى باردۇ؟
    كىنەز خانىم بولۇشنىڭ ئالدىدا، كىشىلەر ئۇنى ماگرىت دەپ ئاتىشاتتى.
    ئۇ ئەسلىدىلا چوڭ بىر ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ، شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان؛ ئائىلىسى ئىنتايىن پۇلدار بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماددى جەھەتتە ھېچقانداق غېمى يوق چوڭ بولغان. بۇ سەۋەپلىك، ئۇ تەبىئىلا ياخشى تەربىيە قوبۇل قىلىشى كىرەك؛ شۇڭا ئۇ، 14 يېشىدىلا نىيورۇكقا ئوقۇشقا بارغان.
    ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى جايىدا، چىراي گۈزەل بولغاچقا، نامى يېراقلارغا تارقىلىپ، 20ياشقا كىرە-كىرمەيلا، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سۆز-چۆچەكلەر ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.
    "ھوللىۋود مۆتىۋىرى" دەپ نام ئالغان داۋىد.نىۋىنمۇ ئۇنىڭ قوغلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرسى ئىدى. داۋىد ئىلگىرى "نىل دەرياسىدىكى قاتىللىق دىلوسى" ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن داڭ چىقارغان كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
    ماگىرىت، كىنەز خانىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان. بىرىنچى قېتىملىقى، 1930-يىلى، ماگىرىت ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمراھى بولۇشنى ئۈمىت قىلىپ، ۋوركىر گىراف بىلەن تويلىشىشقا كىلىشپ چاي ئىچۈرۈشكەن.
    بىراق، "ياشلىق—پاشىلىق" دىگەنگە ئوخشاش، تويلىشىشقا پۈتۈشۈپ چاي ئىچىرۈشمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا داۋاملىق شاللاقلىق قىلىپ ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولالمىغان. شۇڭا توينى قىلماي تۇرۇپلا باشقىسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئالدىدىكى پۈتۈشكەن توي سۇغا چىلاشقان.
    ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ماگرىت بۇ قېتىم راستىنلا توي قىلغان. ئوغۇل تەرەپ، ئامىرىكا گولف توپ چولپىنى چارلىز.سىۋىن بولۇپ، ناھايىتى قاملاشقان بىر يىگىت ئىدى.

    ئۇلار تويدىن كىيىن، بىر مەزگىل ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتكەن بولۇپ، ئارىلىقتا ئۈچ بالىلىق بولغان.
    بۇ قېتىمقى توي 14يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن ئاخىرلاشقان.
    ئەمما ئارىلىقتىن يەنە تۆت يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ماگرىت يىڭى مۇھەببەتتىن بىرنى تاپتى. ئۇ ئاگەيىر كىنەز بىلەن توي قىلىپ، بىراقلا نام-ئابرويلۇق كىنەز خانىمغا ئايلاندى.
    بەلكىم ماگرىتنى بەك چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىدىن بولسا كىرەك، كىنەز، ماگرىتنىڭ ئۆزىگە سادىق بولۇشىغا ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغان ئىدى.
    ئاخىرى، كۆڭلى ھەر خىل گۇمانلار بىلەن تولغان كىنەز ھەرىكەتكە كەلدى. ئۇ ماگرىتنىڭ نىيورۇكقا ساياھەتكە كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قۇلۇپ ئاچقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ماگرىتنىڭ لوندوندىكى ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇزدى.
   ئۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى، ئەمىلىيەتتە كىنەزگە نۇرغۇنلىغان پارتلاتقۇچ بومبىلار ساقلانغان ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانغا باراۋەر بولۇپ، كىنەزنىڭ ئىرىشكىنى، ماگرىتنىڭ تالاغا قارىشىغا ئائىت ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سۈرەتلەر ۋە مۇھەببەت خەتلىرى ئىدى.
    ئەمىلىيەت ئالدىدا، كىنەز ئۆز-ئۆزىنى ئالداشنى خالىماي، ماگرىت بىلەن بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللىدى.
    1963-يىلى، كىنەز رەسمى يۇسۇندا ئاجرىشىش ئەرزى سۇندى.
    ئۇ ھەتتا، ماگرىت تۇغۇپ بەرگەن ئىككى بالىسىنىڭمۇ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلاتتى. ئاساسلىقى، ماگرىتنىڭ ئاشنىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى "مەينەت ئايال كىنەز" دەپ مەسخىرە قىلىشاتتى.
    پۈتكۈل خەلق ئاممىسى، ماگرىتنىڭ ئاشنىلىرىنىڭ ئارىسىدا كىملەر ھەققىدە بارلىقىنى پەرەز قىلىشپ ئۆز-ئارا بەسلەشتى. بۇ جەرياندا، ماگرىتىنىڭ ئاشنىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى "باشسىز ئەر" دەپ نام ئالغان بىرسى، ئەينى ۋاقىتتا ھەممىدىن بەك قىزىق نوقتىغا ئايلانغان.
    بۇنىڭدىكى سەۋەپ، كىنەز خانىم ئىلگىرى، بۇ "باشسىز ئەر" بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىۋاتقان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرغان؛ بىراق ئۇ ئەرنىڭ چىراي قىسىمىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمىغاچقا، كىشىلەر ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقان؛ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرەپمۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
    توردا بىر مەھەل بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەر تىغ ئۇچىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى دىنكىن.سانچىسقا قاراتقان.
    چۈنكى، بۇ سۈرەت باۋلىلەي ئاپاراتىدا تارتىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا، باۋلىلەي سۈرەت ئاپاراتى پەقەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىلا بار ئىدى؛ شۇڭا، كىنەز سوت مەيدانىدا بۇنى ئىسپات قىلىپ كۆتۈرۈپ چىققان.
    بۇ خىل سۆز-چۆچەك پىتنە-ئىغۋالار، مەيلى ياكى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن، ئاخىرىقى نەتىجىدە يەنىلا، دىنكىن.سانچىسنىڭ بۇ سەۋەپلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    يېقىنقى بىر نەچچە يىلغا كەلگۈچىلىكمۇ، ئەنگىلىيىلىكلەر، بۇ كوچا پارىڭىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ كەلگەن ئىدى.
    ئەمما 2013-يىلىغا كەلگەندە، ماگرىتنىڭ كىلىنى ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى.
    ئەسلىدە، ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان "باشسىز ئەر" كىچىك بىر ئەرباپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى فەنمىي ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل باش نازارەتچىسى ئىكەن.
    گەرچە شاللاقلىقتا نامى چىققان بولسىمۇ، ئەمما ماگرىت كىنەز بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىن، ئىزچىل تۈردە بويتاق ياشاپ كەلگەن.
    ياشانغان مەزگىللىرىدە ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، سالغان مەبلەغلىرى ھەممىسى مەغلۇپ بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان.
    پۇل يوق بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمە خاتىرىلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان؛ يەنە تېخى ئۆزىنىڭ ئۆيننى ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىكىسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن.
    بىراق، ئۇ يەنىلا تۈزۈكرەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر، ھېچقانداق مال دۇنياسى يوق ھالدا دۇنيادىن ئايرىلغان.
    كۆردىڭىزمۇ؟ مانا بۇ ھەقىقى تۈردىكى ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ ياشىغانلىق بولىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە، ئايلىق كىرىمنى ئايدا خەجلەپ تۈگىتىدىغان ئادەم بولۇشتىن باش تارتمىغان.
    ماگرىتنىڭ بۇ تارىخى، يېقىندا يەنە توردىكى قىزىق نوقتا خەۋرىگە ئايلاندى. چۈنكى BBC، كىنەز خانىمنىڭ ھىكايىسىنى تىلىۋىزىيە-تىياتىرى قىلىپ ئىشلەشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
    چۈنكى، ماگرىتنىڭ ھاياتى، ئازدۇر-كۆپتۇر رىۋايەت تۈسى ئالغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ، سەتچىلىك سۈرەتلىرى ئاشكارىلىنىش سەۋەبىدىن، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئىزا-ئاھانەتكە ئۇچرىغان ئايال ئىدى.
    ئۇنداقتا يىڭى بىر مەسىلە تۇغۇلدى: سىزنىڭچە، بۇنداق شاللاق ئيال، ھازىرقى جەمئىيەتتە بولسا، يەنە شۇنداق پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە ئۇچرارمىدى؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号